ياۋروپاغا زىيارەتكە بارغان شى جىنپىڭنىڭ غەرىزى نېمە؟
2024.05.06

خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ياۋروپا زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، فىرانسىيە، سېربىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ، خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان سودىدىكى خەتەرنى ئازايتىشنىڭ كويىغا كىرگەن، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا چارە قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بۇ زىيارەت، خىتاينىڭ ياۋروپانى پەيلىدىن ياندۇرۇش سەپىرى، دەپ قارالماقتا.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 3-ماي كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇيەل ماكرون (Emmanuel Macron) نى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «پىرېزىدېنت ماكرون شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ فىرانسىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە پەيدا قىلغان يامان ئاقىۋىتىنى ئېنىق تىلغا ئېلىشى كېرەك. فىرانسىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى جىمىغۇرلۇقى ۋە بىپەرۋالىقى خىتايدا نېمىلا قىلسام بولىدۇ دەيدىغان تەلۋىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە خىتايدىكى باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى».
«ئاتلانتىك كېڭىشى» تورىنىڭ 2-ماي كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق تاۋارلىرىنى، بولۇپمۇ ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىلغان توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە كۈنتاختا مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا بازىرىدا سېتىش ئارقىلىق ئۆز ئىقتىسادىنى يېڭىدىن جانلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا ئىكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ياۋروپاغا، بولۇپمۇ شەرقىي ياۋروپاغا يېقىنچىلىق قىلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينى چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ۋە خىتاينىڭ سودا مونوپوللۇقىغا خاتىمە بېرىش پىلانلىرىنى سۇغا چىلاشتۇرماقچى ئىكەن.
ئامېرىكادىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئاشكارا قوللىغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناچارلىشىشقا باشلىغانىدى. يەنە كېلىپ، خىتاينىڭ تالان-تاراج خاراكتېرلىك سودا ھەرىكەتلىرى، ئۆز بېشىمچىلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى ياۋروپانى بىزار قىلغانىدى. شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ياۋروپانى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئاتلانتىك ئوكيان ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ پارچىلىماقچى ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن دوستلىشىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى. بولۇۋاتىدۇ چاتاق يېرى، ياۋروپادا ھازىر بىرلىك يوق، كۈچىمۇ ناھايىتى ئاجىز، خىتايدىن قوغدانغۇدەك كۈچ-مادارى ھەم چارە-تەدبىرى يوق. ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتايدىن مەنپەئەت كۈتكەنلىكى ئۈچۈن شى جىنپىڭنى غەزەپلەندۈرۈشنى خالىمايدۇ» .
شى جىنپىڭنىڭ بىرىنچى بېكىتى فىرانسىيە بولۇپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋوندىرلىن شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ماكرون بىلەن ۋوندىرلىن 2023-يىل 4-ئايدا خىتاينى تەڭلا زىيارەت قىلغان بولۇپ، ۋوندىرلىن خىتاينى رۇسىيەگە قورال-ياراغ تەمىنلىمەسلىككە چاقىرغانىدى. ماكرون خىتايدىن قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن جاۋابىدا، خىتاي بىلەن يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە داۋاملىق ھەمكارلىشىشىنى خالايدىغانلىقىنى ھەمدە خىتاينى خەلقئارا قائىدىلەرگە تېخىمۇ ئەمەل قىلىدىغان دۆلەت قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ھالبۇكى، خىتاي ئۆزىنىڭ تەبىئىتىنى قىلچە ئۆزگەرتمىگەن بولۇپ، بىر ياقتىن ياۋروپا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇپ، بىر ياقتىن رۇسىيەگە داۋاملىق ياردەم بەرگەن.
خىتاينىڭ ياۋروپاغا تەھدىت سېلىۋاتقان رۇسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقى ياۋروپانى خىتايدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئامېرىكاغا يېقىنلاشتۇرغان. ئەمما ياۋروپا سودىدا يەنىلا خىتايغا تايىنىپ قالغاچقا، خىتايغا كەسكىن ۋە ئۈنۈملۈك جازا تەدبىرى قوللىنالمىغان. خىتاي ھەر پۇرسەتتە ياۋروپانى ئامېرىكادىن يىراقلاشتۇرۇپ، خىتاي بىلەن «مۇستەقىل» تاشقى مۇناسىۋەت ۋە «ئۈنۈملۈك» ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىشقا قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپاغا بېرىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئالدى بىلەن ياۋروپانى ئامېرىكاغا قارشى قوللىنىش، ياۋروپا بازىرىنى داۋاملىق ئىگىلەش ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياۋروپادا تىلغا ئېلىنمايدىغان مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«ئاتلانتىك كېڭىشى» نىڭ ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ زىيارەت قىلىدىغان ئىككىنچى دۆلەت سېربىيە بولۇپ، خىتاينىڭ 15 يىلدىن بۇيان مەبلەغ سېلىپ كېلىۋاتقان شېرىكى ئىكەن. شەرقىي ياۋروپا دۆلىتى سېربىيە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ياۋروپاغا ئېچىلغان دەرۋازىسى بولۇپ، خىتاي ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسىغا ئايلانغان. شى جىنپىڭ بۇ قېتىم سېربىيە بىلەن بولغان «15 يىللىق ھەمكارلىق» نىڭ نەتىجىسىنى كۆرگىلى بارىدىكەن. ھالبۇكى، سېربىيە رەھبىرى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بۇ دۆلەتكە كەلتۈرگەن مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى بېكىنمىچىلىك ۋە ساختىلىق ھەققىدە شى جىنپىڭغا بىر نەرسە دېيىشى كېرەك ئىكەن. يەنە كېلىپ، غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى سېربىيەنىڭ خىتايغا بېقىندى بولۇپ قېلىش خەۋپىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ دۆلەتنى تەنقىدلەپ كەلمەكتە ئىكەن.
شى جىنپىڭ زىيارەت قىلىدىغان ئۈچىنچى دۆلەت ۋېنگىرىيەمۇ 10 يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، 2015-يىلى «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىغا قېتىلغان؛ شۇنىڭدىن بۇيان، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاينىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان بولغان. شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ۋېنگىرىيەدە بولىدىغان سۆھبەتتە ۋېنگىرىيەدە «BYD» ئاپتوموبىل زاۋۇتى قۇرۇش، بېلگراد—بۇداپېشت يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. خىتاي قۇرۇلۇش ئەترىتى ئۈستىگە ئالغان بۇ قۇرۇلۇش 2019-يىل باشلانغان بولۇپ، بۇ يىل 2-ئايدا گىرېتسىيەمۇ بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە قېتىلغان؛ خىتاي شىركەتلىرى بۇ تۆمۈر يولنى بېلگرادتىن گىرېتسىيەگىچە ئۇزارتىشنى پىلانلىغان. شۇنداق بولغاندا خىتاينىڭ ماللىرىنى شەرقىي ياۋروپادىن ياۋروپانىڭ مەركىزىگە توشۇيدىغان يەنە بىر يول ئېچىلغان؛ بۇ ئارقىلىق خىتاي «بىر بەلباغ بىر يول» دىن چېكىنگەن ئىتالىيەدىن ئۆچ ئالماقچى بولغان.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە زىيارەتكە بېرىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش ھەرىكىتى ئىكەن. خىتاي ھەتتا ياۋروپادىكى مۇھىم دۆلەتلەردىن فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۆزئارا رىقابىتىدىنمۇ پايدىلانغان بولۇپ، ئون يىللار ئىلگىرى ئۇلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تېخنىكىسىغا خېرىدار بولۇپ، بىر-بىرىنى مۇسابىقىگە سالغان. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى تېز پويىزنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ زىيارەت ئىقتىسادى چۆكۈۋاتقان خىتاينىڭ ئاخىرقى تىركىشىشلىرى بولۇپ، خىتاي ئەمەلىيەتتە ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە قىيىن ئەھۋالدا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ سېھىرگەرلىكىنى بىر مەھەل كۆرسىتىۋالىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ دۆلىتى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى، ئىقتىسادى چېكىنىۋاتىدۇ. خىتاي تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قەرز كىرىزىسقا پاتتى. ياۋروپالىقلار بۇنى كۆرۈپ يەتكەن ھامان خىتايدىن ئۆزىنى ئەپقاچىدۇ. خىتاينىڭ دىپلوماتىيەسىمۇ ھازىر قىيىن ئەھۋالدا، شۇڭا ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننى ئۆزلىرىنىڭ دوستى قىلىۋالماقچى».
ئومۇمەن ئېيتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ياۋروپانىڭ خىتايغا چەكلىمە قويۇش ۋە خىتاي خەتىرىنى يوقىتىش ئىرادىسىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭدا ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ رۇسىيە بىلەن يېقىن بولغان سېربىيە ۋە ۋېنگىرىيە چوڭ رول ئوينايدىكەن. خىتاي رۇسىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقىغا بۇ ئىككى دۆلەتنىمۇ قېتىش ئارقىلىق، مەزكۇر رايونىدا ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرىنى مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭنىڭ فىرانسىيە زىيارىتى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مۇھاجىرلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، خىتاي ئەلچىخانىسى فىرانسىيە ساقچىلىرىدىن توختىماي ياردەم سورىغان. نامايىشچىلار فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروندىن خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان ش جىنپىڭغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئەسكەرتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ماكروننىڭ بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالمىغان بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
گوردون چاڭ ئەپەندى فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تېخىچە تارىختىن ساۋاق ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپالىقلار نېمىشقا خىتاينىڭ رەزىللىكىنى تونۇپ يەتمەيدۇ؟ دېگەندە، ياۋروپا، بولۇپمۇ غەربىي ياۋروپا ئاجىز. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، ياۋروپا رەھبەرلىرى ‹3-ئېمپىرىيە› دەپ ئاتالغان ناتسىست گېرمانىيەسىنى ئۇزاققىچە تونۇپ بولالمىغان ۋە ۋاقتىدا ھوشىنى تاپمىغانىدى؛ ئۇلار ھازىرمۇ شۇ زۇلمەتلىك تارىخنى ئۇنتۇپ قالدى؛ شۇڭا رۇسىيە بىلەن خىتاي ۋەكىللىرى كەلگەن ھامان ئۇلارغا قۇچاق ئېچىۋاتىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە، ئۇلار يەنە ئامېرىكادىن ياردەم سوراپ تېلېفون قىلىدۇ».
«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 6-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سېربىيە بىلەن ۋېنگىرىيە شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇستەبىت رەھبەرلىرى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن يېقىن بولۇپ، ئەمدى شى جىنپىڭ بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، مۇستەبىت كۈچلەر ئىتتىپاقلىقىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئەلۋەتتە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خەۋپ ھېسابلىنىدىكەن.