قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئىلىم-پەن، مائارىپ، يېزا-ئىگىلىكى ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىن يېتىشىپ چىققان، خەلق ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھۆرمەت قازانغان مەشھۇر شەخسلىرىنى خاتىرىلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇنداق خاتىرىلەشلەرنى، مەسىلەن، شۇ شەخس ھەققىدە كىتاب نەشىر قىلىپ، ئۇنى تونۇشتۇرۇش، خاتىرە كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش، ھەر خىل ئۇچرىشىشلارنى، كۆرگەزمىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە باشقىمۇ شەكىللەردىكى پائالىيەتلەر مىسالىدا كۆرۈشكە بولىدۇ. قازاقىستاننىڭ ئۆزىدىلا ئابدۇللا روزىباقىيېف، زۇنۇن تېيىپوف، مۇرات ھەمرايېف، زىيا سەمەدى، غوجىئەخمەت سەدۋاقاسوف، قۇددۇس غوجامياروف ۋە باشقىمۇ كۆپلىگەن ئەرباپلارنى ئەسلەش پائالىيەتلىرى ھېلىغىچە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. لېكىن بۇ يىلى دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇملۇق كېسىلى سەۋەبىدىن مۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى كەسكىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خاتىرە كىتابلارنىڭ نەشىر قىلىنىشى يەنىلا داۋام قىلماقتا. يېقىندا ئالمۇتا شەھىرىدىكى «مىر» نەشرىياتىدىن يورۇق كۆرگەن «ئەسىرگە ئۇلاشقان ئۇلۇغۋار ئۆمۈر» ناملىق كىتاب دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئەربابى، تونۇلغان ژۇرنالىست خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ 100 يىللىق خاتىرىسىغا بېغىشلاندى.
كىتابنىڭ ئومۇمىي ھەجىمى 21. 5 باسما تاۋاق بولۇپ، ئۇنىڭغا مەرھۇمنىڭ ھاياتىدىن ئېلىنغان رەسىملەرمۇ كىرگۈزۈلگەن. كىتابتا خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ «زامان ئىزغىرىنلىرىدا شۇڭغۇپ» ناملىق ئىككى كىتابىدىن ئىبارەت خاتىرەنامىسىنىڭ قايتا ئىشلەنگەن نۇسخىسى بىلەن بىللە زامانداشلىرىنىڭ، شاگىرتلىرىنىڭ، يۇرتداش-قېرىنداشلىرىنىڭ مەرھۇم ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى، ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان.
ئىگىلىشىمىزچە، خېلەم خۇدايبەردىيېف 1918-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ شۇڭقار يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشچىلار فاكۇلتېتىنى، ئاندىن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى تاماملىغان ۋە دەسلەپكى ژۇرنالىستلىق پائالىيىتىنى ئالمۇتادا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىدىغان «قىزىل تۇغ» گېزىتىدە باشلىغان. خېلەم خۇدابەردىيېف 1937-1939-يىللىرى تاشكەنتتىكى «ئۇچپېدگىز» نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى دەرىسلىكىلىرىنى تەييارلاش تەھرىراتىدا مۇھەررىر ۋە بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتقان پەيتىدە 1940-يىلى ھەربىي خىزمەتكە چاقىرتىلغان. ئۇ 1941-يىلدىن باشلاپ سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، قىسقا مۇددەتلىك ئوفىتسېرلارنى تەييارلاش كۇرسىنى تاماملىغان ھەم 1947-يىلغىچە ئارمىيە سېپىدە خىزمەت قىلغان.
ئەينى ۋاقىتلاردا تاشكەنت شەھىرىدىكى ئۆزبېكىستان دۆلەت رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە كومىتېتىدا خېلەم خۇدابەردىيېف بىلەن بىللە ئىشلىگەن تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف ئەپەندى مەرھۇمنى مۇنداق دەپ ئەسلىدى: «80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەركىبىدىكى رېسپۇبلىكىلاردا مۇستەقىللىقنى قولغا ئېلىش ھەرىكىتى باشلاندى. شۇ چاغدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئالدىغا جەمئىيەتلەرنى قۇردى. مەن خېلەم ئاكىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئەنە شۇ چاغدا بىلدىم. خېلەم ئاكا رادىيو كومىتېتىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا ئۇيغۇر ئانسامبىلىنى قۇرۇش مەسىلىسىنى قويغان ۋە ئۇنى مۇييەنلەشتۈرگەن ئادەم. شۇنىڭ تەركىپىدە يەنە ئۇيغۇر ‹ئون ئىككى مۇقامى› نى رەتلىدى ۋە چىقاردى. مەن خېلەم ئاكىنىڭ ۋەتەنگە، مىللەتكە بولغان كۆيۈمىنى كېيىن چۈشەندىم.»
«ئەسىرگە ئۇلاشقان ئۇلۇغۋار ئۆمۈر» كىتابىدا خېلەم خۇدابەردىيېفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى، ئاندىن ئۆزبېكىستاندىكى خىزمەتلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيە سېپىدىكى خىزمەتلىرى ھەققىدىكى كۆپلىگەن ماقالىلار ئورۇن ئالغان. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى شاھىمەردان نۇرۇموفنىڭ «ئالتۇننى دات باسمايدۇ»، ئالىملاردىن ئابلەھەت كامالوفنىڭ «خېلەم خۇدابەردىيېف-20-ئەسىرنىڭ ئاتاقلىق دۆلەت ۋە جەمىيەت ئەربابى»، نەبىجان تۇرسۇننىڭ «موسكۋانىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ۋەكىلى-خېلەم خۇدابەردىيېف»، شاھىمەردان شەرىپوفنىڭ «ئەل قەلبىدىكى ئەرباب»، ژۇرنالىست مىنەمجان ئاسىموفنىڭ «بار ھاياتىنى مىللىتىگە بېغىشلىغان»، يازغۇچى سۇلتان جامالنىڭ «ئۇ ئىنسان-مېنىڭ ئۇستازىم» ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «تۇران» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات-دوكتوررى زۇلفىيە كەرىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان دۆلەت، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ئەرباپلىرىنى ئەسلەش بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ بۇرچى، قەرزى، چۈنكى ئۇلار مىللىتىمىزنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە ھەم دۇنياغا تونۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخسلەردۇر. يېقىندا ئەنە شۇنداق مۇنەۋۋەر پەرزەندلىرىمىزنىڭ بىرى خېلەم خۇدابەردىيېف ھەققىدە خاتىرە كىتابىنىڭ نەشىر قىلىنىشى پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچلىكىنى خۇشال قىلدى، دېسەم ئاشۇرۇپ ئېيتقان بولمايمەن. مەن بىرىنچى نوۋەتتە، بۇ كىتابنى نەشىرگە تەييارلىغان ئەدلىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى شەيمەردان شەرىپوف ۋە ژۇرنالىست مىنەمجان ئاسىموفقا ئۆزەمنىڭ چوڭ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرگۈم كېلىدۇ. مەزكۈر كىتابقا مەرھۇمنى كۆرگەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن ئارىلاشقان، ئۇنى ياخشى بىلگەن ھەر خىل ساھە ۋەكىللىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى ئورۇن ئالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىملار، يازغۇچىلار، رەسساملار، ژۇرنالىستلار، سەنەتكارلار ۋە باشقىلار بار.»
خېلەم خۇدابەردىيېف ئارمىيە سېپىدىن بوشىغاندىن كېيىن، 1947-يىلى ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قازاق، تاتار ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر ئىچىدىن تاللىۋېلىنغان ئوفىتسېرلار قاتارىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىگە ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئىككى يىل داۋامىدا، يەنى 1947-1949-يىللار ئارىلىقىدا مايور ئۇنۋانى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان ھەم ئەخمەتجان قاسىمى ئوخشاش دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن يېقىندىن ئارىلاشقان. ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن دۆلەت رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە كومىتېتىدا چەتەللەرگە رادىيو خەۋەرلىرىنى ئاڭلىتىش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدۇ ۋە 1965-يىلى شۇ كومىتېت رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى لاۋازىمىغا سايلىنىدۇ. خېلەم خۇدابەردىيېف ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى رەئىسى بولغان ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان كۆپلىگەن ماقالىلىرىنى ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىپ تۇرغان. ئۇ 2004-يىلى 86 يېشىدا ۋاپات بولغان.