رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بوش بىلەن سۆھبەتتە بولدى

سەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاق سارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بوش بىلەن كۆرۈشتى.

جورج بوشنىڭ كېلەر ئاي بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىش ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا، جورج بوش رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىر قاتاردا يەنە تىبەت ھەمدە خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ ۋەكىللەرنى خىتاي مەسىلىسىدە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.

ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بوش بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، باستۇرۇش سىياسىتىنى دائىمىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشىدىن تەشۋىشلەنگىنىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا جورج بوشنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەرھال توختىتىش، پەرزەنتلىرىنى ۋە بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىش، بولۇپمۇ ئولىمپىك ھارپىسىدا بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ قولغا ئالغان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرغان " ئولىمپىك ھارپىسىدىكى خىتاي " دېگەن تېمىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنى پەيشەنبە كۈنى رەسمىي دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋازغا قويۇلغان قاراردا : "بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەرھال توختىتىشى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان بېسىمنى پەسەيتىشى ۋە سۇدان ۋە بېرما ھۆكۈمەتلىرىگە قاراتقان قوللاشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك" دەپ كۆرسىتىلگەن.

قارار لايىھىسىدە يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بوشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۇچۇن خىتايغا بارغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىر باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتلەردە زىيارەتتە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.