پۈتۈن دۇنيادا «8-مارت ئاياللار بايرىمى» تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ھالى ۋە ئارزۇ-تىلەكلىرىنى بىلىش ئۈچۈن مۇخبىرىمىز قازاقىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يىللاردىن بېرى نامايىش قىلىپ كېلىۋاتقان 70 ياشلىق خالىدە ئانىنى زىيارەت قىلدى. ئۇ، يۇرتى غۇلجادىكى 3 ئوغلىدىن ئىككەيلەننىڭ 22 يىلدىن، يەنە بىر ئوغلىنىڭ 10 يىلدىن بولۇپ، جەمئىي 54 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى، 14 نەۋرىسىنىڭ يىتىمخانىلاردىن تېپىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. خالىدە ئانا 3 ئوغلىنىڭ تۈرمىدىن قويۇۋېتىلىشى، نەۋرىلىرى بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ ئۇلارنى باغرىغا بېسىش ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتتىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
70 ياشلىق بىر ئانىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 3 يىلدىن ئارتۇق نامايىش قىلىشى، ھەر قېتىم قان بېسىمى ئۆرلەپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندا تۈرمىدىكى 3 ئوغلىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ھوشىغا كېلىشى، ئۇنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنىڭ سالمىقىنى كۆرسىتىشكە يېتەرلىك ئىدى. بىز ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پات-پات سىماسى كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان، يىغا-زارىسى ۋە غەزەپ-نەپرەتلىرى قۇلاقلىرىمىزغا تونۇشلۇق بولغان خالىدە ئانىنى زىيارەت قىلدۇق.
خالىدە ئانا «8 -مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» نىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇغان ئىدى. ئۇ گەپنى ھەر كۈنلۈك نامايىشىنىڭ تېمىسى بولغان تۈرمىدىكى 3 ئوغلىنىڭ ئەھۋالىدىن باشلىدى: «سېتىۋالدى، روزىجان، ئەخمەتجان! »

بۇ ئۈچ ئىسىمنى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 20 قېتىم ئېغىزدىن چىقىرىش، ئۇنىڭ دۇنياغا قىلغان مۇراجىئىتىنى، شۇنداقلا خىتايغا بولغان نەپرىتىنى ئىپادىلىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى 7 يىلدىن بېرى كۆرەلمىگەن بۇ يۈرەك پارىلىرىغا بولغان سېغىنىش ئوتىنى بېسىش ئۈچۈنمۇ بىر چارە بولغان.
بىر-بىرىدىن كېلىشكەن ھەم بەستلىك بۇ ئۈچ ئوغۇل، پەقەت ئوقۇغان نامازلىرى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتتىن چەتنىمىگەن تەرتىپ-ئىنتىزاملىق ھاياتى سەۋەبلىك ئىككىسى 22 يىللىقتىن، بىر نەپىرى 10 يىللىق بولۇپ، جەمئىي 54 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
ئۇلار دەسلەپتە «دۆلەت تىلى» ئۆگىنىش باھانىسى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەندە، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى توختىگۈل، مېھرىئاي ۋە شاراپەتمۇ بىللە ئەكىتىلگەن. بىر يىل 10 ئايدىن لاگېردا يېتىپ چىققان بۇ ئۈچ كېلىن، تۇتۇپ كېتىلگەندە كوچىدا قالغان 14 پەرزەنتىنى لاگېردىن چىققاندىن كېيىن يېتىمخانىلاردىن تېپىۋالغان.
خالىدە ئانىنى ئەڭ ئېچىندۇرغىنى، ئۈچ كېلىنىڭ نازۇك تېنىنىڭ لاگېردا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىشىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تولۇق ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدا قويۇلغان تاپىنىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چاچلىرىنىڭ كېسىلىپ خىتايچە كۆتمەكلەشتۈرۈلۈشى بولغان.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى خالىدە ئانىنىڭ ئوغۇللىرى، كېلىنلىرى ۋە نەۋرىلىرى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت» (ئاتا جۇرت) تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ئەربول ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى BBC قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۈنەسكە بېرىپ خالىدە ئانىنىڭ كېلىنلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغاندىمۇ، ئۈچ كېلىننى تۇرۇۋاتقان جايىدىن يۆتكەپ مۇخبىرلارنىڭ كۆزىدىن قاچۇرغان، ئاخبارات زىيارىتىگە توسالغۇ بولغان.
خالىدە ئانىنىڭ يولدىشى رەخمەتبەگ ئائىلىگە كەلگەن بۇ دەرد-ئەلەمگە بەرداشلىق بېرەلمەي جان ئۈزگەن.
دەرد ئۈستىگە قېتىلغان دەردلەر خالىدە ئانىنىڭ يۈرىكىدە خىتايغا قارىتا چەكسىز نەپرەتكە، بالىلىرىنى سېغىنىش تۇيغۇلىرى بولسا كاتتا بىر سەۋر-چىدام ۋە غەيرەتكە تۈرتكە بولغان. ئۇ، بۇ كۈچكە تايىنىپ قىلغان ئىزچىل نامايىش ۋە ئەرز-شىكايەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، 3 كېلىنىنى لاگېردىن قۇتقۇزالىغان، ئەمما ئۇلارنى تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇشقا، بولۇپمۇ ئۈچ ئوغلىنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا چامى يەتمىگەن.
ئەربول ئەپەندى، خالىدە ئانىنىڭ بىر ئانا بولۇش سۈپىتىدە قولىدىن كەلگەن بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكەنلىكى، ئەمدى گەپ زالىم ھاكىمىيەتنىڭ پەيلىنىڭ يۇمشىشى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ ياردىمىدە قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىز خالىدە ئانىغا «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» نى خاتىرىلەتكىنىمىزدە، ئۇ بۇ كۈندە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۆز ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشىنى ۋە تۈرمىدىكى يۈرەك پارىلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
يۇقىرىدا، 70 ياشلىق مۇھاجىر خالىدە ئانىنىڭ «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مەزگىلىدىكى ئېغىر ئەھۋالى ۋە ئارزۇ-تىلەكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.