ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم لانتوس ئەپەندى ۋاپات بولدى


2008.02.11

توم لانتوس ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ قاتتىق ھىمايە قىلغۇچىلارنىڭ بېرىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئەڭ چوڭقۇر كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان پالاتا ئەزاسى.

ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن ئازات قىلىنىشىدا كۆپ كۇچ چىقارغان، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېلىنغان ھەر خىل قارار لايىھىلىرىنى ئۆزى باش بولۇپ تەشەببۇس قىلغان زات ئىدى.

توم لانتوس ئەپەندى 2007- يىلى 17- سېنتەبر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان 497- نومۇرلۇق قارارنىڭ باش تەييارلىغۇچىسى ۋە ئەڭ كۈچلۈك تەشەببۇسچىسى بولۇپ، قارار لايىھىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي، مىللي، تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.

تام لانتوس ئەپەندىنىڭ ئالەمدىن كەتكىنىگە ئىنتايىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن رابىيە قادىر خانىم: " تام لانتوس ئەپەندىنىڭ ئالەمدىن كېتىشى پەقەت ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور يوقىتىش بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى بىزدەك ئېزىلگەن مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش" دېدى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، توم لانتوس ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يېتىشىدە ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان، ئېزىلگەن مىللەتلەر ئۈچۈن ئەڭ كۆپ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئۇلۇغ ئادەم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

توم لانتوس ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش: "ئۇ كىشىلىك ھوقۇق چېمپىيونى ئىدى" دېدى.

كالىفورنىيە شىتاتى ۋەكىلى لانتوس ئەپەندى 1980- يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، كىيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان.

يېقىندا لانتوس ئەپەندىنىڭ راك كېسەل ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولۇپ، ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن يەنى 11- فېۋرال ئامېرىكا پايتەختىگە يېقىن جايدىكى ھەربىي دوختۇرخانىدا 80 يېشىدا ۋاپات بولدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.