ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2008-09-21
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت يەكشەنبە كۈنى رەسمىي ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
2008-09-20
پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام شەھىرىدىكى مارىيوت مېھمانخانىسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 34 كىشى ئۆلگەن 200 ئادەم يارىلانغان.
2008-09-20
گروزىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيىنى جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىدىكى ھەربىي قىسىملىرىنى، مەزكۇر رايونلاردىن چېكىندۈرۈشكە چاقىرىۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن، رۇسىيىنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىدىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش توغرىسىدا پەقەت رۇسىيە، جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيە ھۆكۈمەتلىرى قارار بېرەلەيدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
2008-09-18
نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كرىزىسلارنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، خىتاي ۋە ئامېرىكا سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا سۆھبەتنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى، ئىككى دۆلەت ئارىسىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى، يىمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى، مەھسۇلاتلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى مەسىلىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2008-09-18
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس بۈگۈن رۇسىيىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر ھەققىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلىدى. ئۇ سۆزىدە رۇسىيىنى دۆلەت ئىچى مەسىلىسىدە دىكتاتورلۇق قىلىۋاتىدۇ، خەلقئارا مەسىلىلەردە بولسا ئۆكتەملىك قىلىۋاتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى ۋە رۇسىيىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تەخىرسىز ھەرىكەتلىرىنىڭ خەتىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
2008-09-17
رۇسىيە بۈگۈن، ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيە بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە رۇسىيە پرېزىدېنتى Medvedev، جەنۇبىي ئوسسېتىيە لىدېرى Eduard Kokoity ۋە ئابخازىيە لىدېرى Sergei Bagapsh لار ئىمزا قويدى.
2008-09-15
ئامېرىكا پرېزىدېنت كاندىداتلىرى باراك ئوباما ۋە جون مېككېيىنلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي سىياسەتلىرىنى شەرھىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ھەر ئىككىلا كاندىدات خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتە كۆپ توختالغاندىن باشقا يەنە، خىتاينى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2008-09-14
يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىگە قاتنايدىغان ھاۋا يوللىرى شىركىتى "ئايرېفلوت" نىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇرال تاغلىق رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن.
2008-09-14
شەنبە كۈنى تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخاباتتا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، تۈركمەنىستان ساقچى دائىرىلىرى بىر زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك گۇرۇپپىسىنى تارمار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2008-09-14
رۇسىيە ھۆكۈمىتى شەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاسىتىچىلىقى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە بىنائەن بىر قىسىم قوشۇنلىرىنى گرۇزىيىدىن چېكىندۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى گرۇزىيىگە 200 كىشىلىك بىر تەكشۈرۈش ھەم كۆزىتىش ئۆمىكى ئەۋەتىدۇ.
2008-09-13
رۇسىيە، گروزىيە بىلەن ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن شەنبە كۈنى گروزىيىنىڭ قارا دېڭىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق پورتى ھېسابلانغان پۇتى شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى ھەربىي قىسىملىرى چېكىندۈرگەن. فرانسىيىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىمزالانغان مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن رۇسىيە رايوندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى 15 سېنتەبىر كۈنىگىچە رايوندىن چېكىندۈرۈپ چىقىشى كېرەك ئىدى.
2008-09-13
شەنبە كۈنى 100 ئەتراپىدا ئىسلام مىلىتانى پاكىستاننىڭ پېشاۋار شەھىرىدىكى بىر ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىشغال قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە جەريانىدا بىنا ئىچىدە قانچىلىك ئادەم بارلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.
2008-09-12
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ يېقىندا ئامېرىكا قىسىملىرىغا پاكىستان چېگرىسى ئىچىدىكى تالىبان ۋە ئەل - قائىدە بازىلىرىغا پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەت ئالماي ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى
2008-09-11
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ گۇناھسىز پۇقرالارغا زەخمەت يەتكۈزۈش قىلمىشى تۈپەيلى، رايون خەلقىنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قىسىملىرىنى قوللاش پوزىتسىيىسىنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2008-09-11
ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە 11 - سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 7 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن مەزكۈر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 3000 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.