دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگىنى بولغان BBC ئاگېنتلىقى 8-دېكابىر، بۇ ئاخبارات ئورگىنىنىڭ 2021-يىللىق ئەڭ نادىر خەۋەر ۋە دوكلاتلىرىنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ بىر يىل جەريانىدا تارقاتقان خەۋەرلىرىنىڭ تېما، سۈپەت ۋە قوزغىغان خەلقئارالىق ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن، رىقابەتلىك تاللاش نەتىجىسىدە «ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەممىمىزنى يوقىتىش» ناملىق دوكلات ئەڭ نادىر خەۋەر بولۇپ تاللانغان.
بۇ دوكلاتنى ب ب س مۇخبىرلىرى جوېل، ماتىۋ خىل ۋە دەۋىد كامپانالى ئىشلىگەن ۋە 3-فېۋرال تارقىتىلغان بولۇپ، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگىنى بولغان ب ب س بۇ خەۋەر دوكلاتىدا لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ كەچمىشلىرى ۋە باشقا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ لاگېرلاردا سىستېمىلىق ھالدا باسقۇنچىلىق ھەم خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىلگەنىدى.
مەزكۇر خەۋەر زور خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال «BBC» نىڭ بىر يۈرۈش «ساختا مەلۇماتلارنى» تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ خىتايدا تارقىتىش قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.
«ئۇلارنىڭ مەقسىتى ھەممىمىزنى يوقىتىش» ناملىق بۇ دوكلاتنى ئىشلەشكە قاتناشقان ب ب س نىڭ ئاساسلىق مۇخبىرلىرىدىن دەۋىد كامپانالى، بۇ خەۋەرنىڭ 2021-يىللىق ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ب ب س ئاگېنتلىقىدا 7 مىڭدىن ئارتۇق مۇخبىر بار. ئۇلارنىڭ بىر يىل داۋامىدا تارقاتقان خەۋەرلىرى ئىچىدىن تاللىنىپ بۇ مۇكاپات ساھىبى بولماق، بۇ دوكلاتنى تەييارلىغان مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغان بىر ئېتىراپ قىلىنىش. بۇ دوكلاتىمىزنى يۇقۇم چەكلىمىلەر سەۋەبلىك ناھايىتى مۈشكۈلدە ئىشلىگەن ئىدۇق. ئەمما ئەڭ مۇھىم ئامىل مەزكۇر دوكلاتتا زىيارەت قىلىنغۇچى. چۈنكى تۇرسۇنئاي، كىشىلەر يەنىلا لاگېردا قىيىن-قىستاق، باسقۇنچىلىققا ئوخشاش ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا تېخى گۇمان بىلەن قاراۋاتقان بىر پەيتتە، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بىزگە سۆزلەشكە جاسارەت كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېردىكى ئاياللارغا سىستېمىلىق باسقۇنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە دۇنيانى چۈچۈتكىدەك زور پاكىت بىلەن تەمىنلىدى. مېنىڭچە فىلىمنىڭ قىممىتى بۇ يەردە».
ئامېرىكادا پاناھلىنىۋاتقان لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ب ب س نىڭ ئۆزىنى زىيارەت قىلغان بۇ دوكلاتنىڭ يىللىق نادىر خەۋەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەپ: «ب ب س مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرى ۋە ھەر تۈرلۈك بەدەللەرگە قارىماي ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىپ ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە تەشەككۈرۈمنى ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن» دېدى.

ب ب س يىللىق باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا يەنە. Rory Peck مۇكاپاتى تورىدا، 16-نويابىر يەنە بىر ئۇيغۇرلار تېما قىلىنغان ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ھەل قىلغۇچ تاللاشتا ئۇتۇپ چىققانلىقىى ئېلان قىلىندى.
VICE News نىڭ ھاۋالىسى بىلەن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە Brent Huffman ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىم 2021-يىللىق Rory Peck مۇكاپاتىغا تاللانغان.
مەزكۇر مۇكاپات خەلقئارالىق ئاخبارات كەسپىدىكى تەسىر كۈچكە ئىگە مۇكاپاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ مۇكاپات مۇستەقىل مۇخبىرلار، بولۇپمۇ ئۇرۇش ئالدىنقى سەپلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى قاتارلىق ئەھۋاللاردا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئەڭ ياخشى خەۋەر بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئىختىيارى مۇخبىرلار يولۇققان خىرىسلارنى گەۋدىلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تەسىس قىلىنغان ئىكەن.
بۇ نۆۋەت لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن 26-نۆۋەتلىك Rory Peckمۇكاپاتىغا ئېرىشكەن Brent Huffman زىيارىتىمىز قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋايىس(VICE News) ئاگېنتلىقىدا 21-ماي ئېلان قىلغان پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئۆمەر ئۇيغۇر ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىمى سەۋەبلىك بۇ شەرەپلىك مۇكاپات ساھىبى بولغانلىقىنى بايان قىلدى شۇنىڭدەك ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي قەھرىمان «مۇھەممەت ئۆمەرخان» دېدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
«مۇكاپات ساھىبى بولۇشۇمغا سەۋەب بولغان بۇ فىلىمدا، پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ، خىتايدىن قېچىپ چىقىپ پاكىستاندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەھدىتلىرى تەسۋىرلەنگەن. بولۇپمۇ ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۆمەرخاننىڭ، يىللاردىن بۇيان خىتايدىن قاچقان ئونلىغان ئۇيغۇرنىڭ پاكىستانغا كېلىپ پاناھلىنىشىغا ياردەمدە بولغاندىن باشقا ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقى، ئۇنىڭ پاكستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ، كۆپ قېتىم تاياق ۋە تەھدىتلەرگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى قاتارلىقلار تەسۋىرلەنگەن. بۇ فىلىم تارقىتىلغاندىن كېيىن زور تەسىر قوزغىدى. بۇ فىلىم ئۆمەرخان ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇھىم. چۈنكى ئۇلا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇش ۋە ۋەزىيەتتىن دۇنيانىڭ خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن خەتەرگە قارىماي، سۈكۈت قىلماسلىقنى تاللىغان ۋە فىلىم ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلغانىدى. بىز بۇنىڭ تەسىرىدە ئۆمەرخاننىڭ ئۇيغۇر تىلى مەكتىپىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم فوندى يىغىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق».
Rory Peck مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدىكى ئاساسلىق شەخس مۇھەممەت ئۆمەرخان پاكستاندىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ فىلىم كۆرسىتىلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى، ئۇنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئىلھاملانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆمەرخاننىڭ دېىيىشچە ئۇ يېقىندا تۈركىيە گىراژدانلىقىنى ئالغان بولسىمۇ، يەنىلا پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش ھەمدە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پاكىستانغا قايتىپ كەلگەنىكەن.
يۇقىرقىلاردەك، خەلقئارادا نوپۇزغا ئىگە نۇرغۇن ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان «جازا لاگېرلىرى» غا ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ قامىلىشى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەر تەرەپتىن ھۆججەتلىك دوكلات قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلارنىڭ ھۆكۈمەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئىرقي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىنى، پاكىت ۋە دەلىللەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلىنىشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.