بۇ يىل ئىيۇل ئايلىرىدا خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا «ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى زۇلۇم» دەپ تەسۋىرلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتى باش تېما قېلىنغان «خورلانغان ۋىجدان» ناملىق فىلىمنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ئىدى.
مەزكۇر فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى نەبىجان ئەلا ئەپەندى ئۆزىنىڭ تۋىتتېر، فېيىسبۇك قاتارلىق شەخسىي ھىسابلىرىدىن بۇ فىلىمنىڭ «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 87 يىللىق خاتىرە كۈنىدە، يەنى 12-نويابىر كۈنى كەڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاشۇ فىلىمدىكى باش قەھرىمان قەيسەردەك ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشىدىن ئەنسىرەپ يۇرتىغا قايتىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان بولغاچقا، فىلىمدىكى باش قەھرىماننىڭ تەقدىرىنى ئۆزىگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىغان. شۇڭلاشقا بۇ فىلىمنىڭ تولۇق قىسىمنى كۆرۈش ئۈچۈن كۈن ساناپ تۇرۇشقان ئىكەن.
«خورلانغان ۋىجدان» 12-نويابىر ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 8:00 دە ئەلا ئەلى(Ala Ali) ۋە سۇلتان ساتۇق(Sultan Satuk) ناملىق ئىككى يۇتىيۇب قانىلىدا بىرلا ۋاقىتتا تارقىتلغان. ھازىرغىچە 30 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن. مەزكۇر فىلىم 36 مىنۇتلۇق بولۇپ، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان.
«مەزكۇر فىلىم قانداق روياپقا چىققان، فىلىم ۋەقەلىكى قانداق؟ باش قەھرىماننىڭ ئاقىۋىتى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ، خىتاي تەرەپتىن بۇ فىلىمغا بىرەر ئىنكاس كەلگەنمىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش كۆپچىلىك كۆرۈرمەنلەر قىزىقىۋاتقان سوئاللارنى بىز ئاشۇ فىلىمنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى نەبىجان ئەلا ئەپەندى ۋە فىلىم رېژىسسورى قاسىمجان قادىر ئەپەندىدىن سورىدۇق.
ئۇلارنىڭ جاۋابىغا قىزىقساڭلار، دىققىتىڭلار سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.
ئاڭلىغىنىڭلاردەك بۇ فىلىم لاگېرلاردا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان تىراگېدىيەلىك رېئاللىقنى جانلاندۇرغان. مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىشلىگۈچىسى ۋە قانۇنىي ۋەكىلى نەبىجان ئەلا ئەپەندى ئېيتقاندەك، دۇنيا خەلقىگە سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ بولالمىغان ھەقىقەتنى ئۇلار بۇ فىلىمدىكى جانلىق ئوبرازلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان
كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى شاۋ فوندىنىڭ مۇدىرى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى بۆلۈمىنىڭ رەئىسى سىتېفىن سىمىس ئەپەندى ئۇزۇن يىل يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇشۇنداق قىسقا فىلىم، ھۆججەتلىك فىلىم قاتارلىق كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، چوڭ قىرغىنچىلىقنى بىر شەخسنىڭ ھېكايىسىگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئاڭلىتىشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولىدىكەن.
سىتېفىن ئەپەندى «خورلانغان ۋىجدان» فىلىمى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ فىلىم خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشنى چۈشەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. فىلىمدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىشى، ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئېلىشى، چەت ئەل بىلەن ئالاقىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى ‹تەھدىت› دەپ كۆرۈشى قاتارلىق جىنايەتلىرى ناھايىتى ئېنىق تەسۋىرلەنگەن. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزىسنى بىلمەيدىغان كۆرۈرمەنلەرگە نىسبەتەن بۇ فىلىم ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ھەممىنى كۆز ئالدىغا تىزىپ بەرگەن.»
ئۇ ئاخىرىدا بۇ تۈردىكى فىلىملارنىڭ ئۈنۈمى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «فىلىم ئارقىلىق ھەر ساھەدىكى كىشىلەرگە خىتاب قىلغىلى بولىدۇ. كىشىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقىنى خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئاساسلانغاندا، پەقەت كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە بىر مىللەتنى پۈتۈنلەي يوق قېلىش ئىسىتراتىگىيەسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك. مەن توختىماي داۋام قىلىۋاتقان بۇ ئېچىنىشلىق كىرىزىسنى يورۇتۇش ئۈچۈن قېلىنغان بۇ تىرىشچانلىقتىن بەك سۆيۈندۈم. بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈرمەنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشنى ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتكە نىسبەتەن چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
0:00 / 0:00
0:00 / 0:00