خىتاي ئاخباراتچىلىرى «شىنجاڭدىكى مۇقىملىقنىڭ سىرى» ھەققىدە توختالغاندا «جازا لاگىرلىرى» نىڭ رولىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان.
تەتقىقاتچى ئادىيان زېنىزقا ئوخشاش خەلقئارادىكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان نوپۇسنى چەكلەش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئاھالىلەرنى يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈش، «قوشماق تۇغقان سىياسىتى» قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش، خىتايلارنى نوپۇس جەھەتتىن مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت بىر مۇددىئا ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلمەكتە ئىدى. خىتاينىڭ مەركىزى ئاخبارات ۋاستىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مۇددىئاسىغا زىچ ماسلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ يەرلىشىشى ئۈچۈن تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئىشقا سالماقتا.
خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 24-سېنتەبىر كۈنى «شىنجاڭغا كەلمەكچى بولغان دوستلار بىخەتەرلىكتىن قىلچە ئەنسىرىمەيدۇ، شىنجاڭ مۇقىملىقىنىڭ سىرى نېمە؟» ناملىق بىر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ زىيارەت خاتىرىسىنى مەزكۇر گېزىتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن 3 نەپەر ئالاھىدە مۇخبىرى يېزىپ چىققان. بۇ 3 مۇخبىر ئۈرۈمچى، غۇلجا ۋە خوتەننى زىيارەت قىلىپ، 2016-يىلىدىن ئىلگىرىكى «قورقۇنۇچلۇق شىنجاڭ» نىڭ ھازىر تېنچ، مۇقىم بىر رايونغا ئايلانغانلىقىنى، خەلقىنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى، ئاخىرقى 5 يىلدىن بۇيان تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى، ئىلگىرى «شىنجاڭغا كېلىپ ئويناپ كەتمەكچى» بولغان خىتاي ساياھەتچىلەر ئالدى بىلەن «شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ قورقۇنۇچلۇقمۇ؟» دەپ رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى سورايدىغان بولغان بولسا، ھازىر مېھمانخانىلاردىن ياتاقنى زاكاس قىلىپلا ئۇدۇل يولغا چىقالايدىغان بولغانلىقىنى، 5 يىل ئىلگىرى خاتىرجەم زىيارەت قىلغىلى بولمايدىغان خوتەننىڭ كەچلىك بازارلىرىنى ھازىر بىخارامان ساياھەت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
ماقالىدا يەنە بۇ «ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر» نى كۆرەلمىگەن «ئامېرىكا باشلىق يامان نىيەتلىك غەرب كۈچلىرى» نىڭ شىنجاڭنى قارىلاشنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مەقسىتىنىڭ 2014-يىلى يۈز بەرگەن يەركەن «ئېلىشقۇ ۋەقەسى» گە ئوخشاش زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىپ، رايوننىڭ تېنىچلىقىنى بۇزۇش ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. 2016-يىلىدىن ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلدىكى «شەرقىي تۈركىستانچى» ئۇنسۇرلارنىڭ تور ئارقىلىق ئېلىپ بارغان «جىھاد» تەشۋىقاتىدىن قايمۇقۇپ، «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» قۇرماقچى بولغانلىقى، ئەمما 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى يۈز بەرگەن «قاراقاش ۋەقەسى» دىن كېيىن رايوندا «زوراۋانلىق، تېررورلۇق» ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «شىنجاڭدىكى مۇقىملىقنىڭ سىرى» ھەققىدە مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ:
«نېمە ئۈچۈن ئالدىنقى يىللىرى شىنجاڭدا تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچراپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ھەم بىخەتەرلىكى تەھدىتكە يولۇقۇپ كېلىدۇ-يۇ، ئەكسىچە بۈگۈن جەمئىيەت مۇقىملىشىپ، گۈللىنىپ، خەلق خاتىرجەم، خۇشال-خورام ياشىيالايدۇ؟ بۇلار زادى قانداق ئەمەلگە ئاشتى؟ شۇ گۈيشىياڭنىڭ سۆزى بىلەن ئېيىتقاندا، ‹مۇقىملىقنى ساقلاش مىليونلىغان ئەسكەرلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قاتتىق زەربە بېرىش كۆرىشى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش پەلىسەپىمىزگە تايىنىش بىلەن، تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىزگە تايىنىش بىلەن، ئون مىليونلىغان كادىر ھەم ئاممىنىڭ ئورتاق تېرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى. كۆپ قېتىم تەكرارلىغىنىمىزدەك، بىزنىڭ شىنجاڭدا قىلغان-ئەتكەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى خەلقنى مەركەز قىلغانلىقىمىزنى، ھەر مىللەت خەلقىنى ياخشى كۈن كۆرسۇن دېگەنلىكىمىزنى رۆشەن دەلىللەيدۇ. شىنجاڭنى ياخشى ئىدارە قىلالىغانلىقىمىزنىڭ سىرى مانا بۇ يەردە›.»
مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى «شىنجاڭدىكى مۇقىملىقنىڭ سىرى» غا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى شۇ گۈيشياڭنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى بىلەن تەبىر بەرمەكچى بولىدۇ. ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان مىليونلىغان ئەسكەر-ساقچىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر دىيارىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دەھشەتلىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جازا لاگىېرلىرىغا دائىر جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ رېيال ۋەزىيىتىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش ھىيلىسىنىڭ ئالىقاچان دۇنيا جامائىتىنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا قاراشلىرىنى ئىپادە قىلغاندا «شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىملىق دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.