مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پائالىيىتىنى ئۆزىگە قارشى تەھدىت دەپ قارايدۇ»

0:00 / 0:00

يېقىندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن نيۇ-يوركتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ پىرېزىدېنتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەم ئۇلار بىخەتەرلىك، ئىقتىساد ۋە باشقا مۇھىم مەسىلىلەر بويىچە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئورتاق بىر باياناتقا ئىمزا قويغان. نۆۋەتتە بۇ يېڭى تەرەققىياتنىڭ خىتاينى راھەتسىز قىلغانلىقى مەلۇم. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقانداق پائالىيىتىنى ئۆزىگە قارشى تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارايدىكەن.

«خىتاي گېزىتى» تورى (China Daily) نىڭ 2023-يىلى 22-سېنتەبىردىكى مەخسۇس ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا ۋە ئورتاق ئىمزا قويغان باياناتىغا قەتئىي نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن. «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 19-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ نيۇ-يوركتا ئېچىلغان يىغىن جەريانىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم دۆلەت پىرېزىدېنتلىرى دەرىجىسىدە كۆرۈشتى. ئامېرىكا ھازىر كۆزىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا تىكتى. ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق خىتاي ۋە رۇسىيەگە بېسىم قىلماقچى» .

رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى، دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، خىتاي ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەر قانداق دەرىجىدە ھەمكارلىشىشىنى ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھلىدى: «مېنىڭچە بۇ ماقالە خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە مۇناسىۋەت قۇرۇشىنى ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت ھېس قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مېنىڭچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى باشقا ھەرقانداق دۆلەتكە بېقىنىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت بىلەن ھەمكارلىشىشنى ۋە ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇلار دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ ياخشى مۇناسىۋەت ساقلاشقا قىزىقىدۇ. قىسقىسى، خىتاي ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەر قانداق دەرىجىدە ھەمكارلىشىشىنى ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ قارايدۇ» .

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدىكى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، سىياسەتشۇناس رەھىمجان ھاپىزوف بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتى بارلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ، «بۇ خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان سىياسىتى. ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە پايدىلىق ئىش قىلسىمۇ، خىتاي ئامېرىكانى قارىلايدۇ. » دېدى.

خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆتكەن ئون يىلدا، رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ۋاشىنگتون بەش دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق ئىچكى زىددىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچى ۋە قورچاق ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكانىڭ مەقسىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ياردەم قىلىش ئەمەس، ئۆزىنىڭ گىئو-ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىگە يىتىش» .

قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق گىئو-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى، پىروفېسسور شېرىپجان نادىروف ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ: «ئامېرىكا بىلەن دوست بولۇش خىتايغا دۈشمەن بولۇش دېگەنلىك ئەمەس. ئامېرىكا بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن پايدىلىق» دېدى.

پېنسىلۋانىيە شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى ۋىليام دۇيكېر (Wlliam Duiker) بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە سىياسىي تەسىر دائىرىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ماقالىنى <خىتاي گېزىتى» تورىدىن ئوقۇدۇم. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق يازىدۇ؟ بۇنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. خىتاي ۋە رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزلىرىنىڭ ئومۇمىي تەسىر دائىرىسى، يەنى ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە سىياسىي تەسىر دائىرىسىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. ھازىر خىتاي سىرتقى ھەرقانداق كۈچنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرىكىتىنى، جۈملىدىن ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي تەسىرى ۋە پائالىيىتىنى ئۆزىگە قارشى تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ ئويلايدۇ. بۇ يەردىكى خىتاينىڭ بەرمەكچى بولغان سىگنالى ئامېرىكادىن كۆپرەك ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە قارىتىلغان. بۇ، ئۇلارغا (يەنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە) ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئۇلارغا پايدىلىق بولمايدۇ دېمەكچى. يەنە بىرى خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ. مەنچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشى ۋە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەت ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق. ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ قارايمەن. قىسىقى بۇ كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ھەرقايسى C5+1 تەرەپلەر ئۈچۈن پايدىلىق» .

يېقىندا، جون ھېربىست (John E. Herbst) ۋە ئەنجىروۋ دىنيېرى (Andrew D’Anieri) قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرمۇ ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە باشقا ساھەلەردە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن. بۇنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ تەكىتلىگەنىدى.