رۇسىيەلىك ئالىملار پروفېسسور خالمۇرات غوپۇرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

0:00 / 0:00

كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، زىيالىيلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقىمۇ تۈركىي-مۇسۇلمان خەلقلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە نىسبەتەن پوزىتسىيەسى بارغانسېرى تېخىمۇ ئاشكارىلانماقتا. بولۇپمۇ بۇ زېمىننىڭ ئاساسىي ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش سىياسىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى، بۇ سىياسەتنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە ئۇيغۇر سەرخىللىرىگە قارىتىلغانلىقى بەس-مۇنازىرە قوزغىماقتا.

يېقىندا «ئىسرائىل قانىلى 9» تورىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى: رۇسىيە ئالىملىرى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تەقىبلەنگەن كەسىپدىشىنى ھىمايە قىلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، رۇسىيەدىكى بىر قاتار مەشھۇر ئالىملار خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ نامىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، ئۆز كەسىپدىشى، يەنى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، تېببىي پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور خالمۇرات غوپۇرنى قاماقتىن بوشىتىشنى سورىغان.

مەزكۇر ماقالىدا ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ باسقۇنچىلىق سىياسىتىگە قارشى سان-ساناقسىز قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ كەلگەن 10 مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ ھازىرمۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىر پۈتۈن مىللەت، خەلق سۈپىتىدە يوقىتىلىشقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. ماقالىدا يەنە دېيىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تۇرمۇش-تىرىكچىلىكىنى، يۈرۈش-تۇرۇشىنى خىتاي ھاكىمىيىتى قاتتىق كونترول قىلماقتىكەن. ئەر كىشىلەرگە ساقال قويۇش، ئايال كىشىلەرگە يۈزىنى يېپىش، ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا مۇسۇلمانچە ئات قويۇش، رەسمىي لاۋازىملاردىكى ئۇيغۇرلارغا روزا تۇتۇش ۋە باشقىمۇ ئەركىنلىكلەر مەنىي قىلىنغانىكەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا يۈز مىڭلاپ مۇسۇلمانلار سوت-سوراقسىز تۇتۇلۇپ، ئازاب چېكىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ لاگېرلارنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى خەلقئارا جامائەتچىلىكتىن يوشۇرماقتىكەن.

مەزكۇر خەت توغرىلىق خەۋەرلەر رۇسىيەنىڭ «ئېخو موسكۋى» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدىمۇ ئېلان قىلىنغان.

ئىجتىمائىي تورلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، رۇس تېببىي ئالىملىرىنىڭ ئوچۇق خېتى تۆۋەندىكى مەزمۇندا يېزىلغان: «بىز، رۇسىيە ئالىملىرى، كەسىپدىشىمىز ۋە دوستىمىز، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، تېببىي پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور خالمۇرات غوپۇرنىڭ تەقدىرىدىن چوڭقۇر تەشۋىشلىنىمىز. ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە 2017-يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدىن بۇيان ئۈزۈلدى، بىزنىڭ پروفېسسور خالمۇرات غوپۇر بىلەن كۆپلىگەن يىللار بىللە يۈرگۈزگەن بىرلەشكەن ئىلمىي، تېببىي تەتقىقاتلىرىمىز توختاپ قالدى. ‹پەن› ژۇرنىلىنىڭ خەۋەرلىرىدىن بىز پروفېسسور خالمۇرات غوپۇرنىڭ سىياسىي ئەيىبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۇق. پروفېسسور خالمۇرات غوپۇر ئىسمى دۇنياغا تونۇلغان ئاتاقلىق دوختۇر ۋە ئالىمدۇر. پروفېسسور خالمۇرات غوپۇر ئوتتۇز يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت رۇسىيەنىڭ ئىجادىي ئىلمىي، تېببىي ۋە بىلىم ئالاقىلىرى بىلەن باغلانغان. ئۇ پاۋلوف نامىدىكى 1-سانكىت-پېتېربۇرگ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا تېببىي پەنلەر دوكتورى دىسسېرتاتسىيەسىنى تەييارلىدى ۋە ياقىلىدى، ئىلمىي ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئىشى بىلەن شۇغۇللاندى، رۇسىيە ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئىلمىي ۋەكىللەر گۇرۇپپىسىنى ۋە دوكتور-ئوقۇغۇچىلارنى ئالماشتۇرۇش ئىشىنى ئۇيۇشتۇردى، ئالىملارنىڭ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ۋە قۇرۇلتايلىرىنى ئۇيۇشتۇردى.»

ئۆزىنىڭ ئىلمىي ۋە تېببىي ئىشلىرى ئۈچۈن خالمۇرات غوپۇر پاۋلوف نامىدىكى 1-سانكىت-پېتېربۇرگ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ، شۇنداقلا سانكىت-پېتېربۇرگتىكى تەجرىبە تېببىي ئىلمى ئىنستىتۇتىنىڭ‹پەخرىي دوكتورى› دېگەن ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولدى. بىز پروفېسسور خالمۇرات غوپۇرنىڭ ھەر قاچان ئۆز ۋەتىنىنىڭ، خىتاينىڭ ۋەتەنپەرۋەرى بولغانلىقىنى بىلىمىز. ئۇ كۆپ يىللار خىتايدا مېدىتسىنانى، ئىلىمنى ۋە بىلىمنى راۋاجلاندۇردى ھەم رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەشكە چوڭ ھەسسە قوشتى.

مۆھتەرەم شى جىنپىڭ جانابلىرى، بىز پروفېسسور خالمۇرات غوپۇرنىڭ تەقدىرىگە شەخسەن ئارىلىشىشىڭىزنى ۋە ئۇنى كەچۈرۈشىڭىزنى سوراپ، سىزگە مۇراجىئەت قىلىۋاتىمىز. بىز پروفېسسور خالمۇرات غوپۇرنىڭ تېز ئارىدا ئازاد قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

خەتتىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭغا 8 كىشى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇلار رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، پاۋلوف نامىدىكى 1-سانكىت-پېتېربۇرگ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى تېببىي پەنلەر دوكتورى، پروفېسسور سېرگېي باگنېنكو، شۇنداقلا تېببىي پەنلەر دوكتورلىرى، پروفېسسورلار، ئاكادېمىكلەر ۋادىم ۋاسىليېف، دېنىس دۇبروۋىن، ۋېكتور كلىمېنكو، ئالېكساندىر سۇۋوروف، گېنرىخ سوفرونوۋ، ۋاسىلىي تروفىموف، تېخنىكا پەنلىرىنىڭ دوكتورى، پروفېسسور ئالېكساندىر گوگول ئىكەن.

بىز يۇقىرىدا ئاتالغان بۇ خەتكە ئىمزا قويغان ئالىملارنىڭ بىرى، ھازىر رۇسىيەنىڭ سانكىت-پېتېربۇرگ شەھىرىدە ياشاۋاتقان تېببىي پەنلەر دوكتورى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دېنىس دۇبروۋىن بىلەن ئالاقىلەشتۇق.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېنىس دۇبروۋىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ خالمۇرات غوپۇرنى 30 يىلدىن بۇيان تونۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خالمۇرات بىلەن سانكىت-پېتېربۇرگتا دىسسېرتاتسىيە ئۈستىدە بىللە ئىشلىگەنتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مېنى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىپ، مەن ئۇ يەردە 20 يىل پروفېسسور بولۇپ ئىشلىدىم. ئۇ مېنىڭ يېقىن دوستۇم ۋە ئاجايىپ ئىنسان. ئۇنى سىياسىي پائالىيەت بىلەن باغلاپتۇ. ئۇ ھېچ قانداق بىر سىياسەت بىلەن شۇغۇللانمىغان. چۈنكى ئۇ ئۆپكە كېسىلى بويىچە ئاتاقلىق ئالىم بولۇپ، ئىسمى دۇنياغا تونۇلغانىدى. ئۇ ئومۇمەن ئۆز ساھەسى بويىچە ئىلىم-پەننى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر مېدىتسىناسىنى راۋاجلاندۇرغانىدى. كېيىن خىتايلار ھېچ قانداق ئۇيغۇر مېدىتسىناسى مەۋجۇت ئەمەس، بۇنىڭ بارلىقىنى ئۇ ئويدىن چىقىرىۋالغان دېگەن پىكىرلەرنى ئېيتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى خەلقئارادا ئېلان قىلىنىپ، ئۇنى پۈتكۈل دۇنيا تونۇپ بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ھېچ قانداق بىر ئىلمىي تۆھپىسى يوق دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان. خالمۇرات غوپۇرغا قويۇلغان ئەيىبكە كەلسەك، ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا كېسىلىپ، يېقىن ئارىدا بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىن دېگەن تەشۋىشلىك خەۋەرنى ئىگىلىدۇق. جازا ئىككى يىلغا كېچىكتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. بىز ئىككى يىل مابەينىدە ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇندۇق. بىز، ئالىملار، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي كونسۇللۇقى، موسكۋادىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق مۇراجىئەت قىلساقمۇ، جاۋاب ئالالمىدۇق. ھازىرقى ئوچۇق خېتىمىزنى بىز مۇمكىن قەدەر رۇسىيە ۋە خەلقئارا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپرەك ئېلان قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.»

دېنىس دۇبروۋىن يەنە ئۆز سۆزىدە مەزكۇر ئوچۇق خەتكە خالمۇرات غوپۇرنى يېقىندىن تونۇيدىغان ۋە بىلگەن ئەڭ ئاتاقلىق ئالىملارنىڭ ئىمزا قويغانلىقىنى، ئىمزا قويغۇچىلار سانىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئاسفېندىياروف نامىدىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تېببىي پەنلەر دوكتورى مارات ئاسىموف ئەپەندىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن توردىن مەزكۇر خەۋەرنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن بۇ ماڭا ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلدى. سەۋەبى مەن ئۇزۇن ۋاقىت خالمۇرات غوپۇر بىلەن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاڭلىمىغان ھەم بىلمىگەن ئىدىم. رۇسىيە ئالىملىرىنىڭ خالمۇراتنى قوللىغانلىقى مېنى قاتتىق تەۋرەندۈردى. بۇنىڭ بارلىقى خالمۇرات توغرىلىق مېنىمۇ ئەسلەشكە مەجبۇرلىدى. خالمۇرات غوپۇر كىم؟ ئۇ ئالىم، مەشھۇر دوختۇر، ئۆز ئىشىنىڭ چوڭ مۇتەخەسسىسى. كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ياخشى بىلمەيدۇ. شەخسەن ئۆزۈم مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەمەسمەن. ئەمما ئۇيغۇرنىڭ كۆپلىگەن مەسىلىلىرى مۇسۇلمانلار بىلەن زىچ باغلاشتۇرۇلماقتا. خىتاي بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى ئىسلام تېررورچىلىقىدا، دىنىي ئەسەبىيلىكىدە ئەيىبلىمەكتە. بۇ يەردە مەسىلە پەقەت بىۋاسىتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە، ئۇلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق، ئۇلارنىڭ يېرىنى بېسىۋېلىش، ئۇلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئىگىلىۋېلىش، قىسقىسى، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە تومۇرىدىن يوقىتىش توغرىسىدا بولۇۋاتىدۇ. خالمۇراتقا كەلسەم، مەن ئۇنىڭ بىلەن 1994-1995-يىللاردىن بۇيان تونۇش. مەن ئۇ چاغدا سانكىت-پۇتۇربۇرگ شەھىرىدىكى بېختېرېف نامىدىكى تېببىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، ئىشلەۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن شۇ ئىنستىتۇتتا ئۆتكەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تونۇشقانىدىم. ئۇ مېنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمگە ھەيران بولغانىدى. بىز شۇنىڭدىن تارتىپ، دوستلىشىپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئارىلىشىپ يۈردۇق. ئۇ نەچچە قېتىم ئالمۇتاغا كەلگەن. مېنىمۇ ئۇ بىر نەچچە قېتىم تەكلىپ قىلغان. 2010-يىلى قازاقىستان تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كۈچەيدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشتۈم.»

مارات ئاسىموف خالمۇرات غوپۇرنىڭ دۇنياغا تونۇلغان ئالىم بولسىمۇ، ئاساسسىز ئەيىبلەر بىلەن قامالغانلىقىنى بىلىپ، بۇنىڭغا قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ تېزرەك ئەركىلىككە چىقىشىنى چىن يۈرىكىدىن تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئونلىغان ئۇيغۇر ئالىملىرى ئازاب چېكىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغاپ كەلگەنىكەن.