خەلقئارا ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر شائىرلىرى ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ قىسمەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى دېموكراتىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 49-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى ئامىنە ۋاھىت سەدەف خانىم قاتنىشىپ، ئۇيغۇر شائىرلىرى ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ قىسمەتلىرىنى ئاڭلاتقان.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان كىباتەك (KIBATEK) ، يەنى خەلقئارا ئەدەبىياتچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى فەيياز ساغلام ئەپەندى يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ پائالىيىتىمىز 25 يىلدىن بۇيان ئىزمىردا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل 49-نۆۋەتلىكىنى ئۆتكۈزدۇق. بەزىلىرىنى باشقا دۆلەتلەردە ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىزگە سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، تۈركىيە، گىرېتسىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە بوسنىيە قاتارلىق 14 دۆلەتتىن 21 نەپەر شائىر ۋە يازغۇچى قاتناشتى. ئىزمىردىكى يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ قاتناشتى. 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا شېئىر دېكلاماتسىيە ۋە ئەدەبىي سۆھبەتلەردىن سىرت، ئىلمىي دوكلاتلارمۇ سۇنۇلدى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدىن بىر نەپەر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمان قاتناشتى. »

49-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن يازغۇچى، شائىر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خاتىرە سۈرىتى. 2023-يىلى 25-دېكابىر، ئىزمىر
49-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن يازغۇچى، شائىر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خاتىرە سۈرىتى. 2023-يىلى 25-دېكابىر، ئىزمىر (RFA/Erkin Tarim)

تۈركىي خەلقلەر شائىرلىرىنى ئاساس قىلغان ئەدەبىياتچىلار ئۇچرىشىشى ئىلگىرى قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەندە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلار ئىشتىراك قىلغان بولسىمۇ، ۋەتەندىكى شائىر ۋە يازغۇچىلار قاتنىشالمىغان. يېقىندىن بۇيان تۈركىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلار ئىزچىل ھالدا بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلىرىنىڭ قىسمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ئەدەبىي تەرجىمان ئامىنە ۋاھىت سەدەف خانىم بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئىزمىر دېموكراتىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىندا مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە، پىروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ شېئىرلىرى بىلەن شائىرە گۈلنىسا ئىمىن گۈلخاننىڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن يىغىن ئەھۋالىنى خەۋەردار قىلدىم. »

ئۇ، دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ قىسمىتىنى ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا <كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر شائىر ۋە شېئىرىيىتىنىڭ قىسمىتى> ھەققىدە دوكلات بەردىم. بۇ دوكلاتىمدا ئۇيغۇر شائىرلار ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ قىسمىتىنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرۇپ ئاڭلاتتىم. بىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى شائىر ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ قىسمەتلىرى، يەنە بىرسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر شائىرلىرى ۋە شېئىرىيىتىنىڭ قىسمەتلىرى. مەن دوكلاتىمدا 1949-يىلى خىتاي ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغاندىن تارتىپ 1980-يىلىغىچە بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى 30 يىللىق قاراڭغۇلۇق ۋە يوقىتىش سىياسىتىنى، يەنە بىرسى 1980-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان ئەدەبىياتتىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرنى، ئەدەبىي كىتاب ۋە گېزىت-ژۇرناللىرىمىزنىڭ بۇ دەۋردە يورۇق كۆرگەنلىكىنى، بۇ دەۋردە يېزىلغان نۇرغۇن نادىر شېئىرلارنى، مەسىلەن، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوف، تۇرغۇن ئالماس ۋە بوغدا ئابدۇللا قاتارلىقلار يېزىپ قالدۇرغان شېئىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تونۇشتۇردۇم. »

تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى دېموكراتىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 49-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 25-دېكابىر، ئىزمىر
تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى دېموكراتىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 49-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەدەبىيات مۇھاكىمە يىغىنى كۆرۈنۈشى. 2023-يىلى 25-دېكابىر، ئىزمىر (RFA/Erkin Tarim)

ئامىنە ۋاھىت سەدەف خانىم ئىلمىي دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا 2015-يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «مەن 2015-يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يەنە بىر قېتىم قاراڭغۇلۇققا ۋە يوقىتىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن يازغۇچى ۋە شائىرلىرىمىزنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىلەردە ۋە لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى، شائىرلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاڭلاتتىم. ئۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر شائىرلار ۋە شېئىرىيەت توغرىسىدا توختالغىنىمدا، 2017-يىلى قۇرۇلغان دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى، نەشردىن چىقىۋاتقان كىتابلار ۋە بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. »

ئامىنە ۋاھىت سەدەف خانىم بۇ يىغىن ھەققىدىكى تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، يىغىندا ئۇيغۇر شائىر ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى ئاڭلاتقان ۋاقتىدا يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ناھايىتى قىزىقىپ ئاڭلىغانلىقىنى، يىغىندا ئەدەبىيات ۋاسىتىسى بىلەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، ناھايىتى پايدىلىق يىغىن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا ئەدەبىياتچىلار ئۇيۇشمىسى 48-نۆۋەتلىك يىغىنى، بۇ يىل 8-ئايدا ئىزمىردا ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر يىغىنغا شىۋېتسىيەدىن كېلىپ قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندى، مەزكۇر ئۇيۇشما بىلەن ھەمكارلىشىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن ھەمكارلىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

49-نۆۋەتلىك خەلقئارا يازغۇچىلار ئۇچرىشىشى ئىزمىر شەھىرىدە 3 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ 3 كۈن جەريانىدا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ئەدەبىي سۆھبەت ۋە ئىلمىي دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرى بولغان. ئامىنە ۋاھىت سەدەف خانىم لاگېر ۋە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغاندىن سىرت، شائىرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ توختالغان.