رۇسىيە ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيە بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى

رۇسىيە بۈگۈن، ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيە بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە رۇسىيە پرېزىدېنتى Medvedev، جەنۇبىي ئوسسېتىيە لىدېرى Eduard Kokoity ۋە ئابخازىيە لىدېرى Sergei Bagapsh لار ئىمزا قويدى.

كرېمىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا مۇراسىمىدا سۆز قىلغان رۇسىيە پرېزىدېنتى Medvedev، تۈزۈلگەن شەرتنامىنىڭ مەقسىتىنى ئىككى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش دەپ چۈشەندۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە: " شەرتنامىنى، رايون بىخەتەرلىكىگە، كەلگۈسى تەھدىتلەرگە قارىتا ئورتاق تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن ئىمزالىدۇق، بىز بۇ رايوندا ھەر قانداق ئەسكىرىي ئارىلىشىشقا يول قويمايمىز " دەپ ئەسكەرتكەن ۋە " ھېچكىم بۇ نۇقتىدا خاتا خىياللاردا بولمىسۇن "دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، گرۇزىيە بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. گرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Grigol Vashadze بەرگەن باياناتىدا، " ئابخازىيە بىلەن Tskhinvali رايونى گرۇزىيىنىڭ بىر پارچىسى، شەرتنامە خەلقئارا قانۇنلارغا تامامەن خىلاپ دەپ ئەيىبلىدى.