بۈگۈن، يەنى 8-مارت كۈنى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
8-مارت خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمى مۇناسىۋىتى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا، پارىژنىڭ شەھەر باشلىقى ئاننا ھىدالگو، چىلىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋە ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشىل باچېلېت، بىرازىلىيەنىڭ سابىق پرېزىدېنتى دىلما روسسىف ۋە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەشھۇر رېژىسسور ۋە ئارتىس ژۇدى گودغەژ قاتارلىق دۇنياۋى تەسىرى بار ئاياللارنىڭ قاتنىشىشىدا «21-ئەسىردىكى ئاياللارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا ئاننا ھىدالگو خانىمنىڭ تەكلىپى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا ئىشلار دىرېكتورى ۋە ئاياللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەتئاي ئەركىنمۇ قاتناشتى.

زۇمرەتئاي ئەركىن مانا بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئاياللار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. زۇمرەتئاي ئەركىن پارىژدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئالدى بىلەن پۈتكۈل دۇنيادىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ۋە كۆلىمى ھەققىدە توختالدى:
زۇمرەتئاي ئەركىن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا تەشۋىق قىلىۋاتقان «خۇشال-خۇرام ھالدا ئۇسسۇل ئويناپ، بەختىيار تۇرمۇشىنى نامايان قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى» تەسۋىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان، ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى دۇچ كەلگەن غايەت زور تۇتقۇن، تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرى، خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بولىدىغان مەجبۇرىي توي، روھىي ۋە جىسمانىي قىيناق، ئائىلە جۇدالىقى ھەمدە جىنسىي خورلۇق قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن 20-ئەسىردىكى گىتلېر ناتسىزىمىنىڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى زور قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشنىڭ ئوبيېكتى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ھازىر مەزكۇر بايرامدا تەبرىكلىگۈدەك ھېچنەرسىسىنىڭ قالمىغانلىقىنى، بۇنداق بىر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قىسمەتلىرىنى ئاڭلىتىدىغان ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پارىژدىكى لاگېر شاھىتى، گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. ئۇ گەرچە ئۆزى بۇ يىغىنغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق بىر خەلقئارالىق يىغىنغا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭمۇ قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىلا مەۋجۇتلۇقى، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ھازىر بۇنداق ئېغىر ئەھۋالنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
زۇمرەتئاي ئەركىن يەنە، پارىژدىكى بۇ يىغىندا بەزى دىپلوماتلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تراگېدىيە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جازا لاگېرى سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئىنسانىي غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلۇۋاتقانلىقىنى، دۇنيا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان كىيىم-كېچەكنىڭ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان بۇ تراگېدىيەلەرگە قارشى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.