خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى: «خىتاينىڭ ‹جازا› سى بىزنى توختىتالمايدۇ!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشلارغا جاۋابكار بىر قاتار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلغان ئىدى. 21-دېكابىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى «جازا تەدبىرلىرى» نىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نېيدىن مېئانزى خانىم، مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل، شۇنىڭدەك كومىسسارلاردىن ئانۇرىما بارگاۋا ۋە جېيمىس كارغا «جازا» بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خوڭكوڭ ۋە ماكاۋ (ئاۋمېن) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي تېررىتورىيەسىگە بېرىشى چەكلىنىدىغانلىقىنى، خىتايدىكى مال-مۈلكىنىڭ پۈتۈنلەي توڭلىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى «جازا ھۆكۈمى» ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ئوخشاش قىلمىشلىرىنىڭ تەكرارلىنىشى بولۇپ، 2021-يىلىنىڭ بېشىدا 28 نەپەر ئامېرىكا ئەمەلدارىغا «جازا ئېلان قىلغان» ىدى. شۇ ۋاقىتتا بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايكىل پومپېيو، سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر رۇس، ساقلىق ۋە ئىنسانىي مۇلازىمەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېكس ئازار، ئاق ساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جون بالتون قاتارلىق كىشىلەر بار ئىدى. بۇ قېتىم بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ 2021-يىلى مارت ئېيىدا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گايل مانشىن ۋە مۇئاۋىن رەئىسى تونىي پېركىنسنى «جازالاش» قىلمىشىنى تەكرارلاپ مەزكۇر كومىتېتىنىڭ تۆت نەپەر ئەزاسىغا جازا ئېلان قىلدى.

شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مەزكۇر «جازا» تەدبىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى كەسكىن ئەيىبلىدى. كومىتېت رەئىسى نېيدىن مېئانزى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشىنى دىققەتكە ئالغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئاساسسىز ‹جازا› ئېلان قىلىشىدىن ھەيرانمۇ قالمايمىز» دېدى. مۇئاۋىن رەئىس نۇرىي تۈركەل بولسا «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىققا قارشى ئورنىدىن دەست تۇرغان خەلقئارا جامائەتكە قارشى چىقىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار ھەدېسە خەلقئارا جامائەتنى ‹خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق›قا دەۋەت قىلىدۇ. ھالبۇكى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېچقاچان ‹ئىچكى ئىش› بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا كومىتېت رەئىسى نېيدىن مېئانزى خانىم مۇشۇ «جازا تەدبىرى» نىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى قىلىۋاتقان خىزمەتنىڭ بەكمۇ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىدىن بېرىلگەن بېشارەت ئىكەنلىكىنى ئىپخىتىخارلىق ئىچىدە تىلغا ئالىدۇ.

«بۇ قېتىملىق جازا ئۆز نۆۋىتىدە بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزگە، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەققىدە جاراڭلىق سۆز قىلغانلىقىمىزغا قايتۇرۇلغان ئىنكاستۇر. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشىغا بەك كۆپ تەۋسىيەلەرنى يوللىغان ئىدۇق. ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى›نىڭ ماقۇللىنىشىغىمۇ بىز زور كۈچ چىقارغانىدۇق. بۇ خىلدىكى كۆپلىگەن تەۋسىيەلىرىمىزنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئاق ساراي قوبۇل قىلغان ئىدى. روشەنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قۇيقا چاچلىرىنى تىك تۇرغۇزۇۋەتكەن ئىشلار ئىدى».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يوسۇندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنى قايتا-قايتا «ھۇجۇم نىشانى» قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «جازا ئوبيېكتى» نىڭ بىرى، سابىق كومىسسار جوننىي مۇر ئەپەندى مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەقىقەتنى پاش قىلىشتىكى رولىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئولتۇرالماس قىلىپ قويغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يەتتە نەپەر ئەزاسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ‹جازا›سىغا ئۇچرىدى. كىشىلەر مەندىن بۇنىڭ سەۋەبىنى كۆپ قېتىملاپ سورىغان. مېنىڭ جاۋابىم شۇ: بۇ كومىتېت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مىليونلىغان ئامېرىكالىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىن چۆچۈپ ئ‍ۇيقۇسىنى ئېچىشىغا سەۋەب بولدى. يەنە كېلىپ بىز بۇ ئىشنى ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقى ئاساسىدا بەكمۇ ئۈنۈملۈك ۋۇجۇدقا چىقاردۇق. خىتايدىكى ھەقلەر دەپسەندىچىلىكى شۇنچە ئېغىر بولۇۋاتقاندا غەرب دۇنياسىدا ھامان بىرى بۇ ھەقتە ئاۋاز چىقىرىشى كېرەك ئىدى. بىز ئەنە شۇ ئىشنى قىلدۇق. بۇ بىرىنچىسى. يەنە بىرى بولسا بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بارغانسېرى دۇنياغا يامراۋاتقان زومىگەرلىك ئىدىيەسى ۋە دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ چىقتۇق ھەمدە ئۇنى دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بۇ رېئاللىقتىن ئاگاھلاندۇردۇق. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى›غا گول بولۇپ، خىتاينىڭ قەرزىنى قوش قوللاپ ئېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قانداق پايخان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالدى».

ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى جازا ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقىنى ئۇنتۇماسلىق توغرىسىدا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرىي تۈركەل ئەپەندى ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەق ۋە ئادالەت ئۈچۈن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا جازا ئېلان قىلغان.

باشقا كۆپلىگەن ساھەدىكى زاتلارغا ئوخشاش جوننىي مۇر ئەپەندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «جازا تەدبىرى» ئېلان قىلىشىنى پۈتۈنلەي ئاساسسىز، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك بۇنىڭ بەكمۇ روشەن بولغان «مۇتتەھەملىك» تۈسى ئالغان بىر قىلمىش بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ «جازا» نىڭ قانداق سەلبىي تەسىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۆزىنىڭ بۇنى خېلى بۇرۇنلا قىياس قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقى ئالاھىدە تەكىتلىگەن نۇرى تۈركەل بۇنىڭ ئۆز خىزمىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. نۇرى تۈركەلنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ئورنىغا «بىرگە بىر» دەپ مۇتتەھەملىك قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئاجىزلىقنىڭ ئەڭ ئاشكارا ئىپادىسى ئىكەن.

بۇ توغرىسىدا رەئىس نېيدىن مېئانزى خانىممۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قاراشتا. ئۇنىڭ پىكرىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى جازالار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرماقچى بولۇشى ئەمەلگە ئاشماس ئارزۇ ئىكەن.

«بۇ خىلدىكى جازالار بىزنى سۆز قىلىشتىن توختىتالمايدۇ. ئەكسىچە بىزنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلەۋاتقانلىقىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز تىلغا ئېلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭمۇ ئۇزۇنغا داۋام قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسىگە دەيدىغىنىم، بۇ خىلدىكى جازالار ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار كومىتېتىمىزنى ۋە خەلقئارا جامائەتنى بۇ خىزمەتتىن توختاتماقچى بولسا ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا دىنىي جامائەتكە قىلىۋاتقانلىرىنى ئۆزگەرتسۇن».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى جازا تەدبىرى ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بەس-بەستە خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھال تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىۋېلىشىغا يول ئاچىدۇ، دەپ قارىماقتا ئىكەن.