خىتاي ئىزچىل تۈردە گرۇزىيە مەسىلىسىدە رۇسىيىنى قوللىمىغان
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.09.14
2008.09.14
رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە ھۇجۇم قوزغاپ، ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىنى مۇستەقىل قىلىشى بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ جىددىي نارازىلىقلىرىنى قوزغاپ، غەرب بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ئىختىلاپلار ئۆتكۈرلىشىپ كەتكەن. رۇسىيە بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر خىتاي تەرەپ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئېتىراپ قىلمىغان ھەمدە رۇسىيە بىلەن بىر مەيداندا ئامېرىكا باشلىق غەربكە قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن پۇتىن خىتاينىڭ بۇ خىل ئوتتۇرىدا تۇرۇش سىياسىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەيدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان ئىدى.
ئەمما، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ قېتىم زادى نېمە ئۈچۈن رۇسىيىنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەڭ جىددىي ۋە كەسكىن ھالغا كېلىپ قالغىچە ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقچىسى ھېسابلانغان رۇسىيىنى قوللىمايدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە داۋاملىق مۇنازىرە قىلماقتا.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بىر قىسىم خىتايشۇناسلار رۇسىيىنىڭ بۇ قېتىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، خىتاينىڭ قوللاش مەيدانىنى ئىپادىلىمىگەنلىكىدىن ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يەنى رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى دەپ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرىۋالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پروفېسسور نىڭ قارىشىچە، جۇڭگو گەرچە رۇسىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتكە مۇھتاج بولسىمۇ، لېكىن ئۇ رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيە رايوندىكى تەسىرىنىڭ بەك كۈچىيىپ كېتىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. گرۇزىيە - رۇسىيە ھەربىي توقۇنۇشى جۇڭگو ئۈچۈن كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.
غەرب مەتبۇئاتلىرىدا يەنە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئەگەردە خىتاي ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىسا، ئۇ چاغدا، تەيۋەن، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە باشقىلارنىڭ پوزىتسىيىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا خىتاي ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى، بىر دۆلەتتىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولغان جايلارنى قوللىماسلىق، دېگەندەك تەھلىللەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.
نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيىنىڭ نېفىتلىرى ھەم تەبىئىي گازلىرىغا كۆز تىكىۋاتقانلىقىنىڭ رۇسىيىگە نىسبەتەن رىقابەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر مەۋجۇت.