پېي مىنشىن ئەپەندى ماقالىسىدە شى جىنپىڭ كونسىرىۋاتىپلىق بىلەن سىياسى ئىسلاھات يولىدىكى كۈرەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي دۈشمەنلىرىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە سىياسى ئىسلاھات ئۈچۈن چۇقان سېلىۋاتقان كىشىلەر ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ دەپ يازىدۇ.
يېقىندا يېڭى تاڭلىقلار تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى شى تاۋ ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئوبزورچى پروگراممىسىدا پېي مىنشىن ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسىنى تونۇشتۇردى. شى تاۋ ئەپەندى پروگراممىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، پېي مىنشىن ئەپەندى قەيت قىلىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ ھەقىقىي دۈشمەنلىرىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە سىياسى ئىسلاھات ئۈچۈن چۇقان سېلىۋاتقان كىشىلەر ئەمەس، بەلكى شى جىنپىڭنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىبارىلەر دەل شى جىنپىڭنىڭ ئەتراپىدىكى جاڭ زېمىنغا قارىتىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى شى تاۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتايدا ئىككى داڭجۇڭياڭ يەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بار ئىكەن. بۇنىڭ بىرى، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، يەنە بىرى، جاڭ زېمىن رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىكەن.
شى جىنپىڭنىڭ ھەقىقىي دۈشمەنلىرى كىملەر ناملىق ماقالىدە، ئاپتور پېي مەنشىن ئەپەندى ھازىرقى جۇڭگو جەمئىيتىنى تەھلىل قىلىپ،خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە زور كۆلەملىك ۋە خەتەرلىك بۆلۈنۈشكە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن. ئاپتور ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، جەنۇبىي جۇڭگو رايونلىرىدىكى ئىشچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرى شۇنداقلا خىتايدا تونۇلغان 38 نەپەر داڭلىق زىيالىي، يازغۇچى ۋە مۇخبىرلارنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاينى دېموكراتىيىلىشىشكە ۋە ئاساسىي قانۇنچىلىق يولىدا مېڭىشقا چاقىرغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن خىتايدا ئەۋج ئالىدىغان دېموكراتىيە دولقۇنلىرىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى، خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتنى ساخلاپ قېلىشقا قانچە تىرىشقان تەغدىردىمۇ، بۆلۈنۈش ۋە تەۋرىنىشتەك بىر خەتەرلىك ۋەزىيەت بىلەن قارشىلىشىپ، سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پېي مىنشىن ئەپەندى ۋالل سترېت ژۇرنىلى گېزىتىدە ئېلان قىلغان شى جىنپىڭنىڭ ھەقىقىي دۈشمەنلىرى كىملەر ناملىق ماقالىسىدە، كېلەچەكتە خىتايدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان، «ئەرەب باھارى ھەرىكىتى» گە ئوخشاش «خىتاي باھارى ھەرىكىتى» ھەققىدە توختىلىپ، ئەگەر كەلگۈسىدە خىتايدا مانا مۇشۇنداق بىر ھەرىكەت يۈز بەرگەن تەغدىردە، بۇنىڭ ئەسلىدىنلا سىياسى ئىختىلاپلار مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇۋاتقان خىتاي يۇقىرى قاتلام سىياسى ۋەزىيىتى ئۈچۈن ئوت تۇتاشتۇرىدىغان پىلىك بولىدىغانلىقىنى، ئەنە شۇ چاغدا شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويىدىغان سىياسى ئىستراتېگىيىسى بىلەن خىتايدا يەنە بىر دىڭ شىاۋپىڭلىق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.
ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، شى جىنپىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ناھايىتى كەسكىن بولغان ئىككى تەرەپلىمىلىك سىياسى كۈرەش بىلەن قارشىلىشىشى مۇمكىن، ئەگەر خىتايدا يەنە بىر قېتىم 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئوخشاش بىر ھەرىكەت يۈز بەرگەن تەغدىردە، بۇ ھەرىكەتكە شى جىنپىڭ نېمە دەپ باھا بېرىشى مۇمكىن؟ شى جىنپىڭ بۇ ھەرىكەتكە ئەكسىلئىنقىلابى ھەر كەت دەپ باھا بېرەمدۇ ۋە ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەر كەت دەپ باھا بېرەمدۇ؟ بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئەپسۇسكى قانداق باھا بېرىشىدىن قەتئىينەزەر شى جىنپىڭ ئوخشاشلا ئىنتايىن خەتەرلىك بىر سىياسى كۈرەشكە دۇچ كېلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا، شى جىنپىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە سىياسى ئىسلاھات چۇقانى سېلىۋاتقان كىشىلەر ئەمەس بەلكى ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىدۇ دەپ يازىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، شېنجىن 1992 - يىلى دىڭ شاۋپىڭ جەنۇبنى كۆزدىن كەچۇرگەندە زىيارەت قىلغان، خىتايلار ئۈچۈن تارىخى جاي شۇنداقلا، خىتايدا ئالاھىدە رايون بەرپا قىلىشنىڭ ئۈلگىسى.
دىڭ شاۋپىڭ خىتايدا تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ رايونلارنى زىيارەت قىلىپ خىتايدا ئىقتىسادى ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش خەرىتىسى سىزىلغان جاي. بۇ قېتىم شى جىنپىڭ خىتاي رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارىتىنى شېنجىننى زىيارەت قىلىشتىن باشلىغان. پېي مىنشىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋالل سترېت ژۇرنىلى گېزىتىدە ئېلان قىلغان شى جىنپىڭنىڭ ھەقىقىي دۈشمەنلىرى كىملەر دېگەن ماقالىسىدە،شى جىنپىڭنىڭ شېنجېنغا قاراتقان زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، دىڭ شاۋپىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئۈلگىسى ياراتقان بۇ جايلارغا، شى جىنپىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئۈچۈن ئۆزىگە جاسارەت ئىزلەپ باردى دەپ مۇلاھىزە قىلىدۇ.
بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.
0:00 / 0:00