ئەزەربەيجان باكۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئەزەربەيجان پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى جەمىل ھەسەنلىنىڭ يېقىندا نەشردىن چىققان «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى: ستالىن ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلق ھەركىتى» ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 1930-يىللاردا دەسلەپكى قەدەمدە ئومۇمىي تۈس ئېلىشقا يۈزلەنگەن ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىش ھەركىتى «شىنجاڭ پادىشاھى» دەپ ئاتالغان مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ سىياسىي ئورنى سىتالىننىڭ بىۋاستە ھەربىي ياردىمى ئارقىلىق مۇقىملاشقاندىن كېيىنمۇ توختاپ قالمىغان. بۇنىڭ بىر مۇھىم ئىپادىسى 1933-يىلى 2-ئايدىلا بىخ سۈرۈشكە باشلىغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇپ چىقىش ئىنتىلىشلىرىدە ئەكس ئەتكەن. يەنە كېلىپ بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار بىلەن تەڭلا دېگۈدەك تۇڭگانلار ۋە خىتايلارمۇ بۇ رايونغا بولغان «ئىگىدارلىق كۈرىشى» گە ئاتلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە قاراشلىق بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى بولغان ما جوڭيىڭ ۋە ستالىننىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ «مۇتلەق پادىشاھ» بولۇشنى قەستلەۋاتقان شېڭ شىسەي بۇ خىل سىياسىي مۇناسىۋەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بولۇپ قالغان ئىدى.
ئەنە شۇنداق ئەھۋالدا 1933-يىلى 27-ئىيۇن كۈنى ستالىننىڭ ئىشخانىسىدا «شىنجاڭ سىياسىتى بويىچە قارار ئېلىش» ھەققىدە بىر قېتىملىق مەخپىي يىغىن چاقىرىلغان. يىغىندىن كېيىن سوۋېت كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى قارمىقىدىكى مەخسۇس كومىتېت بىرنەچچە قېتىملىق مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق شۇ يىلى ئاۋغۇستتا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن مەزمۇندا ئاخىرقى قارارنى ئالغان. موسكۋادا ئەنە شۇ مۇزاكىرىلەر بولۇۋاتقاندا قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇش خىزمىتى تەييارلىق باسقۇچىدىن ھالقىپ رەسمىي جاكارلاش باسقۇچىغا ئۆتكەن. بۇ ۋاقىتلاردا بولسا شېڭ شىسەي 1933-يىلى 12-ئاپرېلدىكى ئاتالمىش «ئاپرېل ئىنقىلابى» ئارقىلىق رەسمى «دۇبەن» بولغاندىن كېيىن، بىر ياقتىن «ئەنگلىيە ۋە ياپونىيەگە سېتىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بار» دەپ قارىلىۋاتقان يەرلىك ئىسيانچىلارنى باستۇرۇشتا ستالىننىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ھەمدە «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» نى تەشۋىق قىلىپ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزىنى بوياش بىلەن ئالدىراش بولغان، يەنە بىر ياقتىن قوراللىق كۈرەشتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇشسىز يىغىشتۇرۇشنىڭ كويىغا چۈشكەن.
شۇ ۋاقىتلاردىكى «ئۇيغۇر مىللىي ئىنقىلاب كومىتېتى» مۇھەممەد نىياز ئەلەم، سابىت داموللا، مەمتىمىن بۇغرا قاتارلىق بىر تۈركۈم رەھبىرىي ئورۇندىكى شەخسلەرنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولغان بولۇپ، سابىت داموللا بۇ ھەقتە خوجانىياز ھاجىغا يوشۇرۇنچە كىشى ئەۋەتىپ بۇ ئىشلارنى مەلۇم قىلغان. شۇنداقلا خوجا نىياز ھاجىنى رەئىس جۇمھۇر ۋە ئارمىيەنىڭ ئالىي قوماندانى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. بۇ تەكلىپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، سابىت داموللا باشچىلىقىدىكى مىللەتچىلەر ۋە ئىنقىلابچىلار بىرلىكتە 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. سابىت داموللا باش مىنىستىر بولۇپ تەيىنلىنىش بىلەن بىرگە باشقا 13 مىنىستىرمۇ سايلاپ چىقىلغان. جۇمھۇرىيەت ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاش بىلەن بىللە خىتايدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چىققانلىقىنىمۇ ئېلان قىلغان. يېڭى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى شەرىئەت قانۇنىنى ئىجرا قىلىدىغان ھەمدە جۇمھۇرىيەت پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەت» دەپ بېكىتىلگەن.
جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەلگە ئاشمىغان. بۇنىڭ بىلەن سابىت داموللا ۋە خوجانىياز ھاجى ئەنگلىيەگە يېقىنلىشىش يولىنى تۇتۇپ، شۇ ئارقىلىق سوۋېتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن خالاس بولۇشنى ئارزۇ قىلغان. بۇ جەھەتتە دەسلەپكى خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتقاندا ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى چېگرادىن ئۆتۈپ، شېڭ شىسەيگە قارشى كۈچلەرگە شىددەتلىك ئوت ئاچقان. شېڭ شىسەي بىلەن سىتالىننىڭ بۇ خىل ھەربىي ھەمكارلىقى بولسا تېزلا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نى ھالاك قىلغان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جەمىل ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «خوجانىياز ھاجى ۋە سابىت داموللا رەھبەر بولغان بىرىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەمەلىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىۋاستە قول تىقىشى بىلەن خىتايلارنىڭ قولىدا ھالاك بولدى. بۇ جۇمھۇرىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئاساراتىدىن قۇتۇلۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشىش تارىخىدىكى بەكمۇ شانلىق بىر سەھىپە ئىدى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بولغانلىقى ئۈچۈنلا خىتايلار بۇ جۇمھۇرىيەتنى يوق قىلالىدى. بۇ ۋاقىتتىكى ئىشلار ئاجايىپ بىر تەرىقىدە داۋام قىلدى: سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەنى بىۋاستە بۇ جايغا ئەۋەتىپ قوزغىلاڭنى باستۇردى. ئەمما بۇ قوشۇن چېگرادىن ئۆتكەندە ئاق ئورۇسلارنىڭ فورمىسىنى كىيىپ، چار پادىشاھنىڭ ئەسكەرلىرى سىياقىدا ياساندى. شۇڭا ھېچكىممۇ ئۇلارنىڭ قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەي قالدى. شۇنىڭ بىلەن تارىختا تۇنجى قېتىم ‹قىزىل› بىلەن ‹ئاق› بىرلىشىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن ماھىيەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى 1930-يىللاردا ئەنە شۇ يوسۇندا شەرقىي تۈركىستاندا بىر قورچاق ھاكىمىيەتنى بەرپا قىلىپ چىقتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ۋاقىتتىكى شىجاڭ ھۆكۈمىتى جياڭ جېشىنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئەمەس، بەلكى موسكۋاغا بەكرەك يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى.»
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا شېڭ شىسەي بىلەن ستالىن بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، شېڭ شىسەيگە قارشى چىققان خوجانىياز ھاجى بىلەن ما جوڭيىڭنىڭ بىرلىشىۋېلىشىدىن مۇداپىيە كۆرگەن. شۇنداقلا سوۋېت ئىتىپاقى تەرەپ خوجانىياز ھاجىدىن 50 كىلوگرام ئالتۇن ئېلىش بەدىلىگە 1200 مىلتىق «ياردەم» قىلماقچى بولغان. قىرغىزىستان چېگراسىدىكى ئەركەشتامدا بولغان بىر قېتىملىق مەخپىي سۆھبەتتە سىتالىننىڭ ۋەكىلى ئىۋان نىكىشوۋ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىگە خاتىمە بېرىش، نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىنى ئۈزۈش، شەرقىي تۈركىستاننى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكىي ئاپتونومىيەلىك رايونىغا ئۆزگەرتىش، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇش» دېگەن 12 ماددىلىق ھۆججەتنى خوجانىياز ھاجىنىڭ ئالدىغا تاشلىغان ھەمدە بۇنىڭغا شەرتسىز بويسۇنۇشنى بۇيرۇغان. شۇنداقلا «سوۋېت ئىتتىپاقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانغا نەچچە مىليون رۇبلى مەبلەغ سالدى. بىز بۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىنى قوغداشنى خالايمىز ۋە ئۇنىڭغا ئىلاج قىلالايمىز،» دېگەن.
ئەنە شۇ تەرىقىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نازارەتچىلىكىدە خوجانىياز ھاجى بىلەن شېڭ شىسەي ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن ھەمدە خوجانىياز ھاجى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «پۈتۈن كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننى نەنجىڭ ياكى مانجۇرىيەدىكى ياپونلاردىن ‹قوغدايدىغانلىقى›، سوۋېت ئىتتىپاقى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقى» قارار قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن 1934-يىلى 16-ئاپرېل كۈنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ رەھبەرلىرى قولغا ئېلىنىپ، شېڭ شىسەيگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرى غايەت زور دەرىجىدە ئاشقان.
ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇقىملاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن شېڭ شىسەي «سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوست بولۇش ۋە كومۇنىنىزىمنى ھېمايە قىلىش» نامىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر بايلىرىنى ۋە زىيالىلىرىنى «ئەنگلىيەنىڭ ۋە ياپونىيەنىڭ جاھانگىرلىك نىيەتلىرىگە ھەمدەمدە بولغان» دېگەن بەدنامدا قولغا ئېلىپ يوق قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. ئۆزئارا بىر-بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى بۇ مۇناسىۋەتكە قاراپ بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر «سوۋېت ئىتتىپاقى پۈتۈنلەي كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىپ بولغان بۇ رايوننى ئاخىرقى ھېساپتا ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنى ئىستىمىگەن. ئۇلار پەقەت سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەنپەئەتنىلا كۆزلىگەن» دەپ قارايدىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىلدا دەرۋەقە بۇ خىل ئىنتىلىش بارلىققا كەلمىگەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا جەمىل ھەسەنلى ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «غەرب ئالىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستاننى ئىگىلەش كويىدا بولمىغان دەپلا قارايدۇ. مەسىلە ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. چۈنكى ئۇلار زېمىنغا قىزىققان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىممۇ قىلغان. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان شۇ ۋاقىتتىكى خىتاي تېرىتورىيەسىنىڭ غايەت زور قىسمىنى تەشكىل قىلاتتى. شۇ ۋاقىتتا شېڭ شىسەي سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ چەت ئەللىك ئەزاسى ئىدى. 1938-يىلى شېڭ شىسەي مەخپى ھالدا موسكۋاغا كېلىپ سوۋېت كومپارتىيەسىگە ئەزا بولۇشنى تەلەپ قىلغان. 1941-يىلى بولسا ئۇ ستالىن ۋە مولوتوۋقا مەكتۇپ يوللاپ ‹شىنجاڭنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 16-رېسپۇبلىكىسى قىلىپ قوشۇۋېلىش› دېگەن تەكلىپنى سۇنغان. ئەمما بۇنىڭ شەرتى ستالىن جەزمەن شېڭ شىسەينى بۇ يېڭى رېسپۇبلىكىنىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلەش ھەققىدە بۇيرۇق ئېلان قىلىشى لازىم ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنياۋى زور كۈچلەردىن بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تېخى باشلانمىغان ئىدى. شېڭ شىسەي بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىپ ئۆزىنىڭ مۇتلەق نوپۇزىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولغان ئىدى. ئەنە شۇنداق پەيتتە ئۇرۇش باشلىنىپ كېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ دەردى بىلەن بولۇپ كەتتى. 1943-يىلىدىكى مولوتوۋنىڭ خاتىرىلىرىگە قارايدىغان بولساق، شۇ ۋاقىتتا ستالىن شەرقىي تۈركىستاندا بىر قېتىملىق بۆلگۈنچىلىك ھەركىتى قوزغاش ھەمدە بۇ رايوننى خىتايدىن ئايرىپ چىقىشنى كۆزلىگەنلىكى ئېنىق. بۇنىڭدا ئۇلار ھەرقاچان مەلۇم بىر رايوندا قوزغىلاڭ پەيدا قىلىدۇ، ئاندىن بۇ جايدا بىر مۇستەقىل دۆلەتنى يارىتىدۇ، ئاخىرىدا بۇ دۆلەتنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. مەسىلەن، تاشقى موڭغۇلىيە، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلاردا ئىشلار شۇنداق بولدى. شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئىشلار شۇنداق باشلانغان. ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىن غەرپ دۇنياسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق قىلىشىغا قارشى چىقتى. غەرپ قارشى چىققان ئىكەن، ستالىنمۇ بۇ مەسىلىنى قايتىدىن ئويلىشىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشلار ئەنە شۇنداق بولدى.»
ھالبۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەيگە ياردەملىشىپ ئۇنىڭ سىياسىي ئورنىنى خەتەردىن ساقلاپ قېلىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى غايەت زور دەرىجىدە ئاشۇرغان بولسىمۇ، شېڭ شىسەينىڭ ئىككى يۈزلىمىلىكى ئاخىرقى ھېساپتا ئىككى تەرەپنىڭ «پولاتتەك دوستلۇقى» نى بىكار قىلىپ، بۇ رايوندىكى يەنە بىر قېتىملىق زور خەلق ھەركىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان.
بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.