ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە خانىم-قىزلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن گوللاندىيەنىڭ دەنھاك شەھىرىدە مەخسۇس كۇرس ئۇيۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۇيغۇرئاي
2022.03.14
ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە خانىم-قىزلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن گوللاندىيەنىڭ دەنھاك شەھىرىدە مەخسۇس كۇرس ئۇيۇشتۇرۇلدى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكانىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە خانىم-قىزلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا خاتىرە سۈرەت. 2022-يىلى 11-مارت، گوللاندىيە.
RFA/Uyghur'ay

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكانىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە خانىم-قىزلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرغان. 3-ئاينىڭ 11-كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاك شەھىرىدە رەسمىي مۇراسىم بىلەن باشلانغان بۇ كۇرس 3 كۈن داۋاملىشىپ، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى، يەنى يەكشەنبە كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.

مەزكۇر كۇرسقا لاگېر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار خاتىۋاجى قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. ئامېرىكانىڭ گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى ۋە گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرىمۇ بۇ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كۇرسقا يەنە ياۋروپا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇراھمان ئابدۇللا، چىخىيە ئۆزبەك مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى دىنارە خانىم، ئوكتاگۇن پىكىر جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئۇلۇغبەگ ئەپەندى، پراگا كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىدىن ئېۋېتا خانىم، گوللاندىيە «مىللىي گۆرۈش» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مۇسافا خامۇرجى ۋە كېنان ئارسلان، بىلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئىمىر، گوللاندىيە كىشىلىك ھوقۇق پىروجىكتىنىڭ خادىمى ئەنۋەر مەمەت، ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىدىن مۇكەررەم قۇربان ۋە بابۇر ئېلچى شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ياش ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ۋە يىگىتلەر بۇلۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر قاتناشقان.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكانىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە خانىم-قىزلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 11-مارت، گوللاندىيە.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكانىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە خانىم-قىزلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 11-مارت، گوللاندىيە.
RFA/Uyghur'ay

بۇ ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت ناھايىتى قىزغىن داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم رادىيويىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ قېتىمقى ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ گوللاندىيەدە ئېچىلىش سەۋەبى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتناشقان لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ قېتىمقى كۇرس جەريانىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ نۇرغۇن يېڭى ئۇچۇرلارغا ۋە بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى، بۇ خىلدىكى كۇرسلارنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى يولىغا تەييار قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان چېخىيە ئۆزبەك جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن دىنارە خانىممۇ بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق تەربىيەلەش مۇدىرى مۇكەررەم قۇربان خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئاخىرلاشقانلىقىنى، كۇرسقا قاتناشقان ياشلارنىڭ لېكسىيەلەرنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلىغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق كۇرسنىڭ ئالدىنقى قېتىمقىدىنمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.