ئاقساراينىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پىتېر ناۋاررو خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى دۇنيادىن مەخپىي تۇتۇش قاتارلىق بىر نەچچە قىلمىشى بىلەن مىڭلىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، يەكشەنبە كۈنى «فوكۇس» تېلېۋىزىيەسى بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبەت جەريانىدا يەنە ۋىرۇس ۋاباسى جەريانىدا خىتاينىڭ قىلغانلىرىنى ساناپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ جەرياندا نېمە قىلغانلىقىنى سورىسىڭىز ئۇلار نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان 4 تۈرلۈك ئىشنى قىلدى. بىرىنچىسى، بۇ ۋىرۇس خىتايدا دۇنياغا كەلدى. ئىككىنچىسى، خىتاي بۇنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن مەخپىي تۇتتى. ئۈچىنچىسى، ئۇلار سەھىيە قوغدىنىش ئەسلىھەلىرىنى توپلىدى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇنىڭدىن پايدا ئېلىۋاتىدۇ.»
ئۇ يەنە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى مەسىلىسىدىمۇ توختالدى ۋە ۋىرۇس مەركىزىنىڭ ۋۇخەندىكى ۋىرولوگىيە لابوراتورىيەسىگە يېقىن بىر جايدا ئىكەنلىكنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە ۋىرۇس مەركىزىنىڭ ئۇ لابوراتورىيە ئەمەسلىكنى ئىسپاتلاش خىتاينىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.»
پىتېر ناۋاررونىڭ ئېيتىشىچە، ۋىرۇس خىتايدا بايقىلىپ ۋىرۇسنىڭ تارالغانلىقى ئاشكارا ئېلان قىلىنغىنىچە بولغان 6 ھەپتە ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ۋىرۇسنى دۇنيا خەلقىدىن يوشۇرغان ۋە بۇ جەرياندا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە سەھىيە قوغدىنىش ئەسلىھەلىرىنى جىددىي توپلىغان.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىر خىتاي توننىلىغان قوغدىنىش ئەسلىھەلىرىنى بېسىۋالدى ۋە بۇنى پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. مەندە خىتايدا 0. 5 دوللارغا سېتىلىدىغان ماسكىلارنىڭ بۇ يەردىكى دوختۇرخانىلارغا 8 دوللاردىن سېتىلىۋاتقانلىقىغا ئائىت مەلۇماتلار بار.»
ئەڭ دەسلەپ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالغان كورونا ۋىرۇسى نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىغا يامراپ ئاز دېگەندە 2 مىليون 367 مىڭ ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان، 163 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.
«نيويورك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتە خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى «M 3» ۋە «ھانېييۋېل» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى شىركەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئاقسارايغا شىكايەت قىلىپ، خىتاينىڭ يانۋار ئېيىدىلا مەزكۇر شىركەتلەر خىتايدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ئۇلار خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىشى قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.