خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتىدە «مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىلىق سۆزلەشكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.09.06
kokbayraq-xitay-bayraq.jpg ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ئانا يۇرتىنىڭ بايرىقى بولغان شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن خىتاي دۆلەت بايرىقى كىرىشتۈرۈلگەن رەسىم. 2022-يىلى 30-ماي.
REUTERS

ب د ت خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى (ILO) نىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ» ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى كەڭ ئومۇملاشقان» دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولغان. ئالدىنئالا ئېلان قىلىنمىغان ۋە جىمجىت ئېلىپ بېرىلغان بۇ تۇيۇقسىز زىيارەت، سابىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ 2022-يىلى 5-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان تالاش-تارتىشتىكى زىيارىتىدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم ب د ت غا تەۋە بىر تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا قايتا زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەينى ۋاقىتتا باچېلېتنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشى، خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاقلاش تەشۋىقاتىدىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئەمگەك ئۆلچەملىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى كورىن ۋارگا خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچىلېتنىڭ 2022-يىلى 31-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ دوكلاتى» غا نەق بىر يىل بولغان، شۇنداقلا خىتاي ئۆتكەن يىلى تەستىقلىغان خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ھەم چەكلەش توغرىسىدىكى ئىككى ئەھدىنامىسى بۇ يىل 12-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان.

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ 1930-يىلى چىقارغان «مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ئەھدىنامىسى» ، يەنى 29-نومۇرلۇق ئەھدىنامىسى بىلەن، 1957-يىلى چىقارغان «مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىكار قىلىش ئەھدىنامىسى» ، يەنى 105-نومۇرلۇق ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىغان. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى خىتاينىڭ بۇ ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلىغانلىقىنى قارشى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ ئىككى ئەھدىنامىنى تەستىقلىشىدىكى مەقسىتىگە قارىتا سوئال قويغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رايون دېرىكتورى ساراھ برۇكس (Sarah Brooks) 5-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، زىيارەتنىڭ بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى، خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا تەۋسىيەلەرنىمۇ تولۇق ئورۇندىشىنى تەلەپ قىلدى.

ساراھ برۇكس مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ زىيارەتنىڭ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىغا نىسبەتەن مەجبۇرىيەت خاراكتېرلىك بىر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش مۇھىم. شۇنداقلا بۇ يەنە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ 2022-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلىنغان ‹شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى› نى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كونكرېت تەۋسىيە. لېكىن بىز بۇنى كاتەكچىنىڭ پەقەت بىر نۇقتىسى، دەپ قارايمىز. بۇ كىشىنى ئۈمىدلەندۈرسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا بىر يۈرۈش تەۋسىيەلەرگە دىققەت بېرىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىغا تېخىمۇ ئەرزىيدۇ.»

ساراھ برۇكسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى ۋە ب د ت نىڭ باشقا ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا دائىر تەۋسىيەلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىشىنى كۈتىدىكەن. ساراھ برۇكس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تەۋسىيەلەر دۆلەت بىخەتەرلىكىدىن تارتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقىچە بولغان بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ قانۇنىي رامكىسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (خىتاينىڭ) ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلىشتا بۇ قانۇنىي رامكىدىن پايدىلانغانلىقىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن. ب د ت نىڭ باشقا ئورگانلىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى، جۈملىدىن ئىرقىي كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش كومىتېتىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى ئىجرا قىلىشتا، ھەممىدىن مۇھىمى ئەركىنلىكىدىن خالىغانچە مەھرۇم قىلىنغان بارلىق شەخسلەرنى، ئۇچۇر قاناللىرىنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقە قاناللىرىنى ئېچىۋېتىشى كېرەك.»

خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە رايوندىكى خالىغان بىر زاۋۇت-كارخانىنى ئەركىن تەكشۈرۈش، بۇ زاۋۇت-كارخانىلاردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئىشچىلار بىلەن ئەركىن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ياكى ئېرىشمىگەنلىكى؛ ئەگەر بۇنداق بىر پۇرسەتكە ئېرىشكەن بولسا، قايسى زاۋۇت-كارخانىلارنى زىيارەت قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى 5-سېنتەبىر مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدىمۇ بۇ زىيارەتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى، زىيارەتتە مۇزاكىرە قىلىنغان كونكرېت تېمىلارغا دائىر تەپسىلاتلارنى چۈشەندۈرمىگەن. لېكىن زىيارەتتە خىتاينىڭ قانۇنى ۋە (خىتاي) تەستىقلىغان خەلقئارا ئەمگەك ئەھدىنامىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى كەمسىتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە دائىر مەزمۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئائىت تېخنىكىلىق مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي قانۇنلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، (خىتاي) تەستىقلىغان خەلقئارا ئەمگەك ئەھدىنامىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسپىي جەھەتتىكى كەمسىتىش، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە ئائىت تېخنىكىلىق مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى» . ھالبۇكى، ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك ھەقلىرىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن «ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» نىڭ قارىشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ھېچقانداق بىر ئاممىۋى تەشكىلات بىلەن بىرەر مەسلىھەتتە بولماي تۇيۇقسىز ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشى «توغرا قارار ئەمەس» ئىكەن.

بۇ تەشكىلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچى خادىمى جەۋھەر ئىلھام، 5-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىلىشىمچە، مەن ئالاقىدە بولغان ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ زىيارەتتىن خەۋەرلەندۈرۈلمىگەن. بۇ زىيارەت پۈتۈنلەي تۇيۇقسىز بولدى. بۇ زىيارەتنىڭ ھېچكىمگە خەۋەر قىلىنماي ئېلىپ بېرىلىشىنى ئىنتايىن غەلىتە دېيىشكە بولىدۇ. مېنىڭچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا مەسلىھەت سالماي ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشى، بەك توغرا قارار ئەمەس.»

جەۋھەر ئىلھامنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە-بۇ تەشكىلاتنىڭ قانداق ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ زىيارەتتە قانداق يول تۇتقانلىقىغا باغلىق ئىكەن. جەۋھەر ئىلھام مۇنداق دېدى: «مەن زىيارەتنىڭ ۋاقتىنى ياخشى ياكى يامان دەپ قارىمايمەن، لېكىن بۇ يەردە زىيارەتنىڭ پەقەت توغرا يولى ياكى خاتا يولىلا بار. بۇ مېنىڭ قارىشىم. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، بۇ رايوندا زىيارەتتە بولۇشقا بولىدۇ، لېكىن بۇ زىيارەت چوقۇم مۇۋاپىق شەرتلەردە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىكى بىرىنچى شەرت، ۋەكىللەر چوقۇم ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق خەلقلەر بىلەن ئەركىن سۆزلىشەلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى تەسىرىسىز، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىرىسىز ئۇلار بىلەن ئالاقە قۇرالىشى كېرەك.»

لېكىن خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ مەزكۇر زىيارەتكە ئائىت خەۋەرلىرىدىكى ئۇچۇرلار ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، ما شىڭرۇينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ما شىڭرۈي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكانى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت دېيىش، «ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ توقۇغان بوھتانى» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەزكۇر رايوندا مۇستەقىل ۋە تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ كەلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇرباننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ زىيارەت ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن توغرا بولمىسىمۇ، ئەمما نەزەرىيە جەھەتتىن خاتا ئەمەس ئىكەن. ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 5-سېنتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەمەلىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ۋەكىللىرىنىڭ زىيارىتىنى ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ رايوندىكى خەلقلەر بىلەن ئەركىن ئۇچرىشىشىغا يول قويمايدىكەن. لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى ساراھ برۇكسنىڭ قارىشىچە، بۇ زىيارەت خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ رايوندا مۇستەقىل كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەپ قويغان بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ رايوندىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى قىسمەن بولسىمۇ سۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

 ساراھ برۇكس مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەزىپىسى كاشىلىغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇلار ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېرىشكەن ياكى ئېرىشەلمىگەن خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر ئۇچۇرلار ھەققىدە سۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. چۈنكى، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق نازارەتچىلىرىنىلا ئەمەس، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتچىلىرىنىڭمۇ شىنجاڭدا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىشىنى رەت قىلغاچقا، بىز دوكلاتلىرىمىزنى مۇستەقىل دەلىللەشكىمۇ ئامالسىز قالدۇق.»

خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ 5-سېنتەبىر رادىيومىزغا ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا قەيت قىلىشىچە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «خەلقئارا ئەمگەك ئەھدىنامىسى» نى تولۇق ئىجرا قىلىشىغا تېخنىكىلىق مەسلىھەت بېرىش، بۇ تەشكىلاتنىڭ نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. باياناتتا، خىتاينىڭ 2066-يىلى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كەسىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش ھەققىدىكى 111-نومۇرلۇق ئەھدىنامىسىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يەنە 2022-يىلى مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىش ھەققىدىكى 29-نومۇرلۇق ئەھدىنامىسى ۋە 105-نومۇرلۇق ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇپ كەلگەن دۆلەت ھامىيلىقىدىكى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» ۋە «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىروگراممىلىرىنى تەنقىدلىگەن. رايوندا ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى كەمسىتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.