ئۆتكەن بىر ھەپتە ئامېرىكانىڭ فىلورىدا شتاتى ئورلاندو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق «خەلقئارالىق ئۆسمۈر خانقىز» ۋە «ئامېرىكا دۆلەتلىك خانقىز» تاجىنى تالىشىش مۇسابىقىسى 27-نويابىر كۈنى ئاخىرلاشتى. مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە ئامېرىكادا تۇغۇلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ پاسپورت چەكلىمىسى تۈپەيلى تۇغۇلغاندىن بۇيان دادىسىنى كۆرۈپ باقمىغان 6 ياشلىق ئەردەنئاي «ئۇيغۇر خانقىز» بەلگىسىنى تاقىغان ھالدا ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ ئالېكساندىرىيە شەھىرىدىن تاللانغان خانقىز سۈپىتى بىلەن «خەلقئارالىق ئۆسمۈر خانقىز» ۋە «ئامېرىكا دۆلەتلىك خانقىز» تاجىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. 6 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئەردەنئاي بۇ مۇسابىقە جەريانىدا قەيسەرلىك بىلەن ئۆزىنىڭ جاسارىتىنى نامايان قىلدى.
ئەردەنئاي ئۇيغۇر ئاخىرقى 12 نادىر نامزات تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى
ئەردەنئاي بىر ھەپتە داۋام قىلغان مۇسابىقە جەريانىدا ئەتلەس كۆينەك، چىمەن دوپپا كىيىپ، تاتلىق كۈلۈمسىرەپ سەھنىگە چىققىنىدا، ئۇنىڭ ئۆزگىچە تۇرقى تاماشابىنلارنى ھەيران قالدۇرغان بولسا؛ ئۇنىڭ «مېنىڭ ئارزۇيۇم دادامنى ئائىلىمىز بىلەن جەم قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» دېگەن قەيسەرانە سۆزلىرى باھالىغۇچىلارنى يىغلاتقان ئىدى.

25-نويابىر كۈنى 2023-يىللىق «خەلقئارالىق خانقىز» ۋە «ئامېرىكا دۆلەتلىك خانقىز» مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا تاللانغان 12 نەپەر نادىر كاندىداتنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىندى. كىشىلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ دەقىقىلەردە «ئەردەنئاي ئۇيغۇر» دېگەن بۇ سۆيۈملۈك ئىسىممۇ 12 نەپەر نادىر كاندىداتنىڭ ئارىسىدىن يەر ئالغان ئىدى. ئەردەنئاي گۈزەل ۋە مەردانە قىياپەتتە سەھنىگە يەنە بىر قېتىم چىقىپ، «مەن ئۇيغۇر مەلىكە ئەردەنئاي» دېگىنىدە مىڭلىغان تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىغىلا ئەمەس، بەلكى نەق مەيداننى كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. ھالبۇكى، 9 نەپەر باھالىغۇچىنىڭ ئومۇمىي ئاۋاز سانى ۋە توردىكى بېلەت تاشلاش نەتىجىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ چىقارغان ئاخىرقى باھالىشىدا، بالىلار گۇرۇپپىسى بويىچە 2023-يىللىق «خەلقئارالىق خانقىز» تاجى بۈيۈك بېرىتانىيەدىن كەلگەن بىر «خانقىز» غا كىيدۈرۈلدى. قالغان 11 نەپەر نادىر كاندىدات ئىچىدە ئەردەنئاي ئەڭ كىچىكى سانىلاتتى.
ئۇيغۇر قىزى ئەردەنئاي گەرچە ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا «خەلقئارالىق خانقىز» بولۇپ تاللىنالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كۆزلىرىدىكى لىغىرلاپ قالغان ياشلىرىنى تەسلىكتە يوشۇرۇپ، پەستىكى تاماشابىنلار ئارىسىدا ئۆزىگە تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان ئاپىسىغا كۈلۈمسىرەپ قارىدى. ئاندىن باش بارمىقىنى چىقىرىپ بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى. ئۇنىڭ بالىلارغا خاس ساددا ۋە ئوماق قاراشلىرىدا ئاپىسىغا تەسەللى بېرىش تۇيغۇلىرىمۇ ئەكس ئەتكەن ئىدى.

ئادالەت خانىم: «قىزىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاۋازى بولدى»
ئادالەت سابىت خانىم بىلەن قىزى ئەردەنئاي مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا بىر بىرىنى چىڭ قۇچاقلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ كۆزىدىكى ياشلىرىنى سۈرتۈشتى. ئادالەت خانىم قىزىنىڭ مەڭزىگە مېھرى بىلەن سۆيۈپ «سىز مېنىڭ ئەڭ قەيسەر مەلىكەم! مەن، دادىڭىز ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇرلار سىزدىن پەخىرلىنىمىز!» دېدى.
ئادالەت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قىزى ئەردەنئاي گەرچە بۇ يىللىق «ئامېرىكا دۆلەتلىك خانقىز» ۋە «خەلقئارالىق خانقىز» مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا چېمپىيونلۇق تاجىنى كىيەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى 12 نادىر نامزاتنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ، بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلانغان بارلىق مۇسابىقىلەر جەريانىدا قىزى بىلەن تەڭ ئىرادىسىنى چېنىقتۇرغانلىقىنى، قىزىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولالىغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئەردەنئاي، خەلقئارالىق بۇ تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان تۇنجى ئۇيغۇر قىزى بولۇپ قالدى. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئۇ «ئۇيغۇر مەلىكە» دېگەن لېنتىنى ئېسىپ تۇرۇپ بۇ مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى. ئۇ ھەر قېتىم سەھنىگە چىققىنىدا، سەھنىنىڭ ئېكرانىدا لاتىنچە يېزىلغان UYGHUR دېگەن چوڭ خەتلەر جۇلالىنىپ تۇردى.
ئىگىلىشىمىزچە، ئەردەنئاي ئاپىسى ئادالەت خانىم بىلەن بىللە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ كەلگەن ئىدى. ئادالەت خانىم قىزى ئەردەنئاينىڭ بىر قولىدا قونچىقىنى، يەنە بىر قولىدا دادىسىنىڭ سۈرىتىنى تۇتۇپ چوڭ بولغانلىقىنى؛ بۇ جەرياندا قىزىنىڭ يېشى تېخى كىچىك بولۇشىغا قارىماي ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملار ئىچىدە تەڭ تاۋلانغانلىقىنى؛ بۇنى ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ يولدىشىنى خىتاي تۇتقۇنىدىن قۇتقۇزۇش يولىدىكى يەنە بىر نەتىجىلىك قەدەم دەپ بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئادالەت خانىم: «قىزىم مۇسابىقىگە يەنە قاتنىشىدۇ!»
ئامېرىكادا ھەر يىلى بارلىق شىتاتلاردىن تەخمىنەن 30 مىڭدەك ماھىر يىللىق خانقىز تاللاش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىدىغان بولۇپ، مۇسابىقە تەرتىپى ئىنتايىن قاتتىق تاللاش ۋە قاتمۇ-قات تاللىنىشلاردىن ئۆتىدۇ. ئاندىن كېيىن ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا پەقەتلا 2000 ماھىر كىرەلەيدۇ.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىغىچە قەيسەرلىك بىلەن رىقابەتلەرگە قاتناشقان ئەردەنئاي، ئۆسمۈر خانقىزلارنىڭ تالانت تۈرىدە ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا 12 نەپەر ئەڭ نادىر كاندىداتنىڭ بىرى بولدى. ئۇ يەنە باھالىغۇچىلارنىڭ ھەر بىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشكەندە، باھالىغۇچىلار تەرىپىدىنمۇ ئوخشىمىغان شەرەپ مېداللىرىغا ئېرىشتى. «چىمەن دوپپا» لىق ئەردەنئاي ئۆز تالانتى بىلەن ئۇيغۇر نامىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئاڭلىتىشقا مۇيەسسەر بولالىدى.
ئادالەت خانىم، بۇ قىزى ئەردەنئاينىڭ تۇنجى نۆۋەت بۇنداق بىر خەلقئارالىق خانقىز تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشى ئىكەنلىكىنى، بۇنى پەقەتلا تەجرىبە توپلاش جەريانى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «قىزىم ئەردەنئاي تېخى كىچىك، ئالدىمىزدا پۇرسەتلەر كۆپ. ئۇ ئۆزىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەلگۈسىدە «خانقىز تاجى›نى تالىشىش مۇسابىقىلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىدۇ!»