خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىشى
2024.03.11
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 7-مارت كۈنى خىتاينىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۈي: «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەممە ئادەمگە ئايان. بۇ بىر مۇقەررەر يۈزلىنىش» دېگەن.
«ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ئەسلىدە خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ 2016-يىل 4-ئايدا ئېچىلغان «مەملىكەتلىك دىنلار خىزمىتى يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس بولۇپ، «شىنخۇا تورى» نىڭ شۇ يىلى 23-ئاپرېل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ «دىنلارنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ماسلىشىشقا يېتەكلەش» تىن ھالقىپ، «دىنىي ئەقىدىلەرنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇ يىغىندىن كېيىن، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماركسىزملىق ئىدىيەسى بىلەن ئەڭ سىغىشمايدىغان ئىسلام دىنىنىڭ خىتايدا مەۋجۇت بولۇش تەقدىرىمۇ خىرىسقا دۇچ كەلگەن. خىتاينىڭ ھۆججەتلىرىدە ئاشكارىلانغىنىدەك، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىسلام دىنى «مەنىۋى كېسەللىك» ، ئۇيغۇرلار بولسا «دىنىي ئەسەبىيلىكتىن يۇقۇملانغان بىمارلار» دەپ قارالغان. «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش» ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك لاگېرلار قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلار تۈركۈم-تۈركۈملەپ قامالغان. كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «يېڭىچە باستۇرۇش: سىياسىي سىناق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيەلەش ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىشى» ناملىق بىر دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ھەرىكىتى» نىڭ ئەمەلىيەتتە مىليونلىغان ئادەمنى تۇتۇش، مېڭىسىنى يۇيۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىگە ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2021-يىل 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «مەملىكەتلىك دىنلار خىزمىتى يىغىنى» دا، شى جىنپىڭ «دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش» نى مۇھىم نىشان قىلىپ بېكىتكەن. «شىنخۇا تورى» نىڭ شۇ يىلى 4-دېكابىر كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ بۇ يىغىندا خىتايدىكى دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ماركسىزملىق دىن قارىشىغا ئىگە خادىملارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش، ئېتىقادچى ئاممىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا توپلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندېرس كور ما شىڭرۈينىڭ سۆزىگە باھا بېرىپ يوللىغان يازمىچە ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سۆزلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنى ۋە باشقا دىنلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ قىلچە ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» .
2023-يىل 8-ئايدا شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغاندا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى ئۈنۈملۈك چەكلەش» نى تەلەپ قىلغان. «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتى 2023-يىل 27-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ، «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىشنى دائىملاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاش» نى تەكىتلىگەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئەزاسى تۇرغۇنجان ئالاۋىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش بۇ دىننى تامامەن ئۆزگەرتىپ يوق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ خىتاي تارىخىدا ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا بىر قېتىم سىناق قىلىنىپ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، بۇ قېتىمقىسىنىڭ شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سىناق قىلىشى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكى بىلەن فاشىستىك تۈزۈم ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتىكى تۈپ مەقسەت خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ۋە خىتايلاشتۇرۇش. ما شىڭرۈينىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭدا بېرىپ، ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق داۋراڭ قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى داۋاملىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىشى ھېسابلىنىدۇ» .
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ما شىڭرۈي يەنە ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ «شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش» نىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ يەنىلا ئاكتىپ ھەرىكەتتە ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن «شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» تىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن باستۇرۇشلىرىنى «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ۋە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان ۋە «5 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ جەرياندا «ئۈچ خىل كۈچ» نى كۆپ تىلغا ئالمىغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم ئۇنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىشى دىققەت قوزغىماقتا.
ما جۈ ئەپەندى ما شىڭرۈينىڭ بۇ سۆزىگە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «ما شىڭرۈينىڭ ئاتالمىش‹ئۈچ خىل كۈچ› نى قايتا تىلغا ئېلىشى ئۆزىنى زاڭلىق قىلغىنى، شۇنداقلا ئۆتكەن يىللاردىكى قانداقتۇر ‹تېررورلۇققا قارشى كۈرەش› نەتىجىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىدۇر. بىز كوممۇنىست خىتاينىڭ توغرا، مەنتىقلىق گەپ قىلىشىنى كۈتمىسەكمۇ بولىدۇ. ئۇلار قانداق باھانىلەر ئۆزىگە ئاسان بولسا، قايسىسى پايدىلىق ۋە كۆڭلىكىدەك بولسا، شۇنى تاپىدۇ» .
ئاندېرس كور خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشتا قولغا چىققۇدەك سەۋەب ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «يېقىنقى يىللاردىن بېرى، شىنجاڭدا رادىكال دىنىي ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بەرگىنىگە ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوق. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئىسلام دىنىنى تولۇق كونتروللۇقىغا ئېلىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلق مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە» .
تۇرغۇنجان ئالاۋىدىن ما شىڭرۈينىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» نى خەتەرلىك قىلىپ كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ما شىڭرۈينىڭ بۇ گەپلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە لاگېرغا كىرمەي قالغان ئۇيغۇرلارنى قەستلەشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.