خىتايدىكى 3-دۇنيا ئەللىرى ئەلچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتى « جىنايەتكە شېرىك بولغانلىق» بىلەن ئەيىبلەنمەكتە

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دومىنىكا، بىرما، ئىران، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان ۋە يەنە نىكاراگۇئا، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە ئەلچىلەردىن 25 كىشىلىك ئۆمەك تەشكىللەپ، 31-ئىيۇلدىن 3-ئاۋغۇستقىچە ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدۇرغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خىتاينىڭ چەتئەللەرگە تەشۋىقات تارقىتىدىغان CGTN قاتارلىقلار ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتتە بولغان بۇ دىپلوماتلار ئۆمىكىنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا نەق مەيداندا شاھىت بولغانلىقى» نى، «شىنجاڭدىكى كىشىلەر بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ» دېگەنلىرىنى خەۋەر قىلىشتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ساياھەت پەسلى بولغان ئىيۇن- ئىيۇل ئايلىرى، بۇ خىل زىيارەت ئۆمەكلىرىنى ئارقىمۇ- ئارقا ئۇيغۇر دىيارىغا تەكلىپ قىلماقتا. بۇ يىل بۇ خىل ئۆمەكلىرىنىڭ سانى كۆپەيگەندىن باشقا، ئۆمەكلەرنىڭ خاراكتېرىنىڭ ھەر ساھەلەرگە كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.

گەرچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىگەن زىيارەت ئۆمەكلىرى ھەر خىل بولسىمۇ، ئۇلار خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللايدىغانلىقىدەك ئورتاقلىققا ئىگە.

بۇ يىل فېۋرالنىڭ بېشىدا، سېنېگال، بېنىن، مالى، رىۋاندا، ماداغاسقار، مالاۋى، ئۇگاندا، لىساتتو، چاد قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر زىيارەت ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولغانىدى. بۇ زىيارەت ئۆمىكىمۇ خىتاي تاراتقۇلىرىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى.

بۇ خىل زىيارەت ئۆمىكىگە قاتناشقان 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ ھەممىسى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا زىچ باغلانغان، شۇنداقلا ب د ت دا خىتاينى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، ب د ت نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى مۇشۇ خىل زىيارەت ئۆمىكىدىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىدە رەت قىلىنغانىدى.

بۇ ئۆمەك ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى يەنى 25-ئىيۇل، خىتاي ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» بويىچە، تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىغا مەخسۇس مۇھاكىمە مۇنبىرى ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇلار «قانداق قىلغاندا شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايە ۋە بايانلارنى تېخىمۇ ياخشى شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا بولىدۇ» دېگەن تېمىدا، سىرتىنى مۇھىم نىشان قىلىش، بۇ بايانلارنى خىتاي تىلىدىن باشقا چەتئەل تىللىرىدا ئاڭلىتىشنى مۇھىم چارىلەر قاتارىدا تىلغا ئالغان.

خىتاي خەلقئارانىڭ بېسىمغا قارشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى رەت قىلىش ۋە خەلقئارادا كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يالغۇز خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپلا قالماي، يېقىنقى مەزگىللەردە يەنە «چەتئەللىك» تور چولپانلىرىنى ياللاپ، مەيدانغا چىقارغاندىن سىرت، بىر قىسىم چەتئەل دىپلوماتلىرى ۋە ئەلچىلىرىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىغا ماسلىشىۋاتقانلىقى غەرب كۆزەتكۈچىلىرىدە كۈچلۈك تەنقىدلەرنى قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغۇچى خەلقئارادا تەسىر كۈچى بار ئەربابلاردىن ماگنىتسكي قانۇنىنى تونۇشتۇرغۇچى «يەرشارى ماگنىتسكىي ئادالەت ھەرىكىتى» نىڭ دىرېكتورى بىل بروۋدېر (Bill Browder) ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىش تىرىشچانلىقىغا قارشى ئېلىپ بارغان دىپلوماتىك ئويۇنىنىڭ بىر پارچىسى بولۇۋاتقانلىقىغا بولغان ئەپسۇسلىنىشىنى رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق بايان قىلدى.

ئۇ خېتىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ، كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئىش. بۇ ماڭا 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى باشلىرىدىكى ‹نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى› نىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ۋالتېر دۇرانتى (Walter Durranty) نىڭ ھېكايىسىنى ئەسلەتتى. ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنا خەلقىگە سۈنئىي ئاچارچىلىق پەيدا قىلمىغانلىقىغا دۇنيانى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇكرائىنادا 3 مىليون 900 مىڭ ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلگەنىدى. ئۆزىنى قانداقتۇر بىر نېمىنىڭ ئەلچىسى دەۋالغانلارمۇ پاكىتلىرى ئېنىق تۇرغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىش لاگېرلارنى قۇرۇپ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى دۇنياغا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغانىدى. خىتاي ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەت پاكىتلىرىنىڭ يەنىمۇ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 2018-يىلىدىن باشلاپ، خەلقئارالىق مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئەركىن كىرىپ خەۋەر ئىشلىشىنى قاتتىق توسۇپ كەلدى.

2018-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادا «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى ئاستا-ئاستا تونۇلۇشقا باشلىغانىدى. 2021-يىلى 19-يانۋار ئامېرىكانىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، لىتۋا، بېلگىيە، چېخىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلدى.

دېمەك، خىتاي دۇنيادا ئۆزىگە قارشى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئەيىبلەشلەرگە قارشى، بىر قىسىم ئۆزىگە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن باغلانغان دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرىدىن ۋە ئاتالمىش ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەمدە ئىجتىمائىي تارتقۇ، دىنىي زاتلار قاتارلىق ھەر ساھەلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جىنايەتلىرىنى يېپىش ئوپېراتسىيەسىنى باشلىغانىدى.

خىتاي -2018 يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرىدا، قازاقىستان، رۇسىيە، قىرغىزىستان مالايسىيا قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىلىرىدىن زىيارەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر رايونىدا بىر قىسىم جايلارنى تەييارلاپ، ھەتتا لاگېرلارنى ئىختىيارىي كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى دەپ ياساپ كۆرسەتكەنىدى. دائىرىلەر يەنە 2019-يىلى 21‏-ئاپرېلدىن 29‏-ئاپرېلغىچە يەنە بىر گۇرۇپپا چەتئەللىك مۇخبىرنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتكە تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى، كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى بەلگىلىك ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغانىدى.

شۇ چاغدىمۇ خىتاي ئۇيغۇر دىيارىغا قۇرغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ «كەسپىي ماھارەت مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بۇراشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يالغانچىلىقى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا پاش قىلىنىپ، كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە. مانا يېقىندىن بۇيان مۇنداق تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنىدى.

ئامېرىكالىق ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن دوكتور ھېنرى شاجىۋېسكى (Henryk Szadziewski) بۇ خىل زىيارەت ۋە تەشۋىقاتلارنى،« خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشتا توختىماي داۋام قىلىۋاتقان تاكتىكىسى» دېدى.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: « خىتاي بۇ تاكتىكىسىنى داۋام قىلماقتا. خىتاي ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بلوگېرلارنى بولسۇن ياكى مۇشۇنداق دىپلوماتلارنى بولسۇن، ئۇيغۇر رايونىغا تەكلىپ قىلىپ، خىتاي ئۇلاردىن پايدىلىنىپ، دۇنياغا ‹شىنجاڭ ناھايىتى بىخەتەر جاي› دېگەن تەشۋىقاتىنى تارقىتىپ كەلمەكتە. بىز پەقەت ئۇلار ئارقىلىقلار ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز. ئەمما بىزنىڭ بۇلاردىن بىلەلمەيۋاتقانلىرىمىز، ئاڭلىمايۋاتقىنىمىز ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ۋە سۈزۈلمىگەن ئىنكاسلىرى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ئۇ جايغا بېرىپ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىزگە، ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىگە دائىر ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلىشىمىزگە يول قويمايدۇ. شۇڭا، مەيلى ئىقتىسادىي ۋە ياكى ھەر قانداق باشقا مەنپەئەتلەر ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بارغان دىپلوماتلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقىنى ئېنىق ئېيتالايمىز.»

خىتاي ئۆزىگە مايىل دۆلەتلەرنىڭ ھەر ساھەلىرىدىن ئۆمەكلەرنى ئۇيغۇر دىيارىغا تەكلىپ قىلىپ، سىياسىي ساياھەت تەشكىللەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئەكسىچە ئامېرىكا ۋە خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ، ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى چەكلىنىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق ئورگاننىڭ بىرى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى، دوكتور سوفېي رېچاردسون (Sophie Richardson) چەتئەل دىپلوماتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ خىل زىيارەت پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن پەردازلىغان ئويۇنلىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:«بىرىنچىدىن بۇ زىيارەت ئۆمىكىدىكى دىپلوماتلارغا خىتاينىڭ ئۆزى كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىدىن باشقا، خالىغان نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئىجازەت بېرىپتىمۇ؟ ئىككىنچىدىن، ھەممە نەرسە نورمال كۆڭۈلدىكىدەك بولسا، نېمە ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە يەنىلا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشەلمەيدۇ ».

سوفېي خانىم يەنە مۇنداق دېدى:«ھەممە ئىشلار شۇنداق ياخشى بولسا، نېمىشقا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ؟ بولۇپمۇ تاغدەك پاكىتلار، خىتاينىڭ خەلقئارالىق قانۇنلاردا كۆرسىتىلگەن ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ؟ بىزگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياكى خەلقئارالىق ئاخباراتلارلا ئەمەس، ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بەزىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كىرىشىگە يول قويۇپ، يەنە بەزىلەرنى چەكلىدى، بۇ پەقەت بېيجىڭنىڭ دۇنيادىن بىر نەرسىنى يوشۇرماقچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ».

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن خەلقئارادا سوتقا تارتىش تەشەببۇسلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يەنە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە ماللىرىنى چەكلەشكە دائىر تەدبىرلىرى تەسىرىدە زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە ئىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىم خىتاي 25 كىشىلىك بۇ -3 دۇنيا ئەللىرى ئەلچىلىرىنى يەنە «قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجسىز رايونى» قاتارلىق جايلاردا زىيارەت قىلدۇرغاندىن باشقا، چىلان قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلار ئىشلىنىدىغان زاۋۇت - كارخانىلارنىمۇ زىيارەت قىلدۇرغان.

شىنخۇا ئاخباراتىغا زىيارەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، دومىنىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارتېن چارلېز مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭدا بىز كىشىلەر بىلەن ئازادە پاراڭلاشتۇق ۋە ئۇلارنىڭ لايىق ۋە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى كۆردۇق، بىز‹مەجبۇرىي ئەمگەك› نى كۆرمىدۇق.بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بايقالمىدى ».

خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئەۋج ئالغا خىتاينىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رەسمىي دۆلەت ئورگانلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تەتقىقات دوكلاتلىرىدا ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارار چىقىرىشتا يەنىلا لاگېر شاھىتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلارغا ئاساسلانماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر جىنايەتلىرىنى دەلىل- ئىسپاتى بىلەن پاش قىلىپ كېلىۋاتقان قازاق لاگېر شاھىتى، سابىق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى سايراگۈل ساۋۇتباي خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتايغا ماسلىشىپ ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇۋاتقان دۆلەتلەرنى، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە شېرىك بولماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

سايراگۈل خانىم: « مېنىڭ ھەيران قالغىنىم خىتاينىڭ مىليونلىغان پۇقرالىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدە، بۇ دىپلوماتلارنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەت قالدۇرغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يېپىش ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

دەرۋەقە، سايراگۈل خانىمنىڭ قارىشىچە، دەل مۇشۇ كۈنلەردە، يەنى30-ئىيۇلدىن باشلاپ، خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خېبېي ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن جايلار قاتتىق يالغۇز تەسىرىدە ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى.مىليونلاپ كىشىلەر ئاپەتكە ئۇچرىدى. لېكىن، خىتاينىڭ مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە، چەتئەللىك دىپلوماتلاردىن ئۆمەك تەشكىللەپ ئاپەت رايونىغا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلدۇرۇشى ئۇنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىشىگە قارشى يەنە بىر قېتىملىق دىپلوماتىك ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.