ئامېرىكا 11 ‏ - سېنتەبىردە قۇربان بولغانلارنى ئەسلىدى

ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە 11 ‏ - سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 7 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن مەزكۈر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 3000 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.11

 2001 ‏ - يىلى 9 ‏ - ئاينىڭ 11 ‏ - كۈنى، تېررورچىلار ئامېرىكىنىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى بۇلاپ، نيۇيوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ بىر جۇپ بىناسىغا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىناسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن سىرت، يەنە بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى پېنسىلۋانىيە شىتاتىغا تەۋە ئورماندا پارتلىتىۋەتكەن ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئىككى چوڭ پارتىيە پرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن ئوباما بىلەن مىكېيىن، دۇنيا سودا مەركىزى مەيدانىدا ھۇجۇمدا ۋاپات بولغانلارغا ئاتاپ گۈلچەمبىرەك قويدى ۋە ھەر ئىككى پرېزىدېنت نامزاتى، قۇربان بولغانلارغا ماتەم تۇتۇش يۈزىسىدىن سايلام ئېلانلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، ۋاشىنگتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا ئالدىغا تۇرغۇزۇلغان خاتىرە ئابىدىسىنىڭ يۇپۇقىنى ئاچتى. بۇ بىناغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم 180 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچقان ئىدى.

دۇنيا سودا مەركىزىدە 11 ‏ - سېنتەبىر ئۈچۈن تۇرغۇزۇلماقچى بولغان يېڭى قۇرۇلۇشلار ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى تېخى تەلتۆكۈس پۈتۈپ چىقمىدى.

دۇنيا سودا مەركىزىگە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، گۆھەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىز ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا ياشاۋاتقان ئاتا ‏ - ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى ھېلىمۇ گۆھەرنى خۇددى قايتىپ كېلىدىغاندەك بىر ئۈمىد بىلەن سېغىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.