ب د ت ئەلچىسى خىتايدىكى قىيىن- قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرىدۇ


2005.11.21

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىيىن- قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرگۈچى خادىمى مانفرەد نوۋاك دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يىتىپ كېلىپ،خىتايغا قىلىدىغان ئىككى ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ خىتاينىڭ تۈنجى قېتىم ب د ت نىڭ قىيىن- قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرگۈچى خادىمىنىڭ زىيارىتىگە رۇخسەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتنى زىيارەت قىلىدۇ ھەمدە بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ساقچىلارنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنى قىيىن- قىستاققا ئېلىپ، مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇشىغا يول قويىدۇ، ئۆلۈم جازاسىنى قالايمىقان ئىشلىتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى گەرچە بۇ يىل يازدا ساقچىلارنىڭ قىيىناپ ئىقرار قىلدۇرۇشىنى چەكلەيدىغان بىر قانۇننى ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ قانۇن سېستىمىسىدا قىيىن- قىستاق ۋاستىلىرىنى كەڭ قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئول خادىمى مارك ئەللىسىن " قىيىن- قىستاققا ئېلىش ئەھۋالى خىتايدا ئىنتايىن ئوموميۈزلۈك. ئەمما بىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغىنىمىزدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئەڭ ئېغىر ۋە ۋەھشىي قىيىن - قىستاققا ئېلىش ۋاستىلىرى قوللىنىلىدۇ" دەپ بىلدۈردى. ئۇ خىتاينىڭ ب د ت ئەلچىسىنىڭ زىيارىتىگە يول قويۇش بىلەنلا چەكلەنمەي، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ چاقىرىقىغا قولاق سېلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.