خىتايدا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ساختا مەھسۇلاتلار يامراشقا باشلىغان

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇس پۈتۈن دۇنياغا يامرىغان مەزگىلدە خىتاينىڭ چوڭ-كىچىك شىركەتلىرى بارلىق دىققىتىنى كورونا ۋىرۇسىغا قارشى مەھسۇلاتلارغا قاراتقان بولغاچقا، خىتايدا كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ساختا مەھسۇلاتلار يامراشقا باشلىغان.

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەتتا بىر ئادەم خىتايدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىغا قۇرۇلغان بىر زاۋۇتتا Honeywell N95 ماسكىلىرىنىڭ ساختىسىنى ياساپ چىققان. خىتايدىكى دورا دۇكانلىرى Clorox تازىلاش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۈنۈمسىز ساختىلىرىنى سېتىشقا باشلىغان.

دائىرىلەر بىر ئۆلكىدىنلا 70 مىليون دانە ساختا، ياكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان ماسكىلارنى مۇسادىرە قىلغان.

بۇ خىلدىكى ساختا مەھسۇلاتلار خەلقئارا بازارغىمۇ ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان.

ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىگە خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن كورونا ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنىڭ ئەسلى ئېلان قىلىنغىنىدەك 80 پىرسەنت بولماستىن، ئاران 30 پىرسەنتكە ئۇلاشقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.

خىتاينىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكى تۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، بۇ ئۈسكۈنىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ئەسلىھەلەرنى ئىشلەش رۇخسىتىگە ئېرىشمىگەن شېنجېندىكى بىر بىئوخىمىيە زاۋۇتى ئىشلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شېنجېندىكى بازار باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ مەسىلىگە قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتايدىكى سۈپەت تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ساختا ماسكا، تېرمومېتىر ۋە دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ياساش زاۋۇتلىرىنى تاقىغان.

بۇ خىل ھادىسىلەر خىتاينىڭ ھەممە يېرىدە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. خىتاي ساقچىلىرى ھەتتا بەزى زاۋۇتلارنىڭ كورونا ۋىرۇسىغا قارشى ساختا دورىلارنىمۇ ياسىغانلىقىنى بايقىغان.