ئامېرىكا پرېزىدېنت كاندىداتلىرى خىتاينى پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىردى

ئامېرىكا پرېزىدېنت كاندىداتلىرى باراك ئوباما ۋە جون مېككېيىنلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي سىياسەتلىرىنى شەرھىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ھەر ئىككىلا كاندىدات خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتە كۆپ توختالغاندىن باشقا يەنە، خىتاينى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دېموكراتلار پارتىيىسى پرېزىدېنت كاندىداتى باراك ئوباما ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كاندىداتى جون مېكېينلارنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە ئامېرىكا ‏ - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مەيدانى، 15 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا سودا بىرلەشمىسى خىتاي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.

باراك ئوباما خىتاي سىياسىتىدە، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ بارلىق پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، دېموكراتىيە ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىغا قاراپ مېڭىشىنىڭ خىتاينى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە " ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىمۇ بۇلارنى كۈتىدۇ ۋە تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى يولغا قويۇش ھەمدە ئىجرا قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئېقىمدىن ئايرىلىپ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى پرېزىدېنت نامزاتى جون مېكېين بولسا، بىر دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشى خەلقئارا دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغايدىغان قانۇنى تېما ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە نۇرغۇنلىغان خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ئىمزا قويغانلىقىنى، بۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ سىياسەتلىرىدە يەنە، ئامېرىكا - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، باراك ئوباما بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۆ ز پۇلىنىڭ قىممىتىنى "سۈنئىي ھالدا تۆۋەن" تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ ئۆز پۇلىنىڭ خەلقئارا بازاردا ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى تەڭشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش جەھەتتە بارلىق دىپلوماتىيە ۋاستىلىرىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كاندىداتلارنىڭ خىتاي سىياسىتىدە يەنە، دۇنيا ھاۋا كىلىماتى ئۆزگىرىشى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىن ئېلىش جەھەتلەردە خىتاينى مەسئۇلىيەتچان ۋە ئاكتىپ بولۇشقا چاقىرىدىغان تەرەپلەرمۇ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.