2019-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تارقىلىپ، ئارقىدىن پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان ۋە ھازىرغا قەدەر پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 7 مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار قايتا باشلانماقتا. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سەھىيە تۆۋەن كومىتېتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ 17-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئائىت تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىكى ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، كوۋىد-19 ۋىرۇسى ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىكى سەۋەنلىك تۈپەيلى تاسادىپىي چىقىپ كەتكەن بولۇشى ئېھتىماللىقى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، بۇ خىل چىقىپ كېتىش ۋەقەسى بىر قېتىمدىن ئارتۇق يۈ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى سودا-ئىقتىساد، تېخنولوگىيە، كىشىلىك ھوقۇق، تەمىنلەش زەنجىرى، گېئو-سىياسى، گېو-ئىستراتېگىيە، تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا. خىتاي ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىن تارقالغانلىقىنى رەت قىلسىمۇ، لېكىن خەلقئارانىڭ ۋۇخەندە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، ۋىرۇستا يۇقۇملانغان تۇنجى بىمارلارنىڭ تېببىي سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
«لاي سۇلار: كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى» ناملىق 300 بەتلىك مەزكۇر دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، «نۇرغۇن ۋاسىتىلىك دەلىللەر» ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقات جەريانىدا «ئېھتىياتسىزلىق» تۈپەيلى چىقىپ كېتىپ، كەڭ كۆلەملىك يۇقۇمنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن. دوكلاتتا، خىتاينىڭ كوۋىد-19 ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا تەتقىقاتىنى ۋىرۇس كەڭ تارقىلىشتىن بۇرۇنلا باشلىغانلىقى، چۈنكى ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى چىقىپ كېتىشى 2019-يىلى 9-ئايدىن بۇرۇن بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەنگە تارقىلىشىدىن ساراسىمغا چۈشكەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دەرھال ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا تەتقىقاتىغا كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالاقزادىلىك ئىچىدە ئالدىراپ-سالدىراپ ۋاكسىنا تەتقىقاتىغا كىرىشىشى، ۋىرۇسىنىڭ 2-قېتىم تاسادىپىي چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنياۋى يۇقۇمغا سەۋەب بولغان ئىكەن. خىتاي گېن ۋە ۋىرۇس تەتقىقاتىغا ناھايىتى نۇرغۇن پۇل خەجلىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەجرىبىخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئىزچىل ئەندىشە قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە كوۋىد-19 غا ئوخشاش ئەجەللىك ۋىرۇسلارنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دېگەن ئەندىشىنى كۈچەيتمەكتە.
سابىق ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلىك باش ئىستىخبارات دىرېكتورى جون رەتكىلىف 18-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى قارمىقىدىكى سەھىيە تۆۋەن كومىتېتىنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇۋاھلىق يىغىنىدا، ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقى ئەڭ ئىشەنچلىك چۈشەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جون رەتكىلىف مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ۋىرۇس پارتلىغان ۋە يۇقۇمغا ئايلانغان تۇنجى يىلى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ئىستىخباراتىغا ھەرقانداق كىشىدىن كۆپ ئېرىشكەن كىشى بولۇش سۈپىتىدىكى باھايىم، ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقى بۇرۇنمۇ ۋە ھازىرمۇ ئىستىخباراتىمىز، ئىلىم-پەن ۋە ئەقلىمىز تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن بىردىن-بىر ئىشەنچلىك چەشەندۈرۈشتۇر».
جون رەتكىلىف يەنە ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئالغاندا، ئەگەر ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقىغا دائىر ئىستىخبارات ۋە دەلىللەرنى، ئۇنىڭ تەبىئىي تارقالغانلىقىغا دائىر نەزەرىيە بىلەن يانمۇ-يان قويسا، ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقىغا ئائىت دەلىللەرنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جون رەتكىلىفنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر بۇ گۇۋاھلىق يىغىنى بىر سوت بولۇپ قالغان بولسا، ئىستىخبارات ئورگانلىرى تەمىنلىگەن دەلىللەر زاسېداتىللارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزى دۇنياۋى يۇقۇمغا جاۋابكار ئىكەنلىكىگە قايىل بولار ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە بۇ بىر سوت بولغان بولسا، بىزنىڭ ئىستىخباراتىمىز تەمىنلىگەن قوشۇمچە دەلىللەر زاسېداتىللارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزى يۇقۇمنىڭ دۇنياغا تارتىلىشىغا جاۋابكار، دەپ ئەيىبلەشنى تەلەپ قىلغان بولاتتى. ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيەسى ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى يوشۇرۇش، تېببئىي ئەسلىھەلەرنى، ئەۋرىشكە، سانلىق مەلۇماتلارنى بۇزۇۋېتىش، شاھىتلارنى ۋە سوئال سورىغان مۇخبىرلارنى قورقۇتۇش ياكى يوقۇتۇۋېتىش، خەلقئارا سەھىيە دائىرىلىرىنى يالغان سۆزلەش ياكى زوراۋانلىق قىلىش، ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكادىن تارقالغانلىقى توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش جىنايىتى سادىر قىلغان بولاتتى».
يىغىنىدا سابىق ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەيۋىد فەئىس گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا دائىر «ئايدىڭلاشتۇرغۇچى دەلىللەر» دىكى يېتەرسىزلىك ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ زىيانلىق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن. دەيۋىد فەئىس، ھۆكۈمەتنىڭ كوۋىد-19 ۋىرۇسىغا دائىر تېخىمۇ كۆپ مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى سىناق قىلىش كېرەك. دۆلەت مەجلىسى يېقىندا قانۇن ماقۇللاپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ 90 كۈن ئىچىدە كوۋىد-19 ۋىرۇسىغا ئائىت مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىستىخبارات ئورگانلىرى ۋە ھەر قايسى ئىدارىلەرنىڭ 2020 ۋە 2021-يىلىدىن بۇيانقى 3-قېتىملىق سىنىقىدۇر. شۈبھىسىزكى، ھۆكۈمەتتە ئاممىغا ئاشكارىلىمىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بار».
دەيۋىد فەئىسنىڭ ئېيتىشىچە، كوۋىد-19 ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغان تۇنجى بىمار ۋىرۇسنڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاشتا يەنىلا مۇھىم ئىكەن.
دەيۋىد فەئىس مۇنداق دەيدۇ: «يۇقۇملانغان بىمار تەتقىقاتچى يەنىلا يالغۇز ۋە ياردەمسىز تۇرماقتا. ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزىنىڭ 2020-يىلى 1-ئايدا ئېنىقلىغان يۇقۇم توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى يەنىلا تۇنجى يۇقۇمدارنىڭ كىم ۋە قانداق بولغانلىقىغا ئېنىقلاشتا مۇھىم يىپ ئۇچىدۇر. ھېچقانداق بىر يەردە يۇقۇمنىڭ ھايۋاندىن تارقالغانلىقى كۆرسىتىلىپ باقمىدى. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ترامپ ھۆكۈمىتىگە ئوخشاشلا تۇنجى بىمارغا ئائىت ئېلان قىلىپ بارمىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرى بار».
لېكىن دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى رائۇل رىئۇزنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئېيتىشىچە، كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاشتا مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق كېرەك ئىكەن.
رائۇل رىئۇس: «مەن بىزنىڭ بۇ ئىشنى پارتىيەلەر ھالقىغان ئاساستا ئېلىپ بېرىشىمىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. كوۋىد-19 يۇقۇمى دۇنيا سەھىيە بىخەتەرلىكى، يۇقۇمغا تەييارلىق كۆرۈش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ قانداق باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. شۇڭا، بىز ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈشتە چوقۇم ئىلمىي ۋە دەلىللەر ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشىمىز…. . بىز بۇ ئىشنى سىياسىيلاشتۇرماسلىقىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سەھىيە تۆۋەن كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا، كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ ھايۋانلاردىن ئادەملەرگە تەبىئىي يوللار بىلەن يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدىنمۇ ئانالىز ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن تاسادىپىي چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ يەنىلا يۇقىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا خۇلاسىلىنىشىچە، «نۇرغۇن ئۇچۇرلار تەتقىقات جەريانىدا ھادىسە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەم بۇنى مەنتىقلىق» دەپ قارىغان بولۇپ، بۇ ھادىسىنىڭ «ۋاكسىنا تەتقىقاتى جەريانىدا بىئو-بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىدىكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن تاسادىپىي يۈز بەرگەن بولۇشى كۈچلۈك» ئىكەن.