كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاينىڭ ئادەمسىز چارلاش ماشىنىسى - دۇنيا دېموكراتىيەسى ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈنمۇ تەھدىت»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2022.07.07
كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاينىڭ ئادەمسىز چارلاش ماشىنىسى - دۇنيا دېموكراتىيەسى ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈنمۇ تەھدىت» قاراماي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى رەسمىي ئىشقا سالغان ئادەمسىز چارلاش ماشىنىسى. 2022-يىلى ئىيۇن.
ts.cn

يېقىندىن بۇيان قاراماي كوچىلىرىدا خىتاينىڭ «جوڭكې تيەنجى» (شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئۇچۇر چەكلىك شىركىتى ) شىركىتى تەرىپىدىن ياسىلىپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئادەمسىز چارلاش ماشىنىلىرى پەيدا بولغان.

«قاراماي تېز خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 15-مايدا تارقاتقان سۈرەتلىك تەپسىلىي خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «جوڭكې تيەنجى» باش شىركىتى ئۈرۈمچى مىچۇەن سانائەت باغچىسىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولۇپ، 2021-يىلى 4-ئايدا قاراماي شەھىرى بەيجيەنتان رايونى (قاراماي يۇقىرى تېخنىكىلىق رايونى) نىڭ ئايلانما ئىقتىساد سانائەت باغچىسىغا يەرلەشكەن. 

كېيىنكى قەدەمدە بۇ شىركەت ئادەمسىز چارلاش ساقچى ماشىنىلىرى ئۈچۈن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلانلىغان، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. 

بۇ ئادەمسىز چارلاش ماشىنىلىرى پۈتۈن رايوندىكى جامائەت خەۋپسىزلىك سىستېمىسىدا كەڭ قوللىنىلىشنىڭ ئالدىدا بولۇپ، ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە قارىمايدا سىناق قىلىنماقتىكەن. بۇ سىناق جەريانىدا مەزكۇر ئادەمسىز چارلاش ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات ۋە ئاسراش ئىنژېنېرلىرى ھەر كۈنى ئۇنىڭ سىستېما ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نورمال ئىشلەۋاتقان-ئىشلىمەيۋاتقانلىقى توغرىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

«قاراماي تېز خەۋەرلىرى» دە دېيىلىشىچە، بۇ ئادەمسىز چارلاش ساقچى ماشىنىلىرى قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش سانائەت باغچىسىدا يېڭى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى ۋە رەقەملىك جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

1.jpg

قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاۋ ۋېنچۈەن «قاراماي تېز خەۋەرلىرى» تورىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، قاراماينىڭ بۇ خىلدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش ماشىنىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سىناق بازىسى قىلىپ تاللىنىشىغا، قاراماينىڭ رايوندىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دىگىتال شەھەر بولغانلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن. 

نۆۋەتتە سۈنئىي ئەقىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقۇرى تېخنىكىلار بارلىق ساھەلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىتىكى چوقۇم بۆسۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك باسقۇچ بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا ئوخشاش دېكتاتور دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل يېڭى تېخنىكالارنى ئىنسانلارنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىشى، ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

«خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاراماي شەھىرىدە شوپۇرسىز چارلاش ماشىنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى ۋە يۇقۇرى تېخنىكالىك تەقىپ ئۈسكۈنىلىرىنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئىلگىرى دوكلات ئېلان قىلغىنىمىزدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۇقۇرى تېخنىكالىك تەقىپ سىستېمىسىنى ئۈزلۈكلسىز كۈچەيتىپ، ساقچىلارنىڭ تەقىپ مېخانىزىمىغا مەبلەغ سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. خەۋەرلەردە دېيىلىۋاتقان بۇ شوپۇرسىز ساقچى چارلاش ماشىنىلىرىدا ئىشلىتىلگەن يۈز تونۇش ئاپپاراتى، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق تېخنىكالار رايوندىكى تەقىپ سىستېمىسىدا ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولغان تېخنىكالار بولسىمۇ، ئەمما بۇ تېخنىكالارنىڭ شوپۇرسىز ئاپتوموبىللارغا سەپلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا تەقىپ ۋە بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئىش ھەركەتلىرىنىڭ كېچە-كۈندۈز كۆزىتىش ئاستىغا ئېلىش بىلەن ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىنسانىي ھەق- ھوقوقلىرىنى تېخىمۇ ئېغىر تەھدىت ۋە دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىتىدۇ. ئۇلارنى يەنىمۇ ئىمكانسىز ھالەتكە ئېلىپ كېلىدۇ.»

خەۋەردىن يەنە مەلۇم بولۇشىچە، قاراماينىڭ ساقچىلىرى بۇ ئادەمسىز چارلاش ماشىنىلىرى ئارقىلىق سىنلىق نازارەت قىلىش، كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن كونترول قىلىپ بولالمىغان قاراڭغۇ نۇقتىلارنى قاپلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى بولغان. بۇ شوپۇرسىز ساقچى چارلاش ماشىنىلىرى يىغقان ئۇچۇرلارنى «بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن جەڭ قىلىش سۇپىسى» غا ئەۋەتىدىغان بولۇپ، ساقچىلارنىڭ رەقەملىك شەھەر باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان. 

«مۇكەممەل ساقچى دۆلىتى» ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتورى، ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزەتكۈچىلەردىن بولغان ئامېرىكالىق مۇخبىر ۋە يازغۇچى جېففرى كېين خىتاي دائىرىلىرى ماختىنىۋاتقان بۇ يۇقۇرى تېخنىكالىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساقچى چارلاش ماشىنىسىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ خىتاي كۈتكەندەك بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ يۇقۇرى تېخنىكالىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق رايونغا كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئۆزىنىڭ ۋەزىيەتنى ھەرۋاقىت كونترول قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تېخنىكىلار يېڭى نەرسە ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنداق يۇقۇرى ئۇنۇم ھاسىل قىلالايدىغان نەرسىلەرمۇ ئەمەس. شوپۇرسىز چارلاش ماشىنىلىرى ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىمۇ كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە باغچىلارغا بىر نەچچە دانە قويۇپ بېرىلىپ سىناق قىلىنغان ئىدى. ئەمەليەتتە ئۇلارنىڭ ۋەقەلەرگە بولغان ئەمەلىي ئىنكاسى ۋە قوللىنىشچانلىقى نەتىجىلىك بولمىغان. بىر خەۋەردىن كۆرۈشىمچە، كالىفورنىيەدىكى مەلۇم بىر ئاممىۋى باغچىدا مۇشتلىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، كىشىلەر باغچىدىكى روبوت ساقچىنىڭ ۋەقە ئىنكاس قىلىش كۇنۇپكىسىنى باسقان، ئەمما روبوت خەتەرلىك ۋەقە ھەققىدە ساقچىغا سىگنال بەرمەسلىكنى قارار قىلغان. روبوت ساقچىنىڭ ئەقلى ئىشلىمەي مەسخىرىگە قالغان. نەتجىدە كىشىلەر يەنىلا ساقچىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەكتە. بۇ شوپۇرسىز ساقچى ماشىنىلار ئۇيغۇرلارغا خۇددى ئۇلارنى ھەممە يەردە كۆزىتىپ تۇرالايدىغاندەك قورقۇنۇچ سېلىشتىن باشقا ئىشقا يارىشى ناتايىن.» 

2.jpg

مايا ۋاڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوقۇرى تېخنىكالارغا زور مەبلەغ سېلىپ  ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىشكە كىرىشكەنلىكى، ئەمەليەتتە خىتاينىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوقۇرىدا ئېيتىلىۋاتقان يۇقۇرى تېخنىكالىق تەقىپلەش ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىنسانلارنىڭ شەخشى ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەش، يىغىش ياكى ئۇنى ساقلاشقا ئۇرۇنۇشى، ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ قىلمىش. خىتاي ھۆكۈمىتى ساقچى كۈچىنى ئەڭ يوقۇرى سەۋىيەدىكى تەقىپ ئۈسكۈنلىرى بىلەن تەمىنلەپ، بۇ خىل تەرەققىياتلىرى ئارقىلىق ئەمەليەتتە ئۆزىنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. چۈنكى ئۇنداق بىر ئەندىشىسى بولمىغان تەقدىردە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەقىپ سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا  سالغان غايەت زور مەبلىغىنى خەلقنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتكەن بولاتتى.»

«قاراماي تېز خەۋەرلىرى» دە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «جوڭكې تيەنجى» شىركىتى ئورۇنلاشقان قاراماي يوقۇرى تېخنىكالىق ئىقتىساد سانائەت باغچىسىغا قاراماي شەھىرىنىڭ خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش، (شىنجاڭ) بۇلۇت ھېسابلاش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق 5 سانلىق مەلۇمات مەركىزى جايلاشقان ئىكەن. ئۇندىن باشقا Hikvision نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 160 دىن ئارتۇق ئۇچۇر-تېخنىكا شىركىتى تونۇشتۇرۇلغان بۇ رايون، قاراماينىڭ رەقەملىك سانائىتىنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ھازىر قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش سانائەت باغچىسىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش ۋە سانلىق مەلۇمات ساقلاش ئىقتىدارى خىتاينىڭ غەربىي-شىمال رايونى بويىچە ئالدىنقى قاتارىدا ئىكەن.

«جوڭكې تيەنجى» شىركىتىنىڭ تورىدىكى ئاممىغا ئوچۇق ئۇچۇرلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ شىركەت كەلگۈسىدە شوپۇرسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلاشنى پىلانلىغان بولۇپ، سېزىمچان ئېكران، پرىنتېر، كىملىك ئوقۇغۇچ،QR  كود سىكانېرلاش قاتارلىق قاتتىق دېتال مودىللىرىنى قوشۇپ داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرماقتا ئىكەن. شۇنداقلا كەلگۈسىدە 3000 دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىماكتىكەن. بۇ ماشىنىلار يەنە ئاممىۋى بىخەتەرلىك مىكرو سۇپىسى بىلەن ئۇلىنىدىكەن.

ئامېرىكالىق مۇخبىر ۋە يازغۇچى جېففرى كېين شوپۇرسىز چارلاش ماشىنىلىرىنىڭ قاراماينىڭ ئۆزىدە ئىشلىنىشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئەندىشە قوزغايدىغان بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «مەن ھەقىقەتەنمۇ بۇنىڭدىن ئەندىشىلىنىۋاتىمەن. چۈنكى خىتاي ئىلگىرى يۈز تونۇش يۇمشاق دېتاللىرى، كۆزىتىش كامېرالىرى قاتارلىقلارنى ئېكسپرت قىلىپ كەلگەن. گەرچە ئامېرىكا <ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى> نى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمدە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشىدەك خەتەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ يەنىلا جەنۇبىي ئافرىقا، كېنىيەگە ئوخشاش ئافرىقادىكى بىر قىسىم دېكتاتور تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرگە بۇ خىل يۇقۇرى تېخنىكالىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشى مۇمكىنلىكى ئەندىشە قوزغاشقا تېگىشلىك مەسىلە، دەپ قارايمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.