يېقىندىن بۇيانقى خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئائىت ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە تۇرالغۇ جايلارنى سالغۇچىلارنىڭ ۋەيران بولۇشى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش رايىنى تۆۋەنلەتكەن. بۇ خىل ئەھۋال خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى تۆۋەنلىتىپ، خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى قورقۇتۇشقا باشلىغان. خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ۋەيران بولۇۋاتقان غايەت زور ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى دۆلەتنىڭ قولى ۋە سوتسىيالىستىك پىرىنسىپلار بىلەن قايتا جانلاندۇرماقچى بولغان. شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەشەببۇسى ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كىرىزىسىنى ھەل قىلماستىن بەزى يېڭى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ دەپ قارالماقتا.
بىرنەچچە يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي كاساتچىلىق تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ پايچېكى بازىرىدىكى داۋالغۇش نۆۋەتتە تېخىمۇ ئېغىرلىشىشقا يۈزلەنگەن. «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» دىكى ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم غول لىنىيەلىرىنىڭ بىرى ئۆي-مۈلۈك ساھەسى بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى زىيىنى تۆت تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىمالى بار ئىكەن.
«پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي پايچېكى بازىرىدىكى ئومۇمىي كۆرسەتكۈچ تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ، بۇ ھال ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا 25 پىرسەنتتىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن. ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كىرىزىسلار خىتاي پايچېكى بازىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان.
ئۇنداقتا، خىتاينىڭ پايچېكى بازىرىغا يەنى خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم غول لىنىيەلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىكى كىرىزىسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا نېمە سەۋەبچى بولغان؟
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى دوكتور ھېنرىك شاجېسكى (Henryk Szadziewski) بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«دېمەكچىمەنكى، خىتايدا ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ روشەن ئاستىلىغانلىقىنى ئېنىق كۆرەلەيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتايدا ئېۋرى گىرەنىد (Evergrande) گە ئوخشاش بىر قانچە شىركەت ۋەيران بولدى. بۇ خىتايدا ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئېنىقكى، خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا كىرىزىس بار. ئۇنداقتا بۇ كىرىزىس قانداق ئوتتۇرىغا چىقتى؟ مېنىڭچە، بۇ ماھىيەتتە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بەك ئېشىپ كېتىش، يەنى ئېھتىياجدىن كۆپ تۇرالغۇ جايلارنىڭ سېلىنىشى خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. مەن يەنە شۇنىمۇ قوشۇپ قويايكى، باھا يەنە مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، تۇرالغۇ جايلارنىڭ باھاسىمۇ نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنى قورقۇتۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئېھتىياجدىن كۆپ تۇرالغۇ جايلارنىڭ سېلىنىشى خىتايدىكى ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب دېيىشكە بولىدۇ. ئېنىقكى، ئۆي-مۈلۈكتە ئېرىشكىلى بولىدىغان پايدىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بۇ كىرىزىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. »
«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» دە ئېيتىلىشىچە، بولۇپمۇ خىتايدا پۈتۈپ بازارغا سېلىنىپ بولغان، ئەمما سېتىلماي تۇرۇۋاتقان ئۆيلەر ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ مىليارد كىشىگە يېتىدىغان بولۇپ، بۇنچە كۆپ ئۆينىڭ بېسىلىپ قېلىشى ئۆي-مۈلۈك ساھەسى ئۈچۈن غايەت زور كىرىزىس بولۇپ تۇرماقتىكەن.

ياخۇ (Yahoo) نىڭ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى مەخسۇس ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ قەرز سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆي-مۈلۈك ۋەيران بولغان ۋە بازار ئىقتىسادى 2021-يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىن %21، يەنى 7 تىرىللىيون دوللار تۆۋەنلىگەن.
«ۋول سىچىرىت ژۇرنىلى» گېزىتى (Wall Street Journal) نىڭ 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈندىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ۋەيران بولۇۋاتقان غايەت زور ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى دۆلەتنىڭ قولى ۋە سوتسىيالىستىك پىرىنسىپلار بىلەن قايتا جانلاندۇرماقچى بولغان.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش يولى-سوتسىيالىستىك پىرىنسىپ ھەققىدىكى كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھلىدى:
«شى جىنپىڭ بۇ كىرىزىستا ھۆكۈمەتنى يېڭى قەدەملەرنى باسىدۇ ۋە ھەل قىلىدۇ دەۋاتىدۇ. مەن ھۆكۈمەتنىڭ قايسى قىسمى يەنى قايسى ئورگىنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمەن. چۈنكى بۇ ئېنىق ئەمەس. ئەمما ھۆكۈمەت خۇسۇسىي بازاردىكى شەخسىي تۇرالغۇ جايلارنى سالغۇچىلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئويلاۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ قەرز ياكى قىيىنچىلىقتا قالغان ساھەلەرگە ياردەم قىلىش ياكى دۆلەتنىڭ تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك ئائىلىلەر ئۈچۈن تولۇقلىما ئۆي سېلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك، خىتايدىكى ئاساسلىق مەسىلە تۇرالغۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى تۇرالغۇ جايلارنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلەپچىقىرىشقا ئۇرۇنۇشتۇر. پۈتكۈل ئىقتىساد ئۆرلىگەندە، تەلەپمۇ ئاشىدۇ. بۇ بەك ياخشى. ئەمما ھازىر خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كۆپۈككە ئوخشاش بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ئەھۋال ئاستىدا ئۆي-مۈلۈك قىممىتى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەيدۇ. دېمەك، بازاردا ئاللىبۇرۇن نۇرغۇن ئەرزان باھالىق ئۆيلەر بار دېگەن گەپ. شۇڭا بۇ يەردىكى مەسىلە تۇرالغۇ جايلارنى كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ يەردىكى مەسىلە، مەۋجۇت بار بولغان تۇرالغۇ جايلارنى ھېچكىم سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغانلىقىدۇر. »
ياخۇدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىس خىتايدىكى ئۆي مۈلۈك ساھەسىگىلا ئېغىر سەلبىي كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى بىر پۈتۈن خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىپ، خىتايدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ھالقىلىق موتورى بولغان ئۆي-مۈلۈك ساھەسى 2020-يىلىدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 125 مىليارد دوللار قەرزگە دۇچ كەلگەن. بۇ كاساتچىلىق خىتايدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىش، پۇل-مۇئامىلە مۇقىمسىزلىقى ۋە خىتاينىڭ كوۋىدتىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
ئۇنداقتا، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولى-سوتسىيالىستىك پىرىنسىپ مەسىلىنى ھەل قىلامدۇ؟ بۇنىڭ خىتاي دۆلىتى ۋە ئادەتتىكى خىتاي خەلقى ئۈچۈن قانداق تەسىرى بولىدۇ؟
دوكتور ھېنرىك شاجېسكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ شى جىنپىڭنىڭ بۇ تەشەببۇسى ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كىرىزىسىنى ھەل قىلماستىن بەزى يېڭى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە دۆلەت ئىچىدە بۇنىڭ تەسىرى كۆپ بولىدۇ. بۇ خىتاي خەلقىنى ئىقتىسادىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگۈچى سۈپىتىدە تۈزۈلگەن ئىجتىمائىي توختام. چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، مېنىڭچە خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىز ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تولىمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتنىڭ بولغانلىقىنى كۆردۇق. شۇڭا خەلقئارادىمۇ بۇنىڭ تەسىرى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەمما بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شى جىنپىڭ بەزى تەدبىرلەرنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن. يەنى ئىناۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى باسقان بولۇشى مۇمكىن. دېمەكچىمەنكى، مېنىڭچە بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا پۇلنى يوقىتىپ قويغان نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، بۇ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى ئاستىلاش سەۋەبىدىن ئۇلار سالغان مەبلىغىنىڭ پايدىسىنى ئالالماسلىقى مۇمكىن. شۇنداق ئۇلار بۇ ھاياتىدا كېيىنكى ئۆمرى ئۈچۈن تېجەپ قالغانلىرىنى يوقىتىپ قۇيۇشى مۇمكىن. »
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) شى جىنپىڭ يۇقىرىقى تەشەببۇسلىرىغا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي دۇچ كېلىۋاتقان ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولى بولغان سوتسىيالىستىك پىرىنسىپ خىتاي دۇچ كەلگەن ئېغىر مەسىلىلەر ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئادەتتىكى خىتاي خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئادەتتىكى كىشىلەرگە قانداق تەسىرى بولىدۇ دېگەندە، مېنىڭچە ئادەتتىكى كىشىلەر خىتايدا جاپالىق ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت كوممۇنىست، سوتسىيالىست بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنسىلا، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن بەك قىيىن بولىدۇ. بىلگىنىڭىزدەك، خىتاي چەت ئەلدە ئۇرۇشنى قوللاۋاتىدۇ. باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا مەبلەغ سېلىپ بازار ئېچىشى بەك تەس بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتايدىكى تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسى خىتاي دۇچ كەلگەن تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەر ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ سىمۋولى.»
ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ كۆپلىگەن سىستېمىلىق مەسىلىلىرى ئۇنىڭ 2024-يىلدىكى ۋەزىيىتىگە تەسىر قىلىدۇ» ناملىق ماقالىدە، «خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى بىر يۈرۈش ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سانائەتنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئورنىغا، بازار ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاي ئۇنداق قىلمايدۇ، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئىقتىسادى تېخىمۇ ئېغىر پاتقاققا پېتىپ قالىدۇ. »