خېبېيدا 400 مىڭ ئادەم قاتتىق چەكلىمە ئاستىغا ئېلىغان

كورونا ۋىرۇسى بېيجىڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا قايتا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، 28-ئىيۇن خىتاي دائىرىلىرى خېبېي قاتارلىق جايلاردا 400 مىڭ ئادەمنى قاتتىق چەكلىمە ئاستىغا ئالغان.

«ئاسىيا خەۋەر قانىلى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەزىيەتنىڭ «ئېغىر ۋە مۇرەككەپ» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەڭ دەسلەپ خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە باشلانغان كورونا ۋىرۇسى دۇنيا بويىچە يەكشەنبە كۈنىگىچە 10 مىليون ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان، 500 مىڭغا يېقىن ئادىمىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋىرۇسنىڭ ئۆزىدىن باشلانغانلىقىنى ئىزچىل تەن ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە ۋىرۇسنى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئەمما شۇنداقتىمۇ مەزكۇر ۋىرۇس 11-ئىيۇن بېيجىڭ شەھىرىدە قايتا بايقالغاندىن بۇيان پەقەت بېيقىڭدىلا ھازىرقىغا كەلگۈچە 297 ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان.

14-ئىيۇن بېيجىڭدىكى يۇقۇمدارلار دەسلەپتە بايقالغانلىقى مۆلچەرلەنگەن شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى تاقالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدىن 140 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئەنشىن ناھىيەسى بېيجىڭ شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىش بازىرىنى يېڭى بېلىق بىلەن تەمىنلەيدىغان بازىلارنىڭ بىرى ئىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنشىن ناھىيەسىدە كورونا ۋىرۇسى ئىككىنچى قېتىم قوزغىلىپ ھازىرغا كەلگۈچە 13 ئادەمدە بايقالغان. نەتىجىدە دائىرىلەر ئەنشىن ناھىيەسىنى تولۇق تاقىغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، يەكشەنبە كۈندىكى تاقاش بۇيرىقىدىن كېيىن، ناھىيەگە كىرىپ-چىقىش پۈتۈنلەي چەكلەنگەندىن باشقا، ناھىيەگە قاراشلىق يېزا-مەھەللىلەرگە بېرىپ-كېلىشمۇ توختىتىلغان، مەھەللە ۋە بىنالارمۇ تاقالغان. بىر كۈندە ھەر بىر ئائىلىدىن بىرلا ئادەمنىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان.

بۇ خىلدىكى چەكلىمىلەرنىڭ قاچانغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى نامەلۇم.