گەنسۇنىڭ ۋۇۋېي تۈرمىسىدىكى 4 تۈرمە رايونىدا 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» تورى ‏4-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدە گەنسۇنىڭ ۋۇۋېي شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقى يېزىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ۋۇۋېي تۈرمىسىنىڭ بىر خادىمى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 4 تۈرمە رايونىدا بارلىقى ۋە ھەر بىر تۈرمە رايونىدا 200-300 چە ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى، يەنى بۇ تۈرمىدە ئاز دېگەندە 800، كۆپ بولغاندا 1200چە ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇلتۇر كۈز ئايلىرىدا گەنسۇنىڭ ۋۇۋېي شەھىرىدە تۈرمىگە بارىدىغان بىر يول ئىككى كۈن توسۇۋېتىلگەن. بۇ يولدىن ماشىنىلارنىڭ مېڭىشىلا ئەمەس، ھەتتا پىيادىلەرنىڭ مېڭىشىمۇ چەكلەنگەن. شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ «زىمىستان» تورى مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، يول توسۇلغان بىرىنچى كۈنى قوراللىق قىسىم ساقچىلىرى 10 نەچچە ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ، تۈرمە قورۇسىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىققان. يەنى پەرەز قىلىنىشىچە، ساقچىلار بۇ كۈنى مەھبۇس يۆتكەشنىڭ مەشىقىنى ئېلىپ بارغان. ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت ئىككى مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەھبۇسلار بېسىلغان 10 نەچچە ئاپتوبۇس ۋۇۋېي پويىز ئىستانسىدىن ئىككى كۈندىن بېرى باشقىلارغا توسۇۋېتىلگەن يول ئارقىلىق ۋۇۋېي تۈرمىسىگە قاراپ يولغا چىققان. يولنىڭ ئىككى ياقىسى قوراللىق ساقچىلار بىلەن تولغان. ھەر ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىدىن 3 ساقچى ماشىنىسى نازارەت قىلىپ ماڭغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان گەنسۇدىكى بىر تۈرمە خادىمى ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. مەھبۇسلارنىڭ ئاپتوبۇسىغا چىقىرىلىش ۋە چۈشۈرۈلۈش جەريانىنى كۆرگەن بىر گۇۋاھچىنىڭ «زىمىستان» تورى مۇخبىرىغا بايان قىلىشىچە، ھەر بىر مەھبۇس قولى كويزىلانغان، پۇتى كىشەنلەنگەن ھالەتتە ئىككى نەپەر ساقچى تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ مېڭىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ مەھبۇسلار تۈرمىگە ئەكىرىلگەن ۋە ئايرىم-ئايرىم سولانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كويزا ۋە پۇتىدىكى كىشەنلەر ئېلىۋېتىلمىگەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ «زىمىستان» تورىنىڭ مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن گەنسۇنىڭ ۋۇۋېي تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1000 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلار 20 يىللىققا قەدەر ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەنلەر ئىكەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋۇۋېي تۈرمىسىنىڭ بىر خادىمىدىن بۇ تۈرمىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن قانچىلىك ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتى يوقلىغىنى ۋە بۇ سوئالنى گەنسۇ ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ بۇ تۈرمىنىڭ قانچە تۈرمە رايونىدا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىن ئەكېلىنگەنلەرنىڭ تۆت تۈرمە رايونىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ تۆت تۈرمە رايونىنىڭ ھەر بىرىدە قانچىلىك ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ھەر بىرىدە 200 بىلەن 300 ئارىسىدا ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى «زىمىستان» تورى خەۋەر قىلغان مەزكۇر تۈرمىدە 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

ئۆتكەن ئايلاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا گەنسۇدىكى تۈرمە خادىملىرى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئادەتتىكى ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە مەھبۇسلار ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر كىشى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. «زىمىستان» تورىنىڭ بۇ قېتىمقى خەۋىرىدە مەھبۇسلارنىڭ كۈن بويى كويزا-كىشەنلەنگەن ھالەتتە تۇرىدىغانلىقى، ساقچىلارغا ئەگەر بۇ مەھبۇسلار قارشىلىق كۆرسىتىپلا قالسا نەق مەيداندا ئېتىۋېتىش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكى، شۇڭا مەھبۇسلار ھەر قېتىم ئىسمى چاقىرىلغاندا چۆچۈيدىغانلىقى ۋە ئالاقزادە بولىدىغانلىقى يېزىلغان.

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بىر خەۋىرىدە ئۆتكەن يىلى خىتاي بويىچە 34 تۈرمىنىڭ كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۈرمە ۋە لاگېرغا پاتماي قالغان ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش، بارغانسېرى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان لاگېر مەسىلىسىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەھبۇس يۆتكىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.