«شىنجاڭ ھېكايىسى» گە يانداشقان بايانلار: ھەقىقەتكە قارشى تەشۋىقاتلار
2025.01.15
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 2024-يىلى دېكابىردىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھرىدە «خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» نىڭ تارماق شۆبىسى ئېچىلغانلىقىغا تەنتەنە قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، مەزكۇر مەركەزنى «تاشقى دۇنياغا باغلانغان ئاساسلىق كۆزنەك» دەپ تەرىپلەشكە ئۆتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە قايتا-قايتا تەكرارلانغان «بۇ مەركەز يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەرنى كۆپ خىل شەكىل ۋە كۆپ خىل يوللاردا خەلقئارا جامائەتكە ياخشى سۆزلەش» نى نىشان قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلار، بۇنىڭ ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا ئەۋجىگە چىقىرىۋاتقان «خىتاي ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقات ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خىتاي مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» نىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلاردا تەسىس قىلغان بۇ خىل مەركەزلەرنىڭ ئومۇمى سانى 28 گە يەتكەن. ئۈرۈمچىدىكى مەركەزگە «شىنجاڭ ئاخبارات گۇرۇھى» مەسئۇل بولىدىغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇھ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى گېزىتلەر، تور بەتلەر ۋە «ئانار بۇلۇت» نامىدىكى ئەپنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ كەلگەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «خىتاي ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» تەشەببۇسى 2013-يىلى ئاۋغۇستتا مەملىكەتلىك ئىدېئولوگىيە قۇرۇلۇشى چوڭ يىغىنىدا رەسمىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدىكى مەزكۇر مەركەز قۇرۇلۇشىغا ھۇل سېلىش مۇراسىمى شۇ يىلى ماي ئېيىدىلا تاماملىنىپ بولغان. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشقا قارشى ئۇچۇر ئۇرۇشىنى قوزغاش تەييارلىقى ئاز دېگەندىمۇ شۇ ۋاقىتتىلا باشلىنىپ بولغان.
ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە چەت ئەللىك «دوستانە مۇخبىرلار» نى تەكلىپ قىلىشى ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ 2019-يىلى رەسمىي باشلىنىپ بولغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سەپەرگە ئاتلانغان مۇخبىرلار قاتارىدا ئالبانىيەلىك مۇخبىر ئولسى يازېجى (Olsi Jazexhi) مۇ ئورۇن ئالغان ئىدى. مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى بىردەك «غەرب دۇنياسىنىڭ خىتاي ھەققىدە بەتنام توقۇۋاتقانلىقى» نى ئەيىبلەشكە، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدا تەسىس قىلغان مۇئەسسەسەلەرنى زوق-شوخ بىلەن ماختاشقا ئۆتكەندە ئولسى يازىجى ئۆزگىچە بولغان گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ جايلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقاندەك «مەكتەپ» ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ ئارقىسىغا كۆرۈنمەس قاباھەتلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تىلغا ئالغان. دەرۋەقە شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ئەستايىدىللىق بىلەن تاللانغان دىپلوماتلار ۋە مۇخبىرلاردىن ئولسى يازىجىغا ئوخشاش ھەقىقەتنى سۆزلىگۈچىلەر ئاساسەن چىقمىغانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتلارغا نەزەر سالغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇر ئۇرۇشىدا تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن نامزات تاللاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولسا، ئەمدىلىكتە بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ئۇرۇشىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا بىۋاسىتە «قوماندان» لىق قىلغۇچى «خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» نىڭ ئۈرۈمچىدە قۇرۇلۇشى بۇ خىلدىكى ئۇچۇر جېڭىنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ، دەپ قارالماقتا.
بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور ھېنرىي شاجىۋىسكى بۇنىڭدىكى بەزى رېئاللىقنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ:
«خىتاي ھەققىدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە باشقا ئىشلارنىڭ تولىمۇ ناچار خەلقئارا تەسىر پەيدا قىلىشى تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق بىر دولقۇننى قوزغىغان. ئەمما بۇ مەسىلە توغرىسىدا دەسلەپ بولۇپ خاتىرەمدىن كەچكىنى دۆلەت مىقياسىدىكى بىر پائالىيەتنىڭ ئەمدىلىكتە رايون مىقياسىدا ئەۋج ئالدۇرۇلۇشى بولدى. چۈنكى شى جىنپىڭ ئەڭ دەسلەپ ‹خىتاي ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش› ھەققىدە توختالغان. ئەمدىلىكتە بولسا ب د ت ۋە باشقا دۇنياۋى تەشكىلاتلارنىڭ، جۈملىدىن لوندون ئۇيغۇر سوتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زۇلۇملارنى ‹قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ بېكىتىشىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز بايانلىرىنى رايون ھەققىدىكى تەشۋىقاتقا مەركەزلەشتۈرۈشكە باشلىدى. شۇنداقلا تاشقى دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ ئىزچىل تۈردە ئاشقۇنلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ‹ھەققانىي› كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى پەش قىلىپ، ساياھەتچىلىك ۋە مەبلەغ سېلىشنى جانلاندۇرۇشقا كۈچەۋاتىدۇ.»
مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى سادىر قىلغان قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرىغا قارشى جەڭ تەرىقىسىدە بۇ خىل تەشۋىقات ۋە ئۇچۇر ئۇرۇشىنى قوزغىغان. بۇنىڭدا ئۇلار غەرب دۇنياسى ئاڭلاپ ئادەتلىنىشكە باشلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلارنى «تۇيدۇرماس ھۇجۇم» ئارقىلىق ئاستا سۈرئەتتە ئۆز پايدىسىغا ماس ھالدا ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلغان.
دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور مالىيە كۈچى ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىش بەدىلىگە خەلقئارادا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلارنى باشقىچە شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۇرۇنۇشى ئوخشىمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنى بۇ مەسىلىدە «ئۇتۇق قازانغان» دەپ قاراشقا بولۇش-بولماسلىقى توغرىسىدا گەپ بولغاندا دوكتور شاجىۋىسكى بۇنىڭدا «ئۇتۇق» نى باھالاشنىڭ ئۆلچىمى نېمە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ:
«مېنىڭچە، بۇ مەسىلە دەل مۇشۇ تەشۋىقات ئۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم نىشان. ئەمما بەزىدە كىشىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مۇئامىلىسىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇئامىلىسىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىگە ئالدىراپ بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇنىڭدا بىز ‹ئۇتۇق› ھەققىدە سۆز قىلىشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمىز. چۈنكى بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتا باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ھېكايىنى بازارغا سېلىش. نېمىشقا دېگەندە بۇ پەقەت بايان دۇنياسىدىكى رىقابەت خالاس. مۇنداقچە ئېيتقاندا، غەرب دۇنياسى بۇ مەسىلە توغرىسىدا ‹قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دېگەن باياننى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى بولغان بايانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارقىلىق باشقىلارغا باشقىچە ھېكايىنى سۆزلىتىۋاتىدۇ. بۇ خىلدىكى چەت ئەللىك كىشىلەر ئارىسىدا بىز دىپلوماتلارنى، مۇخبىرلارنى، ساياھەتچىلەرنى كۆرۈۋاتىمىز. ئەمما مەسىلە شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بايانلىرىغا قانداق كىشىلەر ئىشىنىدۇ؟ ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىگە ئوخشاش سۆزلەيدىغان كىشىلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارسا بۇ تەبىئىي ھالدا خېلىلا ئىشەنچلىك ئاڭلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككى قات نەتىجىگە ئېرىشىدۇ: بىرى، باشقىلارغا ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى باشقىچە بايانلارنى سىڭدۈرىدۇ؛ يەنە بىر سۇنى لېيىتىپ بۇ رايوندا زادى نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ قولىدىكى چەتئەللىكلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى باشقىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئىشەنچلىك بايان بولۇپ قالىدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر بايانلارنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭسىز ياكى ئاڭلىق ھالدا ماسلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ئىلشات ھەسەن ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ «ئادىل» ئىكەنلىكىگە تاشقى دۇنيانى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ھەرقاچان پىچكا قىلىپ ئويناپ كەلگەن. بۇ خىل ۋاسىتە ماھىيەتتە ستالىن ۋە ئادولف گىتلېر كۆپلەپ قوللانغان چارىلەردىن بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئۇچۇر جېڭىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ «ھەق ۋە توغرا» ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى بۇ ئويۇنغا شېرىك قىلغان.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ «خەلقئارا ئالاقە مەركىزى» خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە تور دۇنياسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بايانلارنى تۆكمە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال «يالغاننى تەكرارلاۋەرسە ھەقىقەتكە ئايلىنىدۇ» دېگەن نەقىلنى ئەسلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.