جېيمىس مىللۋارد: «خىتاينىڭ ‹شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى› دېيىشى تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەس»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردە ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى»، شۇنداقلا «پۈتۈن رايوننى خىتاينىڭ گەۋدىسىگە قوشقان ۋە بىرلىككە كەلتۈرگەن ئامىل دەل خىتاي مەدەنىيىتى» دېگەن سىياسىي نۇقتىئىنەزەرنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئامىل خىتاي مەدەنىيىتى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 12-ئىيۇن قەشقەردە ئېچىلغان. خىتاي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى پەن يۆ بۇ يىغىندا مۇنداق دېگەن:

«زور مىقداردىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار بىزگە شىنجاڭنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بۇيان جۇڭخۇا مەدەنىيەت چەمبىرىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق يارىتىلغان ۋە ئورتاق مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرگۈچى ئەڭ مۇھىم ئامىل خىتاي مەدەنىيىتىدۇر».

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) پەن يۆ گە رەددىيە بېرىپ، مۇنداق دېدى:

«پۈتۈن رايوننى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئامىل خىتاي مەدەنىيىتى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، پۈتۈن رايوننى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئامىل تۈرك (تۈركىي خەلقلىرىنىڭ) مەدەنىيىتىدۇر. تىل ۋە مىللىي باغلىنىش ۋە شۇنداقلا جۇغراپىيەلىك ئورۇن قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيىتىنىڭ پۈتۈن رايوننى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئامىل ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىل جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، تۈركى تىلى رايوننى ئاساسلىق بىرلىككە كەلتۈرگۈچى ئامىل بولغان. ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي بۇ رايوننى بىزنىڭ زېمىنىمىز دەۋاتىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. بۇ پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىنى ۋە شىنجاڭ ياكى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئويدۇرمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس».

جورجتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى (The Georgetown University) نىڭ پىروفېسسورى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلى تارىخى تەتقىقاتچىسى جېيمىس مىللۋارد (James A. Millward)، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ خىتاينىڭ زېمىنى بولۇپ كەلگەن دەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تارىخىي پاكىتلارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ رايونىنىڭ خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق دېيىشى توغرا ئەمەس. بۇ يەردە ئىككى مەسىلە بار. بىرىنچىدىن، خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى مەركەز قىلغان تارىختىكى سۇلالىلەرنىڭ بۇ رايونغا قارىتا كۈچلۈك بىر تەسىرى بولمىغان. ئىككىنچىدىن، خىتاي تارىخىدا بىرىنىڭ كەينىدىن بىر داۋام قىلغان ھاكىمىيەت سىستېمىسى ۋە سىياسىي كۈچ مەۋجۇت بولغان ئەمەس. نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە سۇلالىلەر بولغان. بۇنداق ئەھۋالدا، قانداقسىغا شىنجاڭنى خىتاينىڭ بىر قىسمى دېيەلەيسىز؟»

خىتايدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ شېڭمىن قەشقەردە ئېچىلغان خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان كىشىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ «تارىمنىڭ دەسلەپكى ئاھالىسى كىملەر: قەدىمكى شىنجاڭ تارىخىنىڭ بىر قىسمى» تېمىسىدا ماقالە ئوقۇغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«مىلادىيە 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئىلگىرى، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاساسلىق ئاھالىلەرنى ئېگىز بۇرۇن، ئورا كۆز، ھىندى-ياۋروپا تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان «غۇز» (خۇ) لار بىلەن قەدىمكى تىبەت ۋە چياڭ تىلىدا سۆزلىشىدىغان چياڭلار ۋە خىتايلار تەشكىل قىلاتتى. شۇڭلاشقا، تارىم ئويمانلىقى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ياشىغان جايدۇر».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ياڭ شېڭمىننىڭ سۆزلىرىگە جىددىي رەددىيە قايتۇرۇپ، مۇنداق دېدى:

«ياڭ شېڭمىننىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى خىتاي ئۆزلىرى يېزىپ قالدۇرغان تارىخنامىلەر ۋە تارىخىي پاكىتلارغىمۇ زىت. ئۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى› دېگەن تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ۋە چەت ئەللىك ئالىملاردىن پايدىلىنىلىپ تارىخنى بۇرمىلاۋاتىدۇ. ئۇلار ‹شەرقى تۈركىستان ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئەمەس›، ‹شەرقى تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق› دېگەن سەپسەتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بۇ زور كۆلەمدىكى يىغىننى تەشكىللىگەن».

پەن يۆ بۇ يىغىندا يەنە مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ تارىخىي پاكىتلىرى، ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تولۇق قېزىش ۋە ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە كۆپ مىللەتلىك رايون ئىكەنلىكىنى ياخشى تونۇش كېرەك. شۇنداقلا شىنجاڭدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئائىلىسىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى ۋە ئورتاق تەقدىرداشلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك».

ئامېرىكادىكى خىتاي ئادۋوكات ۋە سىياسىي ئانالىزچى تېڭ بىياۋ (滕彪) رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەردە ئېچىلغان «شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئىنتايىن ھالقىلىق بىر ئۇقۇم. خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنداقتا، بۇ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ بۇ نامدا ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كەلگۈسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتچىلىك ۋە مىللىي دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنى بۇ خىتايدىكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈندۇر. خىتايدىكى ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملار، خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئاتالمىش خەلقئارالىق ئالىملار ھەم مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتى ۋە كۆز قارشىغا ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر دۆلەت ئىچىدىكى ئالىملار ياكى ئۇيغۇر ئالىملىرى قارشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇلار تۈرمىگە تاشلىنىشى مۇمكىن. دۇنيادىكى بەزى ئاتالمىش خىتايشۇناسلار ۋە ئالىملار خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان ۋە ئۇنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلانغان. بۇنداق يىغىنلاردا تارىخىي ھەقىقەتلەرنى سۆزلەش، ھەقىقىي ئەركىن ئىلمىي پىكىرلەرنى ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاتالمىش خەلقئارالىق ئالىملارنى قاتتىق ئەيىبلەش كېرەك».

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشالمىغانلىقى باھانە قىلىپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» ناملىق دەرسلىك كىتابنى نەشر قىلغان بولۇپ، پەن يۆ بۇ دەرسلىك كىتابىنىڭ باش مۇھەررىرى ئىدى.

ئاۋسترالىيە لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېيمىس لېيبولد (James Leibold) يۇقىرىقى كىتاب ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلەرنى، مىللىي سىياسەتلەرنى بىراقلا ئىرغىپ تاشلىدى، پەن يۆنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن بۇ دەرسلىك خىتاي مەركەزچىلىكى ئەپسانىسىنى قايتا پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە يەنە بىر مەيدان ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا».