تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردە زىيارەتتە بولدى

0:00 / 0:00

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 3-ئىيۇن كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ بارغان بولۇپ، خىتايغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز بىلەن كۆرۈشكەن، بۇلاردىن سىرت ئۈرۈمچىدىكى نوغاي مەسچىتى بىلەن خەلقئارا چوڭ بازارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. ئاخىرىدا قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. خاقان فىدان ئەپەندى ئۈرۈمچىگە قاراتقان زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىي ھەق-ھوقۇقلىرى جەھەتتىن دۇنيادا ۋە ئىسلام دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان سەلبىي چۈشەنچىلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھەممىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بايلىق دەپ كۆرۈشى ۋە بۇنىڭغا بىر مەسىلە دەپ قارىماسلىقى كېرەك. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىي ھەق-ھوقۇقلىرى جەھەتتە دۇنيادا ۋە ئىسلام دۇنياسىدا پەيدا بولغان سەلبىي چۈشەنچىلەرنى ئۆزگەرتىشى خىتايغىمۇ، بىزگىمۇ پايدىلىق. شۇڭا بىز داۋاملىق ھالدا خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى دەپ كېلىۋاتىمىز.»

خاقان فىدان بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەتتە نۇقتىلىق ھالدا خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ۋە باشقا ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەرنى قانداق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە خىتاينىڭ تۈركىيەگە سېلىۋاتقان مەبلىغىنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان(سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەتتە. 2024-يىلى 5-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان(سولدىن ئىككىنچى) ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەتتە. 2024-يىلى 5-ئىيۇن، ئۈرۈمچى. (X/Turkish MFA)

«تەڭرىتاغ» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئۈرۈمچىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقى ۋە ئانا تىل ھوقۇقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى، شىنجاڭ مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ مەيدانىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە خىتاي بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى دېگەنلىكى يېزىلغان. ئۇنداقتا خاقان فېداننىڭ زىيارىتىگە قارىتا قانداق ئىنكاسلا مەۋجۇت؟

ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، سابىق باش مىنىستىر ئەخمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ مۇئاۋىنى، موسكۋا بىلەن تېھراندا تۈركىيەنىڭ باش ئەلچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئۈمىد ياردىم ئەپەندى خاقان فىداننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە رەھبەرلىرى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشسىلا ‹خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايمىز› دەيدۇ. بۇنى داۋاملىق تەكرارلىسا كىشىلەر خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى خەۋپكە ئۇچراۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. خىتاي شۇنداق بىچارە ئاجىز دۆلەتمۇ؟ تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى، جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى دۇچار بولۇۋاتقان خورلىنىشلارنى ئوتتۇرىغا قويسا خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىمىغان بولامدۇ؟ خاقان فىداننىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بولسۇن ياكى خەۋەرلەردە بولسۇن بۇنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى كۆرمىدىم. شۇڭا خاقان فىداننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى دەپ ئويلايمەن.»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇن، ئۈرۈمچى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇن، ئۈرۈمچى (X/@TC_Disisleri)

ئۈمىد ياردىم ئەپەندى تۈركىيەنى ئىدارە قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ قورقماي شۇلارنى دېيەلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ ھەر دېگىنىنىڭ خىتايلارنى خۇشال قىلىشى توغرا ئەمەس. شۇنى دېيىشىمىز كېرەك. كۈلتۈر جەھەتتىن ئۇيغۇرلار بىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىمىز. شەرقىي تۈركىستان تۈركلەر ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە تۈركىيەگە ئوخشاش مۇھىمدۇر. تۈركىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يوق، لېكىن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا ب د ت تەييارلىغان دوكلاتلار، چىقارغان قارارلار بار. ›بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن ئەنسىرەۋاتىمىز‹دېيىشى كېرەك. بۇ مەسىلىنى ئىزچىل ھالدا خىتايغا دەپ تۇرۇشى ۋە بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئاخبارات يىغىنىدا پەلەستىن مەسىلىسىنىلا تەكىتلەپ ئۇيغۇرلارنى تەكىتلىمەسلىكىدىن قاتتىق بىئارام بولدۇم.»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قەشقەرنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، قەشقەر
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قەشقەرنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، قەشقەر (X/@TC_Disisleri)

2018-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئىيى(ياخشى) پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق تۈركوغلۇ ئەپەندى X دە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «مەن خاقان فىداندىن شۇنى سورىماقچىمەن، پەلەستىنلىكلەرنىڭ جېنى جان، ئۇيغۇرلارنىڭ جېنى جان ئەمەسمۇ؟ سىز خىتاينىڭ پەلەستىنلىكلەرنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتىڭىز، بىلىپ قويۇڭكى، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغانلىقىڭىزدىن بىز تۈرك خەلقىنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولدى.»

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قەشقەرنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، قەشقەر
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قەشقەرنى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 3-ئىيۇن، قەشقەر (X/@TC_Disisleri)

ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى، خاقان فىداننىڭ بېيجىڭ، ئۈرۈمچى، قەشقەرگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى ۋە بۇ جەرياندا بەرگەن باياناتلىرى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى 4 ماددىغا ئىخچاملاپ ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننى 3-ئىيۇن كۈنى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى خەن چېڭ قوبۇل قىلغان. ئارقىدىن ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. چېن ۋېنچىڭ-5ئاينىڭ 22-كۈنىدىن26-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاس قاتارلىق جايلاردا خىزمەت تەكشۈرگەندە، رايوندا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى «دائىملاشتۇرۇش» ۋە «نورماللاشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان ئىدى.

2012-يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرىدا ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىللە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ ئۈرۈمچىگە زىيارەت ئېلىپ بارغانىدى. خاقان فىداننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى 12 يىل كېيىنكى تۈرك ئالىي رەھبىرىنىڭ زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.