كاندىلىزا رايس رۇسىيىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس بۈگۈن رۇسىيىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە رۇسىيىنى دۆلەت ئىچى مەسىلىسىدە دىكتاتورلۇق قىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا مەسىلىلەردە بولسا ئۆكتەملىك قىلىۋاتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى ۋە رۇسىيىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەخىرسىز ھەرىكەتلىرىنىڭ خەتىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

رۇسىيە، ئۆتكەن ئايدا، گرۇزىيىگە ئەسكىرىي ھۇجۇم قىلغان، 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا، جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان، تۈنۈگۈن بۇ ئىككى رايون بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىغان ئىدى.

رايىسنىڭ سۆزى، رۇسىيىنىڭ جەنۇبى ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيە بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىشىدىن بىر كۈن كېيىنگە توغرا كەلدى. نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەت رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزەتمەكتە.