تالىبانلار ئافغانىستاننى قولىغا ئالغان بۇ بىر ئايدىن بۇيان، خىتاينىڭ تالىبانلارغا قاراتقان دىپلوماتىيەسىدە ئۆز ئالدىغا ئىش تۇتۇش ۋە ئىقتىساد ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ھەرىكىتى كۈچەيمەكتە ئىكەن. ئانالىزچىلار ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنىڭ خىتاينى ئالدىرىتىپ قويغانلىقىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بىر ياقتىن خۇشال بولسا، يەنە بىر ياقتىن ئېھتىيات بىلەن ئىش تۇتۇپ، رايون ئۈستۈنلۈكىنى بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشماقتا ئىكەن.
15-سىنتەبىر كانادانىڭ «دۆلەت پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئەجدەرھا خىتاينىڭ قاناتلىرى ئافغانىستاننى قاپلىدى، ئۇ دۇنياغا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشقا ئۇرۇنماقچى» ناملىق ماقالىدە، خىتاينىڭ ئافغانىستان ئارقىلىق «بىر بەلۋاغ بىر يول» كېڭەيمىچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، پارس قولتۇقى ۋە ئەرەب دېڭىزى يولىنى ئېچىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىنىڭ ئاپتورى، تاشقىي سىياسەت مۇتەخەسسىسى شۇۋالوي ماجۇمدار (Shuvaloy Majumdar) نىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئافغانىستاننى گىئو-سىياسىي ئورنى ئىنتايىن مۇھىم دۆلەت دەپ قارىشىدا، پاكىستان ۋە ئىراندىكى مەنپەئەتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن؛ خىتاينىڭ تالىباننى ئىندەككە كەلتۈرۈشى ۋە ئىقتىسادىي ۋەدىلەر بىلەن كونترول قىلىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا پاكىستان بولغىنىدەك، ئىرانمۇ خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنى دەپ دىنىي ئىختىلاپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، خىتاي بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا تەڭشەكلىك رول ئوينايدىكەن. ئاپتور ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «پاكىستان، ئىران، ئافغانىستان ھۆكۈمەتلىرى ئەجدىھا خىتاينىڭ بېشىدىكى ئالتۇن تاج بولۇپ قالدى، بۇ ئەجدەرھا ئامېرىكا تاشلاپ كەتكەن مازارلىقتا مەغرۇرلۇق بىلەن ئايلىنىپ يۈرمەكتە».
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن گەرچە ئۆزىنى ئاقلاپ، ئافغانىستاننى تالىبانلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ ئەمەلىيەتچانلىق ئىكەنلىكىنى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئافغانىستاندىن چېكىنگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بۇ بىر چوڭ خاتالىق ئىكەن. چۈنكى بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە خىتاي مەزكۇر رايوندا ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇۋالىدىكەن. ئاپتور بۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «2020-يىل 5-ئايدا مەن ماقالەمدە خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، غەربنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى يازغانىدىم. خىتاي ھازىر رۇسىيەنى ئۆزىنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىغا، پاكىستاننى بولسا ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي قولى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە سوزۇلدى. ئامېرىكا بىر مەزگىل قوغداپ كەلگەن دۇنيا تەرتىپى ھازىر خىتاينى مەركەز قىلغان دۇنيا تەرتىپىگە ئالمىشىشقا باشلىدى».
ئامېرىكا راند سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سىكوت ھارولد ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنىڭ خىتايغا كۆرسىتىدىغان ئاكتىپ ۋە پاسسىپ تەسىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئافغانىستاننىڭ خىتايغا كۆرە قىممىتى چەكلىك. ئامېرىكا ھەر يىل 45 مىليارد دوللار چىقىم قىلىپ، ئافغانىستاننى قوغداپ كېلىۋاتاتتى. گەرچە بۇ قېتىم ئامېرىكا ئافغانىستاننى تالىبانلارغا تارتقۇزۇپ قويۇپ، ئىناۋىتى تۆكۈلگەن بولسىمۇ، شەرقىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى پاتقاقتىن قۇتۇلۇپ، تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيەلىك بەلۋاغقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلاپ خۇشال بولدى. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئامېرىكانىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئافغانىستان قايتىدىن تېررورلۇقنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. خىتاي تالىباننى ھەمكارلاشقۇچى دەپ قارايدۇ، ئەمما مۇسۇلمانلارنى تېررورچى ھېسابلايدۇ. بۇ يەردە خىتاينىڭ ساختىپەزلىكى ئېنىق. ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن، مۇقىم، دېموكراتىك جەمئىيەت بەرپا قىلالمىدى. خىتاي بولسا ئافغانىستاندا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ۋە بايلىق قېزىشنىڭ كويىدا. ناھايىتى روشەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستان خەلقىنىمۇ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ بىر قوشۇمچە ئامىلى دەپ قارايدۇ، خىتاينىڭ ئومۇمى نىشانى بولسا ئۆز ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەمدە ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بايلىق توپلاش.»
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكانىڭ چېكىنىپ چىقىشى بىلەن خىتاينىڭ بۇ مەنپەئەتلەرنى قولغا كىرگۈزۈشىگە پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينى بۇ رايونىدا ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى ئۇنچە ئاسان بولمايدىكەن.
خىتاي «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى ئارقىلىق ئىقتىساد كارىدورى بەرپا قىلىپ، خىتايغا بايلىق توپلاشنى مەقسەت قىلسىمۇ، بۇنىڭ كەينىدىن سىياسىي ۋە ھەربىي ئۈستۈنلۈك قازىنىشنى نىشان قىلغان. ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاينىڭ يېڭى مۇستەملىكىچىلىكى بولغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى رىمدىن شىئەنگىچە قەدىمىي يىپەك يولى بەرپا قىلىش. بۇ يىپەك يولىنىڭ بىر قىسمى پاكىستان بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئارىسىغا جايلاشقان. خىتاي غەرب دۇنياسىنىڭ بۇ رايوندىكى قاماللىرىنى بۇزۇپ تاشلاش پۇرسىتىنى كۈتۈپ كەلگەنىدى. 2015-يىل، خىتاي ھۆكۈمىتى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» ئۈچۈن 62 مىليارد دوللار مەبلەغ سالدى، 2019-يىل خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن پاكىستان ئارمىيەسى ھەربىي ۋە ئىستىخبارات ھەمكارلىقى ئورناتتى. پاكىستاننىڭ كابۇلدىن كەشمىرگىچە سىڭىپ كىرىپ، ھىندىستانغا تاقابىل تۇرۇش پىلانى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى بىلەن ئاجايىپ ماس كەلدى. خىتاي گەرچە ئافغانىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى كۆزلىسىمۇ، لېكىن بۇ يەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىملىقى ئالدىدا ئۇ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ».
سىكوت ھارولد ئەپەندى خىتاينىڭ تالىبان ئارقىلىق دۇنيادا يېڭى ئاپەت پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تالىبانغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىش تەشەببۇسى تالىبانلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن. ئەگەر سىز خىتاينىڭ ئۆز ئورنىنى قايتا تىكلەش ياكى دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش ئىستراتېگىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل نېمە دېسىڭىز، ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى دەپ جاۋاب بېرىمەن. خىتاي تالىباندىن ئەنسىرەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭدىكى بەزى پۇرسەتلەرنى كۆردى. خىتاي رادىكال ئىسلامىزم ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كەلدى ۋە شۇنى باھانە قىلىپ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ ئاتالمىش قايتا تەربىيە ئېلىپ باردى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى؛ ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشقا ۋە نوپۇسىنى ئازايتىشقا ئۇرۇندى. مەنچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگەرمەيدۇ، بەلكى تالىبانلار خىتايدىن ھەمكارلىق ئىزدەيدۇ. شۇڭا تالىبانلار خىتاينىڭ مەزكۇر رايون ۋە پۈتۈن يەر شارىدا ئۆز ئورنىنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن تۈزگەن ئومۇمىي پىلانىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.»
ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىسىدە قەيت قىلىشىچە، پاكىستان تالىبانلارغا باشتىن ئاياغ ياردەم بېرىپ كەلگەن، بۇنىمۇ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان، تالىبانلار بۇ قېتىم كابۇلنى ئېلىپ، ئاخىرقى ۋىلايەت پەنجىشىرگە ھۇجۇم باشلىغاندا ئىشلەتكەن ئادەمسىز ئايروپىلاننى خىتاي تەمىنلەپ بەرگەن. پاكىستان ھەربىي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ باشلىقى فايىز ھەمىد يېقىندا كابۇلغا بېرىپ، تالىبانلارنىڭ ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىشلىرىغا كۆزەتچىلىك قىلغان، ئۇ يەنە خىتاي ئۈچۈنمۇ ئىشلەيدىكەن. پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈپ پىلان تۈزۈشكەندىن كېيىن، ئىرانغا بېرىپ ئىران پرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي ئىرانغىمۇ 400 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان بولۇپ، غەرب ئەللىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئىمبارگوسىنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلىتىش، ئىران بىلەن ھەربىي قورال ۋە ئىستىخبارات ھەمكارلىقى ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ تالىبان كونتروللۇقىدىكى ئافغانىستاننى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق، مەزكۇر رايوندىكى ئىقتىساد، سىياسىي ۋە ھەربىي ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپتور يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتىدە موللا ئابدۇلغەنى بۇرادەر تيەنجىندە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى. خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئارىلاشمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. پاكىستان دەسلەپتە بۇ ئادەمنى تالىباننىڭ غەرب بىلەن سۆھبەتلىشىپ، مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلايدىغان باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەپ، مەنسىۋىنى ئۆستۈرگەنىدى. ھازىر پاكىستان بۇ دىپلوماتىيەدىن ۋاز كەچتى، ئۇنىڭمۇ مەنسىۋىنى چۈشۈرۈپ، مۇئاۋىن باش مىنىستىر قىلىپ قويدى».
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتور مەدەنىيەتلەر دۇنياسىنى خىتاينىڭ تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:
«بىز چوقۇم بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي يېتەرسىزلىكىمىزنى يېڭىپ، ئەمەلىيەتنى ئېنىق تونۇپ، خىتايدەك رەقىبىمىزگە دادىل يۈزلىنىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن بولۇپ باقمىغان بىر خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇشىمىز كېرەك. ئامېرىكانىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى تىنچلىق ئاياغلىشىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە ئەجدىھا خىتاينىڭ قارا سايىلىرى مەدەنىيەتلەر دۇنياسىنى قاپلىدى. بىزنىڭ بۇ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋاقتىمىز يېتىپ كەلدى».