خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك ئېغىر بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ھەرخىل چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
27-مارت گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسى «شىنجاڭ مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرسەتتى» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 26-مارت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئەربابلىرىدىن لاۋرېنىس ۋىلكېرسوننىڭ 2018-يىلى 8-ئايدا «ران پائۇل تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىنستىتۇتى» دا سۆزلىگەن نۇتىقىنىڭ بىر قىسمىنى مۇخبىرلارغا كۆرسەتكەن. ئاندىن «كۆپچىلىك دەل ھازىر كۆرگىنىدەك، ئۆز ۋاقتىدىكى ئىراققا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت قوزغاشقا قاتناشقان ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئەربابى، ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ پەقەتلا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى قىسمىدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش، جۇڭگونى تىزگىنلەشتەك ئىستراتېگىيەلىك سۈيقەستىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلغان» دېگەن.
خۇا چۈنيىڭ بۇنىڭغا ئۇلاپ يەنە «ئەمەلىيەت ئاللىقاچان ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ مەسىلىسى ھەرگىزمۇ مىللىي مەسىلە، دىنىي مەسىلە ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، ئارىلىشىۋېلىشقا قارشى مەسىلىدۇر. ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىرىشى، ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن ئەمەس. بولمىسا ئۇلار 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا قول ئۇزارتمىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسى جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ قۇدرەت تېپىشىنى تىزگىنلەش» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سىن كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرسىتىشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئەربابلىرىدىن لاۋرېنىس ۋىلكېرسون 2018-يىلى 8-ئايدا «ران پائۇل تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىنستىتۇتى» دا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزۇشىنىڭ 3 تۈرلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى بايان قىلغان بولۇپ، 3-ئەھمىيىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان. خۇا چۈنيىڭ دەل مۇشۇ قىسىمنى مۇخبىرلارغا كۆرسىتىپ، بۇنى ئامېرىكاىنى قارىلاشنىڭ دەسمىسى قىلىۋالغان.
لاۋرېنىس ۋىلكېرسون نۇتقىدا مۇنداق دېگەن: «خىتايدىكى شىنجاڭدا 20 مىليون ئۇيغۇر بار، بۇلار خىتايلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئەردوغان بۇ ئۇيغۇرلارنى سۈرىيەدە ئەسەدكە قارشى قوللانغانغا ئوخشاش، ئەگەر مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بۇ ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ ھەرىكەت قوزغاش مەقسىتىگە يېتەلىسە، ئۇ ھالدا ھازىر سۈرىيەدە 20 مىڭ ئۇيغۇر بار، بۇ پەقەتلا بىر مىسال، بۇ ھەم نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ ھايالسىزلا سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلىرى دەپ قارالغانلارغا تاقابىل تۇرۇشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئەگەر مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇپ تاشلايمەن دېسە، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى: مانا مۇشۇ ئۇيغۇرلارنى سىرتتىن ئەمەس، ئىچكى قىسىمدىن بېيجىڭ خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇملىرىغا قارشى قوزغىتىشتۇر».
لاۋرېنىس ۋىلكېرسون سۆزىدە، بۇنىڭ پەقەتلا بىر پەرەز ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ سابىق دۆلەت ئەربابىنىڭ سۆزىنى ئامېرىكانىڭ ئىرادىسى قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە بۇ سۆزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلدۇرۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يوشۇرۇش، ئاقلاشنىڭ بىر دەسمىسى سۈپىتىدە پايدىلانغان.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئامېرىكا باشلىق 30 غەرب دۆلىتى ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان جازادىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ زەربىنى سىڭدۈرەلمەي ھەرخىل ئۇسۇللاردا نارازىلىقلىرىنى بايان قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
شىۋېتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «يېڭى زۈرىكلىكلەر گېزىتى» 27-مارت «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كوممۇنىستىك پارتىيە باشلىقى ‹سولاشقا تېگىشلىك ھەربىر ئادەمنى سولاش كېرەك› دېدى. 3 ئۇيغۇر بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى» ناملىق 3 قىسىملىق زور ھەجىملىك بىر زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، ئايگۈل ئابدۇراھمان، خالمۇرات ئۇيغۇر قاتارلىق 3 كىشى زىيارەت ئوبيېكتى قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق لاگېرلاردا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «خىتاي ھاكىمىيىتى قايتا تەربىيەلەش لاگېرى، ئۈزلۈكسىز نازارەت ۋە زوراۋانلىق بىلەن شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئازسانلىقلارغا رەھىمسىزلەرچە زەربە بەرمەكتە. بېيجىڭ بولسا بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلماقتا. نازارەت قىلىش، زۇلۇم سېلىش، قايتا تەربىيەلەش: خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئۇسۇللاردا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئازسانلىق ئېتنىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ھەقىقەتەن ئېغىر. ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيەلەر بۇنى›ئىرقىي قىرغىنچىلىق‹دەپ ئاتىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ 30 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شىنجاڭ سەۋەبلىك خىتايغا قارىتا جازا ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەيدۇ، ئىنكار قىلالمىغاندىلا، ئاندىن ئېتىراپ قىلىدۇ. سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر ھەمدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ئەمەلىيەتتە بۇ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ 2016-يىلىدىن تارتىپلا باشلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە «.
ئەسەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىلى «لاگېردىكىلەر ئوقۇش پۈتتۈردى» دەپ يالغان سۆزلىگەنلىكى، لاگېرلارنىڭ ھېلىمۇ مەۋجۇتلۇقى، زۇلۇملارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، مۇھاجىرەتتىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنمۇ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ، قوۋمى-قېرىنداشلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارانىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى ئالدىدا جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ھەرخىل چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقى، دىپلوماتىك قايتۇرما ھۇجۇملار ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قوغداشقا تېرىشىۋاتقانلىقى، ئەمما بۈگۈنكى رېئاللىقنىڭ پۈتۈن دۇنياغا خىتاينىڭ قانداق زالىم، يالغانچى بىر ھاكىمىيەت بولغانلىقىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
«شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋېدۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.