ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى


2004.10.05

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى" 2004 -يىللىق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى دوكلاتى" نى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۆتكەن بىر يىلدا ئىنتايىن ناچارلاشقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىزچىل تۈردە ئاياق - ئاستى قىلغان.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن باستۇرىلىۋاتقانلىقىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە كۆزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ھەر يىلى بىر قېتىم مەخسۇس دوكلات تەييارلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خەلقئارادىكى كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا .(ئەقىدە)

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.