دۇنياۋى تېببىي ژۇرنال ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زىيانكەشلىكلەر ھەققىدە مۇنازىرە باشلاش تەكلىپىنى رەت قىلغان

دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە تېببىي ژۇرنال - «لانسېت» گېرمانىيەلىك نوپۇزلۇق روھىي كېسەللەر دوختۇرىنىڭ خىتاي ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زىيانكەشلىكلەردىكى رولى ھەققىدە مۇنازىرە باشلاش تەكلىپىنى رەت قىلغان.

ئەنگىلىيەدىن چىقىدىغان «كۈندىلىك مەكتۇپ» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيەلىك داڭلىق روھىي كېسەللەر دوختۇرى توماس شۇلزې بۇ يىلنىڭ بېشىدا، دۇنياغا داڭلىق تېببىي ژۇرنال «لانسېت» نىڭ باش مۇھەررىرى رىچارد خورتونغا مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زىيانكەشلىكلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان شېرىكلىكى توغرىسىدا مەزكۇر ژۇرنالدا مۇنازىرە باشلاش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇنىڭ مەزكۇر مۇنازىرىنى باشلاش ئىدىيەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «زۇلۇم خاراكتېرلىك نازارەت قىلىش، ئىرسىيەت سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە ۋەھشىيلىك قاپلىغان جازالاش لاگېرلىرىغا سولانغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يىغىۋېلىش» قاتارلىق قىلمىشلىرى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ۋەھىمىلىك خەۋەرلەردىن تۇغۇلغان ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، پروفېسسور شۇلزې «لانسېت» نىڭ باش مۇھەررىرى رىچارد خورتونغا يوللىغان مەكتۇبىدا مۇنداق دەپ يازغان: «ئىشىنىمىزكى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى چىدىغۇسىز ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. بىز ئەمدى سۈكۈت قىلساق بولمايدۇ. ھېچ بولمىغاندا ئېسىل ئىلمىي ئەنئەنىمىز بويىچە بۇ ھەقتە ئوچۇق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.»

پروفېسسور شۇلزې «لانسېت» ژۇرنىلىنىڭ بۇ خىل مەسىلىلەردە ئىلگىرى تۇتقان مەۋقەلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ سىياسىي تالاش-تارتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

ھالبۇكى، «لانسېت» نىڭ باش مۇھەررىرى رىچارد خورتون پروفېسسور شۇلزېنىڭ تەكلىپىگە قايتۇرغان جاۋابىدا مەزكۇر ژۇرنالنىڭ خىتايدىكى مۇھەررىرىنى خەتەرگە ئىتتىرىدىغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پروفېسسور شۇلزې «كۈندىلىك مەكتۇپ» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، ئۇنىڭ بۇ جاۋابىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بېيجىڭغا «بويۇن ئېگىشنىڭ ئېنىق ئېتىراپ قىلىنىشى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئىلمىي مۇستەقىللىق ۋە سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى غەرب جەمئىيىتىدە كەم بولسا بولمايدۇ، تەسىرى كۈچلۈك ژۇرناللار بۇ قىممەت قاراشلىرىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك.»

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر «لانسېت» نىڭ باش مۇھەررىرىگە خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان ھېرىسمەنلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

رىچارد خورتون 26 يىلدىن بۇيان 198 يىللىق تارىخقا ئىگە «لانسېت» تېببىي ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كورونا ۋاباسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينى قوغدىغان ۋە ھەتتا ئۇنى ۋىرۇس مەنبەسى، دەپ ئەيىبلەشنىڭ ئادالەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىكەن.