كورلادىكى بىر ئائىلىدىن 5 ئايال كىشىگە ئېغىر جازا كېسىلگەن ھۆكۈمنامىدە خەلچەم پازىلنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما جازا مۇددىتى تىلغا ئېلىنمىغان ۋە ئۇنىڭ قەيەردە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ كورلادىكى ئالاقىدار ئورگانلار ۋە سانجى ئاياللار تۈرمىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ «جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە سانجى ئاياللار تۈرمىسىنىڭ 4-ئەترىتىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى دەلىللەندى.
كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كورلادىكى بىر ئائىلىدىكى 5 ئايال ئۈستىدىن ئېغىر جازا كەسكەن ھۆكۈمنامىسىدە، 1944-يىلى تۇغۇلغان 78 ياشلىق خەلچەم پازىل ئىسىملىك ئايالمۇ مەھكۇملار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ھۆكۈمنامىدە دېيىلىشىچە، خەلچەم پازىل «مىللىي كەمسىتىشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ۋە «توپلىشىپ جامائەت تەرتىپىنى بۇزۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭ ئاتالمىش «قانۇنسىز بىر تەبلىغ» قە قېتىلغانلىقى ۋە بۇ «تەبلىغقە سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن» لىكى، ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئاتالمىش «جىنايىتى» گە پاكىت قىلىنغان. ھۆكۈمنامىدە خەلچەم پازىلنىڭ باشلانغۇچ مەدەنىيەت سەۋەيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكى، كورلا شەھەر ئىچىدىكى چىلانباغ كوچا باشقارمىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مەزكۇر ئاتالمىش «جىنايەت» نى كورلا كونا بازاردىكى قېرىنداشلار مېھمانخانىسىنىڭ 2-قەۋەتتىكى ئۆيىدە سادىر قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، كورلاغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىملار خەلچەم پازىلنىڭ ئېنىق كىملىكى ۋە ئادرىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمىدى.
ھۆكۈمنامىدە «قانۇنسىز تەبلىغ سۆزلىگۈچى» دەپ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ۋە چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان خەلچىگۈل مەمەت خانىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، خەلچەم پازىل 7 پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيەلەپ جەمئىيەتكە قاتقان، 10 يىلنىڭ ئالدىدا يولدىشى تۈگەپ كەتكەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئاساسەن نەۋرىلىرىنى تەربىيەلەش بىلەن كۈن كەچۈرىۋاتقان بىر خانىم ئىكەن.
خەلچىگۈل مەمەت خانىم يەنە مەھكۇم خەلچەم پازىلدا سىياسىي ئىشلارغا قىزىقىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ئالامەتلەرنىمىمۇ بايقىمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ھۆكۈمنامىدە باشقا مەھكۇملارنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ قاچان باشلىنىپ قاچان تۈگەيدىغانلىقى ۋە يىل مۇددىتى ئېنىق بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خەلچەم پازىل ھەققىدە «ئۇنىڭ جازا مۇددىتى ھۆكۈم ئىجرا قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھېساپلىنىدۇ» دېيىلگەن، يەنى جازا مۇددىتى ئېنىق بايان قىلىنمىغان. بىز ئالدىنقى كۈنى ئېنىقلىغان بۇ ئائىلىدىكى بەش مەھكۇمدىن ئىككىسىنىڭ جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىلىللەنگەن سانجى ئاياللار تۈرمىسىگە قايتا تېلېفون قىلىپ، خەلچەم پازىلنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق.
ئالاقىدار تۈرمە خادىملىرىدىن بىرى، بىز تەمىنلىگەن كىملىك نومۇرىغا ئاساسەن خەلچەم پازىلنىڭ مەزكۇر تۈرمىدىكى 4-ئەترەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە خەلچەم پازىلنىڭ بۇ يىل 78 ياش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ 17 يىللىق كېسىلگەنلىكىنىمۇ دەلىللىدى.
تۈركىيەدىكى كورلالىق مۇھاجىر، يەنى مەزكۇر دېلودا «قاچقۇن جىنايەتچى» سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان خەلچىگۈل خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلچەم پازىل 2015 ياكى 2016-يىللىرى تۈركىيەگە كەلگەن ۋە مەككىدە ھەج قىلىپ قايتقان ئىكەن.
كورلا شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدە، ئۇنىڭ «تەبلىغقا قاتناشقانلىقى» ۋە «سورۇن ھازىرلاپ بەرگەنلىكى» ئاتالمىش «جىنايى پاكىت» قاتارىدا تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمنانىدە ئۇنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە ھەج سەپىرى تىلغا ئېلىنمىغان. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ ساندا كىشىلەر پەقەت چەت ئەل زىيارىتى ۋە ھەج سەپىرى ئۈچۈنلا كېسىلىپ كەتكەن. شۇڭا 78 ياشلىق خەلچەم پازىلنىڭ 17 يىللىق كېسىلىشىدە، ئۇنىڭ چەت ئەل سەپىرىنىڭ تەسىرى بار-يوقلۇقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.