ۋۇخەندە كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەر 40 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

ۋۇخەن شەھىرىدە كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئەسلى ئېلان قىلغان ساندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەنمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى ۋۇخەنگە قارىتىلغان ئىككى ئايلىق كارانتىن بۇيرۇقلىرىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، يەرلىك دەپنە ئىشلىرىنى بېجىرىش ئورگانلىرى ئائىلىلەرگە بۇ ھەپتىدىن باشلاپ كېلىپ دەپنە قىلىنغان تۇغقانلىرىنىڭ جەسەت كۈلىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇرغان.

ۋۇخەندىكى 7 چوڭ دەپنە ئۆيى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدىن بۇيان كۈنىگە 500 ئادەمنىڭ جەسەت كۈلىنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇشقا باشلىغان.

ئىجتىمائىي مېدىياغا چاپلانغان بەزى ئۇچۇرلاردا بۇ 7 ئورۇننىڭ كۈنىگە جەمئىي 3500 جەسەت كۈلىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى يېزىلغان.

دەپنە ئۆيلىرى جەسەت كۈللىرىنىڭ 5-ئاپىرىلدىكى قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمىدىن بۇرۇن ئائىلىلەرگە تارقىتىلىپ بولىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. جەسەت كۈللىرى 23-مارتتىن باشلاپ جەمئىي 12 كۈن تارقىتىلىدىغان بولۇپ، شۇنداق بولغاندا بۇ جەرياندا جەمئىي 42 مىڭ جەسەت كۇلى كوزىسى تارقىتىلىدىكەن.

كىشىلەر شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ۋىرۇستا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ھۆكۈمەت ستاتىستىكا ئىدارىلىرى تارقاتقان ساندىن بىر نەچچە ھەسسە ئارتۇق چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان.

ۋۇخەندىن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جاڭ فامىلىلىك بىر كىشى ۋۇخەندىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ توختىماي ئىشلىگەنلىكىنى، شۇنداق بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ساندا گۇمان بارلىقىنى ئېيتقان.

يەنە بەزى پەرەزلەردە ۋۇخەندە مەزكۇر ۋىرۇستا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 46 مىڭغا يېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماۋ فامىلىلىك بىرەيلەن ۋۇخەندە كۆپىنچەيلەننىڭ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 40 مىڭدىن ئارتۇقلۇقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي دائىرىلىرى كورونا ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ پەقەت ۋۇخەن شەھىرىدىلا 2500 ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.