" جورج بۇش خىتايغا بارغاندا ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتلەردە زىيارەتتە بولۇشى كېرەك"

چارشەنبە كۈنى، بىر قىسىم ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان بىر قارار لايىھىسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر قارار لايىھىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

قارار لايىھىسىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك روھىغا ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا، ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇش ھەمدە سۇدان ۋە بېرما قاتارلىق چېرىك ھۆكۈمەتلەرگە قاراتقان قوللاش قىلمىشلىرىنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.

قاراردا مۇنداق دېيىلگەن: “ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەرھال توختىتىشى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان بېسىمنى پەسەيتىشى ۋە سۇدان ۋە بېرما ھۆكۈمەتلىرىگە قاراتقان قوللاشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك” دەپ كۆرسىتىلگەن.

12 نۇقتىلىق مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارار لايىھىسىدە يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۇچۇن خىتايغا بارغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىر باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتلەردە زىيارەتتە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر قارار لايىھىسىنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى خوۋارد بېرمان چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان " ئولىمپىك ھارپىسىدىكى خىتاي " دېگەن تېمىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۈگۈن يەنى پەيشەنبە كۈنى رەسمىي دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

ئەمما بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايان ئېلان قىلىپ ئامېرىكىدا بۇنداق قارا لايىھىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە خىتاي باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ مەزكۇر قارا لايىھىسىنىڭ ئولىمپىك روھىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئولىمپىكىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھالبۇكى خەلقئارا كىشىلىك تەشكىلاتلىرى ئەكسىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى ئېلىش ئالدىدا خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن ۋەدىسىنى ئاقلىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايغا بۇ جەھەتلەردە بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتە.