خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ئاتالمىش «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى» ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەر ساھەنىڭ جىددىي دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 10-، 11-ئۆكتەبىر كۈنلىرىدىكى خەۋىرى، «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 11-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2023-يىلى7-8-ئۆكتەبىر كۈنلىرى بېيجىڭدا ئېچىلغان «خىتاي مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى» دا «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى» نىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدىكى يېتەكچى ئىدىيە بولىدىغانلىقى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 11-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، 2018-يىلى 8-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان «خىتاي مەملىكەتلىك تەشۋىقات ۋە ئىدىيە خىزمىتى يىغىنى» دا، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ۋە ئىدىيە خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكىنى تونۇش تەلەپ قىلىنغان. 2023-يىل 6-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلغان «مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنى» دا، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە «پارتىيەنىڭ مەدەنىيەتكە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇش» ، «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش» مۇھىم ۋەزىپە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى» نىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىپ، «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى؛ ئۇ ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسىنى ھاسىل قىلدى؛ شۇنداقلا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، » دېگەندەك مەدھىيەلەر ئوقۇلغان.
ھالبۇكى، خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەت ئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى» نىڭ ماھىيىتى، «كومپارتىيەنى ھىمايە قىلىش ۋە خىتاي مىللەتچىلىكى» نى يادرو قىلىش ئىكەن. ئۇنىڭ ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىدىيەسى» نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىنىشىنى، «تىل، مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتلەردە خىتايغا ئوخشىمايدىغان ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ دەل ئۆزى» دېيىشكە بولىدىكەن.
ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاتالمىش «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى» نىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ماۋ زېدۇڭدىن باشلاپلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغان ۋە مۇتلەق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ھەر بىر ئەۋلاد كومپارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ئۆز نامىدا ئاتالمىش «ئىدىيە» تىكلەشكە ھەمدە ئۇنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە تېڭىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن ئىكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسى ئىكەن.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى خىتاي رەھبەرلىرى ئۆز ئالدىغا ئاتالمىش «ئىدىيە» لەرنى بازارغا سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى» ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەشەددىي سىياسىي مەپكۇرە ئىكەن. ئۇنىڭ يادروسى «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىنى قورال قىلىپ، شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان» ئىكەن.
تېڭ بىياۋ ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان ‹خىتاي ئارزۇسى› ۋە ‹ئىنسانىيەت ئورتاق گەۋدىسى تەرەققىياتى› دېگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەمەلىي قۇرۇلمىسى ۋە كونكرېت سىستېمىسى بولغان ئەمەس. بۇ يەردە مەيلى قانداق رەڭگارەڭ ئۆزگەرتىلىش تاكتىكىسى قوللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ مەقسىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشنى نىزام قىلغان. شۇڭا بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ‹شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى› دېگىنىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنىڭ بىر تەركىبى قىسمىدۇر. ئۇنىڭغا قەغەز يۈزىدىن قارىغاندا، بۇ بىر قۇرۇق نەزەرىيە ياكى ئاساسسىز شوئاردۇر، ئەمما بىز ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىش ئەندىزىسى ۋە نىشانىدىن قارىغىنىمىزدا، ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەدەنىيەت قارىشىنى ھۆكۈمرانلىق ئەندىزىسى قىلىشنى مەقسەت قىلغان، شۇڭا ‹شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى› نى ‹مۇستەبىت مەدەنىيەت ئىدىيەسى› دەپ شەرھلىسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.»
تېڭ بىياۋ ئەپەندى يەنە ئاتالمىش «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ شىنجاڭدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىدىن قارىساق، ئۇ يەردە ‹يىغىۋېلىش لاگېرلىرى› قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك نازارەت سىستېمىسى ئورنىتىش ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. شى جىنپىڭ يەنە كومپارتىيە مەدەنىيىتىنى يادرو قىلغان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئىدىيەسىگە، چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن ئىرقچىلىق ئىدىيەسىنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مەدەنىيەت تونۇشىنى ۋە دىنىي ئېتىقاد قاراشلىرىنى يوقاتماقچى.»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانلىق باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ئاشكارا ھالدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئوچۇقچىلىققا چىقارغان ئىكەن. ئۇ، ئاتالمىش «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى» نىڭ مەقسىتى، كومپارتىيەنى ھىمايە قىلىش ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە مەدەنىيەت ئىزلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش، دەپ كۆرسەتتى.
تېڭ بىياۋ ئەپەندى زىيارىتىمىز ئاخىرىدا يەنە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئاتالمىش «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى» نىڭ خىتايدىكى ئاۋام خەلقلەرگە ۋە ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئاپىتىدىن ئاگاھ بولۇشقا ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ نەرسىلەر ھازىر خىتايدا قاتتىق تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى بولسا، كومپارتىيە مەدەنىيىتى ۋە نەزەرىيەسى ئارقىلىق، ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ۋە دىنى ئېتىقاد قارىشىغا ئىگە ھەرقانداق دېموكراتىك ئىدېئولوگىيەنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى نىشان قىلغان. شۇڭا بۇنىڭدىن قاتتىق ئاگاھ بولۇشىمىز كېرەك!»