شى جىنپىڭغا جازا ئېلان قىلىش ئېھتىمالى زادى قانچىلىك؟
2024.07.15

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر، خۇددى رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنغا ئوخشاشلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭغىمۇ جازا يۈرگۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جېنىت يېلىن (Janet Yellen) 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ نېمىشقا پۇتىنغا جازا يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن شىن جىنپىڭغا جازا يۈرگۈزمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان ئىدى.
جېنىت يېلىن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ئامېرىكا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئېلىپ بارغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىدى. پۇتىننى جازالاپ، شى جىنپىڭنى جازالىماسلىق مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئامېرىكانىڭ تاشقىي سىياسىتىگە دائىر مەسىلە، شۇڭا بۇنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن سوراش كېرەك» دېگەن.
ئۇنداقتا، ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروفنى جازالاپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان شى جىنپىڭغا جازا بەرمەيدۇ؟
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكانىڭ شى جىنپىڭغا جازا يۈرگۈزمەسلىكىدە نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. ئۇلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئىزچىل خىتاي بىلەن دىپلوماتىك ۋە سۆھبەت يولى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بىزدە بېيجىڭنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرمەسلىكىمىز كېرەك دېگەن بىر تۇيغۇ بار. خىتايغا جازا يۈرگۈزۈش مۇناسىۋىتىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز كېرەك. شۇڭا شى جىنپىڭنى جازالاش ئېھتىمالى ھازىرچە بەك يوق. ئەمما مەن شى جىنپىڭنى چوقۇم جازالاش كېرەك، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇ ئامېرىكالىقلارنى فەنتانىل ۋە كوۋىد يۇقۇمى بىلەن ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىگە قاتناشتى. ئۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. شۇڭا ئۇنى جازالاش پۈتۈنلەي ئورۇنلۇق».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنىڭ شى جىنپىڭغا جازا ئېلان قىلماسلىقتىكى مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى:
«بىز پۇتىنغا جازا يۈرگۈزۈۋاتىمىز. ئەمما شى جىنپىڭغا جازا يۈرگۈزمىدۇق. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىزنىڭ رۇسىيەگە بەك تايانمايدىغانلىقىمىز، ئەمما خىتايغا تايىنىپ قالغانلىقىمىزدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. بىز ھەقىقەتەنمۇ خىتايغا بەك تايىنىپ قېلىۋاتىمىز، شۇنداقلا خىتاي بىلەن بەك كۆپ سودا قىلىۋاتىمىز ھەم خىتايغا بەك كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتىمىز. بىز ھەر يىلى خىتاي بىلەن نەچچە يۈز مىليارد دوللارلىق سودا قېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ رۇسىيە بىلەن سودىمىز خېلىلا ئاز. ئىقتىسادىمىز ۋە بىز ئىستېمال قىلىۋاتقان ماللىرىمىز بەكرەك خىتايغا تايىنىپ قالغان، لېكىن رۇسىيەگە ئۇ دەرىجىدە تاينىپ قالمىغان بولغاچقا، بىز پۇتىنغا جازا يۈرگۈزەلىدۇق».
ئۇنداقتا، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنى جازالاش ئېھتىمالى بارمۇ؟
ئامېرىكادىكى سىياسەت پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شى جىنپىڭنى جازالىماسلىقى ۋاقىتلىق بىر ئىش. ھازىر ئامېرىكا ئاشكارا شەكىلدە خىتاينى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلمىدى. ئامېرىكا بىرلا ۋاقىتتا ھەم رۇسىيە ھەم خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىشنى خالىمايدۇ. ئامېرىكا رۇسىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كېيىن، نۆۋەت خىتاي ۋە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭغا كېلىدۇ».
دوكتور ئاندېرس كورمۇ ئامېرىكانىڭ شى جىنپىڭنى جازالاش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، بۇ ئېھتىماللىق بار. ئەگەر خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا شى جىنپىڭ توغرىلىق ئەرز سۇنۇلسا، بۇنىڭ ياخشى نەتىجىسى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. پۇتىنغا قارىتا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرىز سۇنۇلدى ۋە بۇنىڭ ئۈنۈملۈك نەتىجىسى كۆرۈلدى. شى جىنپىڭنىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك، يەنى خەلقئارا قانۇننىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىش كېرەك. مەسىلەن، بىزدە شى جىنپىڭ توغرىلىق بار بولغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسى ئېلان قىلىنمىدى، يەنى ئاشكارىلانمىدى. يەنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قۇلىدا بار بولغان دەلىل-ئىسپاتلارنى چىڭ تۇتۇپ ھازىرغىچە ئاشكارىلىغىنى يوق. ژۇرنالىستلار، ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تىرىشچانلىقى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ئىسپاتلارنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېمىشقا قولغا كەلتۈرگەن سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشكارىلمايدۇ؟ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا نۇرغۇن ئىستىخبارات ۋە تېخنىكالىق مەلۇماتلار بار. يەنە كېلىپ بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى كۆپ ئادەم بىلىدۇ».
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى رۇسىيەنى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى مەزكۇر سوت قارار چىقىرىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى «ئۇكرائىنالىق بالىلارنى تۇتقۇن قىلىش» جاۋابكارلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىش ھۆكۈمى چىقارغان. خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەيىبنامىسىدە «پۇتىن، ئۇكرائىنالىق بالىلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىپ، رۇسىيەگە ئاپىرىشتەڭ ئۇرۇش جىنايىتىگە جاۋابكار بولۇشى كېرەك» دېيىلگەن
ئىگىلىشىمىزچە بۇ يىل 7-ئاينىڭ 8-كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدە «دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى» ئېچىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىلگەن.