پېشاۋار ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى ھەسەن خاننىڭ فرانىسيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ناھايىتى خىل قوراللار بىلەن قوراللانغان مىلىتانلار تېخى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان.
پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ئاۋغۇست ئېيىدا، پاكىستان ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى تالىبان كۈچلىرىگە قارىتا باشلاتقان ھەربىي ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، پاكىستان ھەربىي خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنبە كۈنىدىكى توقۇنۇشلاردا تالىبان كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلگەن.
بۇ ئارىدا جۈمە كۈنى ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدا 14 كىشنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولدى. بۇ ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن مۇشۇ ئاي ئىچىدە پاكىستان تېررىتورىيىسىگە ئېتىلغان 5 - باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بۇ ھۇجۇملىرى پاكىستان - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنسېرى جىددىلىشىشىگە سەۋەب بولماقتا.