«خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار ھەمكارلىقى» خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا ئائىت ئەرزگە قاراپ چىقىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

«خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار ھەمكارلىقى» يەنى (IPAC) 2020-يىلى 6-ئايدا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشى مەقسىتىدە قۇرۇلغان ھەمكارلىق تەشكىلاتىدۇر. بۇ تەشكىلات 9-نويابىر كۈنى بۇ ھەمكارلىقتىكى 14 دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان جەمئىي 63 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىرلىكتە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش تەپتىشىگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدە سۇنۇلغان ئەرزنى قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ يىل 7-ئايدا ئەنگلىيەدىكى بىر ئادۋوكاتلار گۇرۇپپىسى «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى» گە ۋاكالىتەن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا 80 بەتلىك بىر ئەرزنامە سۇنۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خەلقئارا سوتنىڭ خىتاي ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. يۇقىرىقى 63 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات رودنىي دىكسون باشچىلىقىدا سۇنۇلغان بۇ ئەرزنامىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلىرىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي ۋە كەڭ پاكىتلار مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنى بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان.

مەكتۇپتا مۇنۇلار دېيىلگەن: «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى خەلقئارادا ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جىنايەتلەرگە ھۆكۈم قىلىشتا ئۆزگىچە ئىقتىدارغا ئىگە. بىز خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا بۇنداقلارنىڭ تېگىشلىك جازاغا تارتىلماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى سورايمىز.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولغان دۆلەت ئەمەس، ئەمما ئەنگلىيەلىك ئادۋوكاتلار يوللىغان ئەرزنامىسىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا يۈز بەرگەن جىنايەتلەرنىڭ ئىلگىرى قوبۇل قىلىنىپ باققانلىقىدەك مىسالدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينى ئەرز قىلغان ئىكەن. مەسىلەن، ئۇلار ئەرزنامىسىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەزا بولغان تاجىكىستان ۋە كامبودژا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى نۇقتىلىق تۈردە ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ ئۆز ھوقۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۇرۇنۇشىغا قارىتا خەلقئارا نازارەتنى كۈچەيتمەكچى بولغان. ئەرزنامىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بار دەپ قارىلىۋاتقان شى جىنپىڭ قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ سورىقىنى قىلىش يولىدا كۆرسىتىلگەن بۇ پارلامېنتلار ئارا تىرىشچانلىقنى قارشى ئالدى ۋە بۇنىڭغا كۈچ چىقارغان ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ دېموكراتىك ئەللەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلىپ بۇنداق چاقىرىقنى قىلىشى بىزگە زور ئىلھام بېرىدۇ، دېدى.

«خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار ھەمكارلىقى» نىڭ رەئىسلىرىنىڭ بىرى، خەلقئارا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى كىشىلىك ھوقۇق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بارونېس خېلېنا كېننىدى خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:

«شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان دەھشەتلىك زىيانكەشلىكنى ئاشكارىلاۋاتقان دەلىل-ئىسپاتلار كۆپەيمەكتە. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەرنى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى تولۇق تەكشۈرۈشى كېرەك، ھوقۇق بېرىلگەن تەقدىردە، جىنايەتچىلەرنىڭ سوتقا تارتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»

ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇنغان ئەنگلىيەلىك ئادوۋكات رودنىي دىكسون «خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار ھەمكارلىقى» (IPAC) ئىچىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى كۆرسەتكەن قوللاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ باش تەپتىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇ بىر بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىش ۋە مۇھىم پۇرسەت، بىز خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى تەپتىشلىرىنى بۇ مەسىلىنى كېچىكتۈرمەسلىككە چاقىرىمىز،» دېگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ھازىر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى مۇشۇ جەھەتتىن جاۋابكارلىققا تارتىش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ كىشىگە زور ئۈمىد بېغىشلايدىغان بىر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى بۇ چاقىرىققا ئىمزا قويغان 63 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدە ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى سىرلىئىن دانكان سىمىس، ئاۋسترالىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىمبېرلېي كىتچىڭ ۋە گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى مارگارېتى بوۋزىڭ ھەم شۇنداقلا يەنە كانادا، گوللاندىيە، ئىتالىيە، دانىيە، فىرانسىيە، لاتۋىيە، شىۋېتسىيە، شىۋېتسارىيە، يېڭى زىلاندىيە، چېخىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان.