17-يانۋار «خىتاي ئاخبارات تورى» نىڭ ئىچكىي خەۋەرلەر سەھىپىسىدە ليۇ شەنشەن ئىسىملىك بىر خىتاي ئاپتورنىڭ «شىنجاڭ يېڭى تېرىتورىيەمۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ماقالىدا «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ۋە ئۇنىڭ ئىستېمالدىكى مەنالىرى ھەققىدە تەھلىللەر يۈرگۈزۈلگەن. ماقالىدا مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چىگرا رايونلار تارىخ-جۇغراپىيەسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستېرلىقىنىڭ چىڭ سۇلالىسى تارىخىنى تۈزۈش ۋە تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
«شىنجاڭ يېڭى تېرىتورىيەمۇ؟» ناملىق ماقالە «شىنجاڭ سۆزىنىڭ يۈزەكى مەنىسى شىنجاڭ بىلەن خىتاينىڭ تارىخىي باغلىنىشىنى رەت قىلىدىغاندەك، شىنجاڭنىڭ خىتايغا تەۋەلىكى مۇقەررەرلىك ۋە تەبىئىيلىككە ئىگە ئەمەستەك چۈشەنچە بېرىدۇ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇقۇم جەھەتتىكى خاتالىقتۇر» دېگەن جۈملىلەر بىلەن باشلانغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئاپتورنىڭ قارىشى بويىچە ئېيىتقاندا، «شىنجاڭ» دېگەن بۇ نام 1876-1878-يىللىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارى زو زۇڭتاڭ «ئاتالىق غازى»، يەنى قەشقەرىيە پادىشاھى بەدۆلەت ياقۇپبەگنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، 1884-يىلى «غەربىي رايون» غا قويغان يېڭى ئىسىم ئىكەن. ئۇنىڭ تەھلىلىگە كۆرە، «شىنجاڭ» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسى چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلار ۋە باشقىلار چۈشەنگەندەك «يېڭى تېرىتورىيە» ئەمەس، بەلكى «ئانا تۇپراقنىڭ يېڭىدىن قايتۇرۇۋېلىنىشى»، يەنى «يېڭىدىن قايتۇرىۋېلىنغان كونا زېمىن» ئىكەن. ئەسلىدە «غەربىي رايون» دەپ ئاتالغان «شىنجاڭ» بولسا خەن، تاڭ سۇلالىلىرى زامانىدىن باشلاپلا خىتايغا تەۋە ئىكەن.
ئەسەردە ئالغا سۈرۈلگەن پۈتۈن ئىدىيە، كۆرسىتىلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلار «شىنجاڭ دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەناسى يېڭى تېرىتورىيە ئەمەس، بەلكى يېڭىدىن قايتۇرىۋېلىنغان كونا زېمىندۇر» دېگەن نەزەرىيەنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ھالبۇكى، تارىخچىلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىلىرى «شىنجاڭ» ئاتالغۇسىنى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ روشەن بىر دەلىلى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، «يېڭىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن»، «يېڭى چېگرا رايون»، «يېڭى ئىشغال قىلىنغان تۇپراق» دېگەندەك مەنالاردا چۈشەنگەن ھەم شۇنداق شەرھىيىلەشكە ئادەتلەنگەن. بۇ خىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، خىتايلارنىڭ نۆۋەتتە «شىنجاڭ» نىڭ مەناسىنى باشقىچە تەبىرلەر بىلەن ئىزاھلاپ ئۆزلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى يوشۇرۇشقا، بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى ئۈستىدىن ئاق تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى ھەمدە بۈگۈنگە كەلگەندە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ سىمۋولى بولغان «شىنجاڭ» دېگەن ئاتالغۇنىمۇ بۇرمىلاپ ئىزاھلاپ خەلقئارادا خاتا ئۇقۇم پەيدا قىلماقچى بولغانلىقى، خىتاينىڭ كەلگۈسىگە باغلانغان سىياسىي غەرەزلىرىنىڭ بىر مەھسۇلى ئىكەن. بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىپ قېلىش ئەندىشىسى سەۋەبلىك بۇ رايوننى «ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى» قىلىپ كۆرسىتىشكە چامىنىڭ يېتىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.