ئاشخاباتتا ئېتىشىش يۈز بەردى

شەنبە كۈنى تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخاباتتا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، تۈركمەنىستان ساقچى دائىرىلىرى بىر زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك گۇرۇپپىسىنى تارمار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بىراق، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ رەسمىي ئۇچۇرىدىن كىشىلەر گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولۇپ، بەزى كىشىلەر ئاشخاباد شەھەر كوچىسىدا ئېتىشىش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 20 نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، شۇ كۈنى كوچىلاردا برونىۋىكلار ۋە ساقچى كۈچلىرى چارلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بەلكى بۇ قانداقتۇر بىر زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىك گۇرۇپپىسى ئەمەس بەلكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسلامىي گۇرۇپپا ۋە ياكى ئۆكتىچىلەرنىڭ قوراللىق ئادەملىرى بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇش بولۇش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ"تۈركمەنىستان يىلنامىسى" دەپ ئاتالغان ئۆكتىچىلەرنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلار ئاساسىدا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، قوراللىق ئادەملەر ئاشخابادتىكى بىر ئىچىملىك سۇ زاۋۇتىنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ قولىدا گرانات ئاتقۇچى قوراللار ۋە باشقىلار بار ئىكەن. ئۇلار ھەتتا ئىككى ھەربىي برونېۋىكنى پاچاقلىۋەتكەن ئىكەن. ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئەسكەرلەر ۋە ساقچىلارمۇ بار ئىكەن.

ھەتتا، تۈركمەنىستان تەرەپنىڭ رۇسىيىدىن ياردەم سورىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارمۇ پەيدا بولغان. ئومۇمەن، ئاشخابادتىكى ۋەقەلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ھەر خىل بولماقتا شۇنىڭدەك بۇنىڭ سابىق پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوف ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەتكە چىققان قۇربانگۈل بەردى مۇھەممەدوف ھۆكۈم سۈرگەن 20 يىلدىن ئارتۇق مۇساپە ئىچىدە ئاشخاباتتا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق چوڭ توقۇنۇش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.